ESERLAR
ئەڭ يېڭى ئەسەرلەر
ئاۋات ئەسەرلەر
ئەرلەر دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك ئىشلار


ئەرلەر دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك ئىشلار


 

ئەرلەر تۇرمۇشىدا تۆۋەندىكى ئىشلاردىن ساقلىنىش كېرەك:
.ئايالىڭىز بىلەن قىمار ئوينىماڭ.ئەگەر ئۇ ئۇتىۋالسا يۈزىڭىز چۈشۈپ كېتىدۇ،ئەگەر سىز ئۇتىۋالسىڭىز ھېچقانداق تۆھپە سانالمايدۇ.
.ئايالىڭىز بىلەن ھاراق ئىچمەڭ.ئاياللار مەس بولسا ئاياللىقىنى يوقىتىدۇ،سىز مەس بولسىڭىز ئېنىقكى، تېخىمۇ بولمايدۇ.چۈنكى ئاياللارنىڭ بىر ئۆمۈرلۈك شىكايىتىدە ئېرىنىڭ ھاراق ئىچىشى ئەڭ چوڭ سەۋەنلىك.
.ئايالىڭىزغا مۇھەببەت تارىخىڭىزنى سۆزلەپ يۈرمەڭ. مۇناسىۋىتىڭلار ياخشى بولمىسا ئوت ئۈستىگە ياغ چاچقان بولىسىز.مۇناسىۋىتىڭلار ياخشى بولسا كۆڭۈلسىزلىك پەيدا قىلىسىز.
.ئايالىڭىزغا پۇلنى سوۋغات قىلىپ بەرمەڭ.پۇل ياخشى ئايالنى يامان يولغا باشلايدۇ،يامان ئايالنى بولسا تېخىمۇ قەبىھلەشتۈرىدۇ.
.ئايالىڭىزغا باشقا ئاياللارنىڭ پارىڭىنى قىلماڭ.ئەگەر باشقا ئاياللاردىن زوقلانسىڭىز ئۇنىڭ كۈنچىلىكى تۇتىدۇ،زاڭلىق قىلسىڭىز ئۆزىگە ئېلىۋالىدۇ.
.ئايالىڭىزغا باشقا ئەرلەرنىڭ پارىڭىنى قىلماڭ.ئاياللار ئۆمۈر بويى ئەرلەرنى تەتقىق قىلىدۇ،ئۇ ئەرلەرنى سىزدىنمۇ بەك چۈشىنىدۇ.
.ئايالىڭىزبىلەن مۇنازىرە  قىلماڭ.ئاياللار قىزىققان بولىدۇ،ئاچچىقى كەلسە تېخىمۇ ئۆكتەم بولىۋالىدۇ.
.ئايالىڭىزنى ئالدىماڭ.ئاياللارنىڭ ئەڭ كەچۈرمەيدىغىنى ئۆزى ياخشى كۆرگەن ئادىمىنىڭ ئۇنى ئالدىشى.
.ئايالىڭىز بىلەن تەڭ ھالەتتە يەنە بىرىنى سۆيىمەن، دەپ خام خىيال قىلماڭ.تويدىن كېيىن ئاشنا تۇتۇش-ئىككى ياقتىن سىقىلىپ ئۆلۈش دېگەنلىكتۇر.

 

تاقاش

| بىز ھەققىدە | ئېلان بىرىڭ | مۇلازىمەتلىرىمىز | خېرىدارلىرىمىز | پىكىر بىرىڭ | بىكەت خەرىتىسى |

تور بىكىتىمىزگە يوللانغان ھەر قانداق كىنو - فىلىم ، ناخشا - مۇزىكا ۋە رەسىملەر توردىن ئېلىنغان ، ئەگەر نەشىر ھۇقۇقىغا دەخلى يەتكۈزدى دەپ قارالغان مەزمۇنلار بولسا بىز بىلەن ئالاقىلىشڭ

(ICP11003167 )ئېلان - ئالاقە تېلېفۇن : 2561272-0991 QQ:527377610  TEL:13899847776