ھەر كىم ئۆز نىكاھىنىڭ قۇتقۇزغۇچىسى
سېنىڭ ئۆيگە كېلىپ قىلىدىغان تۇنجى ئىشىڭ تېلىفۇن خاتىرىسىنى تەكشۈرۈش، تېلىفۇن خاتىرىسىدىن ئىزدىگەن نومۇرنى تاپالمىساڭ ، چاچلىرىڭنى يۇڭداپ، ۋاقىرىغان پېتى تېلىفۇن تۇرۇپكىسىنى قولۇڭغا ئالىسەن-دە ، زەردە بىلەن ئۆز ئىسمىڭغا ئوخشاش يادا بولۇپ كەتكەن نومۇرلارنى باسىسەن، سېنىڭ تېلىفۇنىڭنى ئالىدىغان ئادەم يوق، قايتا-قايتا ئۇرىسەن تاكى ھېرىپ ھالىڭدىن كەتكىچە ئۇرىسەن. بۇ چاغدا ئۆزۈڭنىڭ نېمىگە ئوخشاپ قالىدىغانلىقىڭنى بىلەمسەن؟ ئەينەككە قاراپ باقساڭلا، بىلەتتىڭ. ئەپسۇس، سېنىڭ ئەينەككە قارايدىغانغا رايىڭ يوق، سېنىڭ مۇشۇنداق بولۇپ قالغىنىڭغا دەل يېرىم يىل بولۇپ قالدى. مەيلى يولدا بولسۇن ياكى خىزمەت ۋاقتىسا بولسۇن، پۈتۈن ئېسيادىڭ تېلىفۇندا، قولۇڭ شۇ تونۇش نومۇرلار ئۈستىدە يورغىلايدۇ. تېلىفۇن گاھىدا تۇيۇقسىز ئۇلىنىپ قارشى تەرەپتىن ساڭا تونۇش ئاۋاز ئاڭلىنىدۇ، بۇ ئاۋازغا قانچە تەشنا بولغانسېرى، ئاۋازىڭنى شۇنچە يۇقىرى چىقىرىپ ۋاقىرايسەن، تىللايسەن، ئۆزۈڭنى تۇتۇۋالاي دەيسەن-يۇ، ئۇنداق قىلالمايسەن. بەزىدە ئۆزۈڭگە تونۇش، تەققەززا بولۇۋاتقان شۇ چىراي كۆز ئالدىڭدا پەيدا بولۇپ قالىدۇ، بۇنداق چاغدا ئەھۋال تېخىمۇ چاتاق بولىدۇ. ئۇنىڭ ياقىسىغا ئېسىلىسەن، دۇنيادىكى ئەڭ سەت گەپلەر بىلەن تىللايسەن، شۇنىڭ بىلەن ئۇنى تېخىمۇ ئۇزاق مەزگىلگىچە كۆرەلمەيسەن. سەن ھەتتا ئۇنى ئىزدەپ خىزمەت ئورنىغا بارىسەن، باشلىقلىرىغا، خىزمەتداشلىرىغا ئۇنىڭ يامان گېپىنى قىلىسەن، بىراق بۇنىڭ نەتىجىسى يەنىلا كۈتكىنىڭدەك بولمايدۇ. سېنىڭ نىكاھىڭ ۋەيران بولۇش گىردابىغا بېرىپ قالغان ئىدى، سەن ئۈمىدىڭنى ئۈزۈپ، سەل پەسكويغا چۈشتۇڭ. سەن ئۇنىڭ ئالدى بىلەن ئېغىز ئېچىشىنى كۈتۈۋاتتىڭ، بىراق ئۇ يەنىلا جىم تۇرۇۋالدى.
