ئەرلەرنىڭ چىن مۇھەببەتكە بولغان خىل ئىپادىسى
نۆۋەتتە قىز- ئاياللارنىڭ بىردىنبىر كۆڭۈل بۆلىدىغىنى سۆيگۈنىنىڭ قەلبىدىكى ئورنى، يەنى سۆيگۈنىنىڭ ئۆزىنى قانچىلىك دەرىجىدە ياخشى كۆرىدىغانلىقىدىن ئىبارەت. ئۇنداقتا تۆۋەندىكى ئەرلەرنىڭ ئىپادىسىدىن سۆيگۈنىڭىزنىڭ كۆڭلىدىكىنى بىلىپ بېقىڭ:
. ئەرلەر سۆيگەن ئادىمىگە ھەر ۋاقىت تېلېفون بېرىپ تۇرۇشنى ئۇنتۇمايدىكەن، گەرچە ئۇنىڭ قارشى تەرەپكە دەيدىغان مۇھىم گېپى بولمىسىمۇ، سۆيگۈنىنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلاشنى ياخشى كۆرىدىكەن؛
. ھېچكىمگە ئېيتمىغان سىرلىرىنى سۆيگەن ئادىمىگە ئېيتىپ بېرىدىكەن، دائىم ئۇنىڭ بىلەن سىردىشىدىكەن، دوست، بۇرادەرلىرىنىڭ ئالدىدا دائىم دىگۈدەك ئۇنىڭ ياخشى گېپىنى قىلىدىكەن؛
. سۆيگەن ئادىمىنىڭ يېقىن دوستىغا ياردەم بېرىشنى خوشاللىق دەپ بىلىدىكەن؛
. سۆيگۈنىدىن باشقا قىزلارغا زوقلىنىپ قارىمايدىكەن، سۆيگۈنى بىلەن پاراڭلاشقاندا ئۇنىڭ لېۋى بىلەن كۆزىگە قاراشنى ياخشى كۆرىدىكەن؛
. ئۇچرىشىشقا دەل ۋاقتىدا بارىدىكەن، چۈنكى ئەرلەر سۆيگەن ئادىمىنى كۆرۈشنى ھەر ۋاقىت تەقەززالىق بىلەن كۈتىدىكەن؛
. سۆيگەن ئادىمىنىڭ ھەر قانداق قىزىقىشىنى، گەرچە قارشى تەرەپنىڭ قىزىقىشىنىڭ تىلغا ئالغۇچىلىكى بولمىسىمۇ، ئۇنىڭ قىزىقىشىغا ھۆرمەت قىلىدىكەن ۋە سۆيگۈنىنىڭ ياخشى كۆرىدىغان ئىشىنى قىلىشىغا ئىلھاملاندۇرىدىكەن؛
. ئەرلەر بۇرۇنقى رومانتىك ھېكايىلەرنى دوراپ سۆيگۈنىنى خوش قىلىشنى خالىمايدىكەن، شۇنداقلا ئۆزىنىڭ ئۇسۇلى بىلەن قارشى تەرەپنىڭ مۇھەببىتىگە ئېرىشىشنى ياخشى كۆرىدىكەن؛
. بىر قېتىملىق ئۇچرىشىش ئاخىرلىشىپ خوشلىشىدىغان ۋاقىتتا كېلەر قېتىملىق ئۇچرىشىشىنىڭ ۋاقتىنى
بېكىتىپ قويىدىكەن؛
. ئۇ دائىم سۆيگۈنىنى «خوتۇن» دەپ چاقىرىشىنى ياخشى كۆرىدىكەن، لېكىن بۇ خىل ئىپادە
ئەرلەرنىڭ سۆيگۈنىنى پۈتۈنلەي ياخشى كۆرىدىغانلىقىدىن دېرەك بەرمەيدىكەن، تاكى قېتىملىق ئۇچرىشىشقىچە ئەرلەرنىڭ ئىپادىسى ئۆزگەرمىسە، ئاندىن ئۇنىڭ مۇھەببىتىنىڭ چىن ئىكەنلىكىگە ئىشىنىشكە بولىدىكەن.
سىناپ بېقىڭ، بەلكىم يۇقىرىقى ئەرلەرنىڭ ئىپادىسىدىن يېنىڭىزدا كېتىۋاتقان، دائىم سىز بىلەن بىللە
يۈرۈۋاتقان سۆيگۈنىڭىزنىڭ سىزگە بولغان مۇھەببىتىنىڭ قانچىلىك ئىكەنلىكىگە جاۋاپ تاپالارسىز.
مەنبە : قانۇنچىلىق گېزىتى
| بىز ھەققىدە | ئېلان بىرىڭ | مۇلازىمەتلىرىمىز | خېرىدارلىرىمىز | پىكىر بىرىڭ | بىكەت خەرىتىسى |
تور بىكىتىمىزگە يوللانغان ھەر قانداق كىنو - فىلىم ، ناخشا - مۇزىكا ۋە رەسىملەر توردىن ئېلىنغان ، ئەگەر نەشىر ھۇقۇقىغا دەخلى يەتكۈزدى دەپ قارالغان مەزمۇنلار بولسا بىز بىلەن ئالاقىلىشڭ
(ICP11003167 )ئېلان - ئالاقە تېلېفۇن : 2561272-0991 QQ:527377610 TEL:13899847776