ESERLAR
ئەڭ يېڭى ئەسەرلەر
ئاۋات ئەسەرلەر
ئەرلەر ، ئاياللار ۋە مۇھەببەت


ئەرلەر ، ئاياللار ۋە مۇھەببەت


 

ئەرلەر ئازابلىنىشقا رازىكى ئەپسۇسلىنىشنى خالىمايدۇ ،ئاياللار بولسا كۆپىنچە ھاللاردا ئەپسۇسلىنىپ يۈرۈيدۇ ،ئەمما ئازاپ چېكىشنى خالاپ كەتمەيدۇ .


 

ئەرلەر تەنھا قالسا ،بىرەر ئىشتا نەتىجە يارىتىدۇ ،ئاياللار بەك نەتىجە قازىنىپ كەتسە ئاخىر بېرىپ تەنھا قالىدۇ .


 

ئەرلەر ئىقتىسادچىل بولسا ،پىخسىق كۆرىنىدۇ ،ئاياللار تېجەشلىك بولسا ،ئوي تۇتۇشقا ئۇستا ،قۇلى چىۋەر كۆرۈنىدۇ .


 

ئەرلەر كەسكىن بولسا ،كىشىگە سالاپەتلىك تۇيغۇ بېرىدۇ ،ئاياللار بەك كەسكىن بۇلۇپ كەتسە ،كىشىگە يەڭگىلتەك، چاكىنا تۇيۇلىدۇ.


 

ئەرلەرنىڭ نەزىرىدە تىكەننىڭ ئارىسىدا گۈل بولىدۇ ،ئاياللارنىڭ نەزىرىدە گۈلنىڭ ئارىسىدا تىكەن بولىدۇ .


 

ئەرلەر مەست بولغاندا ھەسرەت چېكىدۇ ،ئاياللارنىڭ چۈشى بۇزۇلۇپ قالسا ھەسرەتلىنىدۇ .


 

ئەرلەر بىرەر قىيىنچىلىق ياكى ئوڭۇشسىزلىققا ئۇچرىسا :<<مەن ياشىشىم كېرەك &t;&t;دىگەننى ئويلايدۇ ،ئاياللار بولسا ئالدى بىلەن <<مەن ئەمدى قانداق ياشايمەن ؟&t;&t;دىگەننى ئويلايدۇ .


 

ئەرلەر ياش تۆكسە خەقنىڭ مەسخىرىسىگە قالىدۇ ،ئاياللار يىغلىسا خەقنىڭ ھېسداشلىقىنى قوزغايدۇ .


 

ئەرلەر كەمسۆز بولسا تەمكىن كۆرۈنىدۇ ،ئاياللار كەمسۆز بولسا ئېغىر - بېسىق كۆرۈنىدۇ .


 

بىر ئادەمنى سۈيۈشكە نۇرغۇن بەدەل كېتىدۇ ،ئەمما ھېچكىمنى سۆيمەسلىككە تېخىمۇ كوپ بەدەل كېتىدۇ .


 

نىكاھ قارشى تەرەپكە ۋەدە بېرىش ئەمەس ،قارشى تەرەپنى چەكلەشمۇ ئەمەس ،بەلكى ئوز- ئۆزىنى چەكلەشتۇر .


 

ئۇچ خىل ئەرلەر خوتۇنىدىن قورقىدۇ ،ئۇلار :يانچۇقىدا پۇلى يوق ئەرلەر ،،خوتۇنى بەك چىرايلىق ئەرلەر ۋە خوتۇنى ھوقۇقدار ئەرلەر .


 

ئەرلەر پۇل تاپسا يولدىن چىقىپ كېتىدۇ ،ئاياللار يولدىن چىقىپ كەتسە پۇل تاپالايدۇ .


 

ئەرلەرنىڭ ھەممىسى تۇغۇلۇشىدىنلا باراۋەر بولىدۇ ،توي قىلىپ بولغانلار بۇنىڭ سىرتىدا .


 

كۆپىنچە ھاللاردا دوستلۇق دوستلۇققا خائىنلىق قىلىدۇ ،مۇھەببەت مۇھەببەتكە خائىنلىق قىلىدۇ .


 

مەنبە : ھاياتلىق ژورنىلى

 

تاقاش

| بىز ھەققىدە | ئېلان بىرىڭ | مۇلازىمەتلىرىمىز | خېرىدارلىرىمىز | پىكىر بىرىڭ | بىكەت خەرىتىسى |

تور بىكىتىمىزگە يوللانغان ھەر قانداق كىنو - فىلىم ، ناخشا - مۇزىكا ۋە رەسىملەر توردىن ئېلىنغان ، ئەگەر نەشىر ھۇقۇقىغا دەخلى يەتكۈزدى دەپ قارالغان مەزمۇنلار بولسا بىز بىلەن ئالاقىلىشڭ

(ICP11003167 )ئېلان - ئالاقە تېلېفۇن : 2561272-0991 QQ:527377610  TEL:13899847776