ئائىلە ماجراسىنىڭ ئالدىنى ئېلىشتىكى ئەپچىل چارىلەر
نىكاھلانغاندىن كېيىن ئەر -خوتۇنلار ئوتتۇرىسىدا ئائىلە ئىشلىرى ،ئىقتىسادىي مەسىلە،پەرزەنتلەرنى ئوقۇتۇش ،چوڭلارنى بېقىش قاتارلىق مەسىلىلەردە يۈز بېرىدىغان ئىختىلاپلاردىن ساقلىنىش تەس .ئەگەر ئۇنداق مەسىلىلەر ئوبدان بىر تەرەپ قىلىنمايدىكەن ،ئەر -خوتۇنلار ئوتتۇرىسىدىكى ھېسسىياتقا تەسىر يېتىدۇ ،ھەتتا تۇرمۇش بۇزۇلۇپ كېتىش مۇمكىن .ئۇنداقتا ،قانداق قىلغاندا ئەر -خوتۇنلار ئوتتۇرسىدىكى تۈرلۈك زىددىيەت ،ماجىرالاردىن ساقلىنىپ ،ئىناقلىقنى ساقلاپ قالغىلى ۋە داۋاملاشتۇرغىلى بولىدۇ.
سۈكۈتتە تۇرۇۋېلىڭ :
قارشى تەرەپنىڭ ئاچچىقى كېلىپ تازا ئەزۋەيلەپ كەتكەندە ئەڭ ياخشىسى گەپ قىلماي ئۆزىڭىزنىڭ ئىشىنى قىلىۋېرىڭ ياكى بىر پىيالە چاي قۇيۇپ قارشى تەرەپنىڭ ئالدىغا قويۇپ قويۇڭ ،بۇ ئۇسۇل جېدەلنى ۋاقتىنچە پەسەيتىدۇ .قارشى تەرەپنىڭ ئاچچىقى يانغاندىن كېيىن ئۇنىڭ بىلەن پىكىر ئالماشتۇرسىڭىز بولىدۇ .
گەپنى يۆتكەڭ :
قارشى تەرەپ مەلۇم بىر ئىشنى تەگەپ قالغاندا ،سىز دەرھال گەپنىڭ تېمىسىنى باشقا ياققا ،بولۇپمۇ ھەر ئىككى تەرەپ خۇشال بولىدىغان ئىشلارغا يۆتكەڭ ،بۇ ئۇسۇل تەگىشىىشنىڭ جېدەلگە ئايلىنىپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ.
ئۆزىڭىزنى قاچۇرۇڭ :
تاساددىپىي توقۇنۇش يۈز بېرىشنىڭ ئېھتىمالى بارلىقنى بايقىغان چېغىڭىزدا دەرھال ئۆيدىن چىقىپ كېتىڭ .قارشى تەرەپ ئاچچىقىنى چىقىرىدىغان ئادەم بولمىغاندىن كېيىن ئۆزلۈكىدىن پەسىيىپ قالىدۇ .
چاقچاق قىلىڭ :
بۇ جېدەل -ماجىرانىڭ كەسكىنلىشىپ كېتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىشتىكى ياخشى ئۇسۇل ،ئۆز لايىقىدا قىلىنغان چاقچاق جىددىي كەيپىياتنى پەسەيتىپ ئىناقلىق پەيدا قىلىدۇ .
بىر مەزگىل ئايرىلىپ تۇرۇڭ :
ئەر -خوتۇنلار ئوتتۇرىسىدىكى زىددىيەت كەسكىنلىشىپ كەتكەندە ،-كۈن ساياھەتكە چىقىپ كېتىش كېرەك ،بۇ خىل ئۇسۇل ئەر -خوتۇنلارنى بىر -بىرىنى سېغىنىشقا ئۈندەيدۇ .
خاتالىقىڭىزنى تونۇڭ :
ئەر -خوتۇنلارنىڭ ئۆز ئارا چىقىشالماسلىقىدا ئادەتتە ھەر ئىككى تەرەپنىڭ مەسئۇلىيىتى بولىدۇ .شۇڭا قارشى تەرەپنىڭ ياخشى تەرەپلىرىنى كۆپرەك كۆز ئالدىغا كەلتۈرۈش ،ئۆزىنىڭ يېتەرسىزلىكلىرىنى تەكشۈرۈپ ،تەشەببۇسكارلىق بىلەن خاتالىقىنى تونۇش لازىم .
ئۆيدە نوچىلىق قىلماڭ :
ئەر -خوتۇن بىر -بىرى بىلەن ئېلىشىدىغان رەقىبلەر ئەمەس ،پىرىنسىپىسز ئۇششاق -چۈششەك ئىشلاردا كۆڭلى -كۆكسىڭىزنى كەڭ تۇتۇڭ .
ئىجتىمائىي ئورنىڭىزنى ئۆيگە ئېلىپ كىرمەڭ :
خانىش بولسىڭىزمۇ سىز ئۆيدە بەرىبىر خوتۇن ،شاھ بولسىڭىزمۇ سىز ئۆيدە بەرىبىر ئەر .
خۇسۇسىي مەنپەئەتكە كەلگەندە سېنىڭ ،مېنىڭ دەپ ئايرىماڭ :
سەن قانداق خەجلىدىڭ ،مەن قانداق خەجلىدىم دەپ يىپىدىن -يىڭنىسىغىچە سۈرۈشتۈرۈش ئەر -خوتۇنغا مۇناسىپ ئەمەس .
ئېرىڭىزنى باشقىلار بىلەن سېلىشتۇرۇپ يۈرمەڭ ؛
دۇنيادا ئوپمۇ ئوخشاش يوپۇرماق بولمايدۇ .توزنىڭ جۇلالىق قانىتى بولسىمۇ ،بۇلبۇلدەك ناۋاسى يوق .
مەنبە : پەن ۋە تۇرمۇش ژورنىلى
| بىز ھەققىدە | ئېلان بىرىڭ | مۇلازىمەتلىرىمىز | خېرىدارلىرىمىز | پىكىر بىرىڭ | بىكەت خەرىتىسى |
تور بىكىتىمىزگە يوللانغان ھەر قانداق كىنو - فىلىم ، ناخشا - مۇزىكا ۋە رەسىملەر توردىن ئېلىنغان ، ئەگەر نەشىر ھۇقۇقىغا دەخلى يەتكۈزدى دەپ قارالغان مەزمۇنلار بولسا بىز بىلەن ئالاقىلىشڭ
(ICP11003167 )ئېلان - ئالاقە تېلېفۇن : 2561272-0991 QQ:527377610 TEL:13899847776