ئاياللارنىڭ كۆڭلىدىكى سۆز
تۇرمۇش رېتىمىنىڭ تېزلىشىشىغا ئەگىشىپ ، ئاياللارنىڭ تۇرمۇش ۋە خىزمەتتىكى يۈكى بارغانسېرى ئېغىرلىشىپ ، ئۇچرايدىغان جىسمانىي ۋە روھىي بېسىمى ئېشىپ بارماقتا . بۇ قاتمۇ – قات بېسىملارغا ئۇچراۋاتقان ئاياللار مېھىر – مۇھەببەت . كۆيۈنۈش ، تەسەللىيگە تېخىمۇ مۇھتاج بولماقتا . ئاياللارنىڭ بۇ بېسىمىنى يېنىكلىتەلەيدىغان بىردىنبىر كىشى ئۇنىڭ قەدىردان جورىسى بولۇپ ، تۆۋەندە مەن كۆپلىگەن ئاياللارنىڭ ئورتاق قەلب ساداسىنى ئاشۇ ئەرلەرگە ئاڭلىتىپ ئۆتمەكچىمەن .
. ئايالىڭىزغا كۆيۈنۈڭ ، قايغۇسى ۋە خوشاللىقىغا ئورتاق بولۇڭ . ئاياللار ئۈچۈن مېھىر – مۇھەببەت ئاش – ناندىنمۇ مۇھىم . شۇنداقكەن ، ئۇ سىزنىڭ كۆيۈنۈشىڭىزدىن ، كۆڭۈل بۆلىشىڭىزدىن ، تەسەللىيلىرىڭىزدىن قەلبى ئىللىقلىققا تويۇنۇپ ، ئۆزىنى بەخىتلىك ھېس قىلىدۇ ھەم سىزگە بولغان ئەقىدە – ئىخلاسى تېخىمۇ ئاشىدۇ .
. ئۆيىڭىزگە ئالدىراڭ . بىر ئائىلىنىڭ ئەڭ خوشاللىققا تولىدىغان ۋاقتى جەم بولۇپ بىللە تاماق يېگەن چېغى بولۇپ ، سىز دوستلىرىڭىز بىلەن رېستۇرانلاردا ، تاماقخانىلاردا تاماق يەپ ، كۆڭۈل ئېچىپ ئولتۇرغىنىڭىزدا ئۆيىڭىزدە تاماق يىمەي ، ئۇخلىماي ئەنسىرەش ئىچىدە سىزنى ساقلاۋاتقان خوتۇن – بالىلىرىڭىزنى ئويلاپ قويۇڭ . ناۋادا مۇھىم ئىشىڭىز چىقىپ قالسا ، ھېچبولمىسا ئائىلىڭىزدىكىلەرنى خەۋەرلەندۈرۈپ قويۇشنى ئۇنۇتماڭ .
. جۆرىڭىز ۋە ئائىلىڭىزگە سادىق بولۇڭ . ئاياللارنىڭ سىزدىن ئەڭ كۈچلۈك تەلەپ قىلىدىغىنى ۋاپا ۋە ساداقەت . شۇڭا ھەقىقىي ھەر ، مەسئۇلىيەتچان دادا بولىمەن دەيدىكەنسىز ، جۆرىڭىز ۋە ئائىلىڭىزگە ساداقەتمەن ۋە مەسئۇلىيەتچان بولۇڭ ، ئايالىڭىزغا ۋاپاسىزلىق قىلماڭ .
. ئايالىڭىزغا پات – پات تېلېفون قىلىپ ، ئەھۋالىدىن خەۋەردار بولۇپ تۇرۇڭ . ئايالىڭىزنىڭ قەلبىنى سۆيۈندۈرەي ، ئۆزىڭىزگە تېخىمۇ رام قىلاي دېسىڭىز ، كاماندىروپكا ياكى سىرتقا چىققان چاغلىرىڭىزدا ئايالىڭىزغا پات – پات تېلېفون بېرىپ ئۇنىڭدىن ئەھۋال سوراڭ . ئۇنىڭ ھارغىنلىقتىن يېنىكلىشىگە ياردەم بېرىڭ .
. ئايالىڭىزغا ئىللىق سۆزلەشنى ۋە ئۇنى ماختاشنى كۈندىلىك ئادىتىڭىزگە ئايلاندۇرۇڭ . ئاياللار ئەرلەرگە قارىغاندا رومانتىك كېلىدۇ . شۇ ئۇ ئېرىنىڭ شېرىن سۆزلىرىدىن ، ئۆزىنى ماختاپ – تەرىپلىشىدىن ئۆزىگە بولغان ئىشەنچىسى ئېشىپ ، سىزگە بولغان مېھرى تېخىمۇ كۈچىيىدۇ .
. ئائىلە ئىشلىرىغا كۈچىڭىزنىڭ يېتىشىچە ھەمدەم بولۇڭ . ئائىلە ئىشلىرىغا مۇۋاپىق ياردەمدە بولغىنىڭىزمۇ سىزنىڭ مۇھەببەت ئىپادىلىشىڭىزنىڭ بىر خىل شەكلى . ئۇ بۇ خىل روھىڭىزنىڭ تەسىرىدىن سىزدىن مىننەتدار بولىدۇ ، ئائىلەڭلەرمۇ بەخت ساداسىغا چۆمۈلىدۇ .
مەنبە : «پەن ۋە تۇرمۇش» ژورنىلى
| بىز ھەققىدە | ئېلان بىرىڭ | مۇلازىمەتلىرىمىز | خېرىدارلىرىمىز | پىكىر بىرىڭ | بىكەت خەرىتىسى |
تور بىكىتىمىزگە يوللانغان ھەر قانداق كىنو - فىلىم ، ناخشا - مۇزىكا ۋە رەسىملەر توردىن ئېلىنغان ، ئەگەر نەشىر ھۇقۇقىغا دەخلى يەتكۈزدى دەپ قارالغان مەزمۇنلار بولسا بىز بىلەن ئالاقىلىشڭ
(ICP11003167 )ئېلان - ئالاقە تېلېفۇن : 2561272-0991 QQ:527377610 TEL:13899847776