بىر كۈنى ئوتتۇرا مەكتەپتە بىللە ئوقۇغان، ئالاقىلاشمىگىلى يىلدىن ئاشقان دوستۇڭغا تېلىفۇن بەرگۇڭ كېلىپ قالدى، سەن قارشى تەرەپنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلاش بىلەن تەڭ يىغلاپ كەتتىڭ، ئۇ يىغا ئىچ-ئىچىڭدىن چىقىۋاتاتتى، دوستۇڭ سۈكۈتتە تۇراتتى، ئۇ سېنىڭ ئىشلىرىڭنى باشقا ساۋاقداشلاردىن ئاڭلىغان، سېنىڭ تېلىفۇن بېرىشىڭنى كۈتۈپ تۇرغان ئىدى. سەن شۇنداق قاتتىق يىغلىدىڭكى، يىغىدىن توختىغاندا بىراقلا يېنىكلاپ قالغاندەك بولۇپ قالدىڭ. دوستۇڭ سۆزۈڭگە قۇلاق سالدى. سەن دوستۇڭغىمۇ ئۇنىڭ يامان گېپىنى قىلدىڭ، ئۇنى دۇنيادىكى ئەڭ مەسئۇلىيەتسىز، ئەڭ پەسكەش ئەر، دەپ تەسۋىرلەپ بەردىڭ، دوستۇڭ گېپىڭنى ئاڭلاپ بولغاندىن كېيىن، مەكتەپتىكى غەمسىز، ئۆزۈڭگە ئىشنىدىغان، خوشال-خورام بەختلىك چاغلىرىڭنى ئەسلىتىپ ساڭا تەسەللى بەردى. سەن يەنىلا سەن، ئۇ جېنىنىڭ بېرىچە قوغلىشىپ ئاران دېگەندە قولغا كەلتۈرگەن ساھىپجامال، ئۆزۈڭگە بولغان ئىشەنچىڭنى يوقىتىپ قويما . سەن دۇستۇڭنىڭ نېمە دېمەكچى بولغانلىقىنى ئاڭقىرىپ بولغىچە، قارشى تەرەپتىن يەنە ئۇنىڭ ئاۋازى ئاڭلاندى:ئۆزۈڭنى بېسىۋېلىپ، ئەتە تېلىفۇن بەر سەن تۇرۇپكىنى قويدۇڭ، ئۇنىڭ ئېيتقىنى توغرا ئىدى. سەن ئىلگىرىكى خۇشال ئۆتكەن كۈنلەرنى ئەسلىدىڭ، ئۇنىڭ بىلەن بىللە بولغان شۇنچە كۆپ كۆڭۈللۈك كېچە ۋە كۈندۈزنى ئەسلىدىڭ. ئۇنىڭ ساڭا قاراشلىرى قاچاندىن باشلاپ ئۆزگىرىپ قالدى، قاچاندىن باشلاپ سەندىن، ئىككىڭلارنىڭ ئورتاق جەننىتى بولغان ئۆيۈڭلاردىن قاچىدىغان بولۇپ قالدى، ئۇ ھەتتا بالىغۇمۇ تارتىشمايدىغان بولىۋالدى...
ئەتىسى دوستۇڭغا تېلىفۇن بەردىڭ، بۇ نۆۋەت ئۆزۈڭنى خېلىلا تۇتۇۋالغان ئىدىڭ. دوستۇڭ ئالدى بىلەن سەندىن ئۆزىگە ئىشىنىدىغان-ئىشەنمەيدىغانلىقىنى سورىدى. سەن ئەلۋەتتە ئىشىنىمەن دەپ جاۋاب بەردىڭ؛ دوستۇڭ سەندىن ئۇنى يەنىلا ياخشى كۆرەمسەن؟ دەپ سورىدى، سەن ياخشى كۆرىمەن دەپ جاۋاب بەردىڭ. سەن ئۇنىڭغا ھەقىقەتەن چىدىمايتىڭ، شۇنىڭ بىلەن دوستۇڭ ساڭا ئەگەر دېگىنىم بويىچە قىلىشقا قوشۇلساڭ، ئۇنى ئۈچ ئايدىن، يېرىم يىلغىچە بولغان ۋاقىتتا يېنىڭغا قايتۇرۇپ كېلىشكە كېپىللىك قىلىمەن دېدى. سەن داڭ قېتىپ تۇرۇپلا قالدىڭ، بۇ مۇمكىنمۇ؟ ئۇنىڭ ئۆيدىن كۆڭلى بۆلىنىپ كەتكىلى يېرىم يىلدىن ئاشقان تۇرسا.
سېنىڭ ھەقىقەتەن تەلىيىڭ بار ئىدى، سېنىڭ ئۇ دوستۇڭ پىسخولوگىيە دۇختۇرى ئىدى. ئۇ بۇ كەسىپنى خىزمەتكە چىققاندىن كېيىن ئۆگەنگەن بولغاچقا، سىلەر بۇنىڭدىن تېخى خەۋەرسىز ئىدىڭلار، شۇنىڭ بىلەن سەن دوستۇڭنىڭ سۆزىگە قۇلاق سالدىڭ: -قەدەمدە: چېچىڭنى ياستىسەن، سېنى كۆرمەي تۇرۇپلا ئىلگىرىكى ھالىتىڭدىن ئەسەرمۇ قالمىغانلىقىنى پەرەز قىلىپ بولدۇم، ئىلگىرىكى ۋاقىتلىرىڭكىدەك چىرايلىق يانىسەن؛ -قەدەمدە: ئۆيۈڭنى چىرايلىق تۈزەشتۈرىسەن، دېسەم-دېمىسەم ئۆيۈڭ ئېغىلغا ئوخشاپ قالدى. پەردىلەرنى ئالماشتۇرىسەن، كىرلىكلەرنى يېڭىلايسەن، تام-تۇرۇسلارنى يېڭى ئۆي تۇتقان چاغلىرىڭدىكىدەك تازىلاپ پاقىرىتىۋېتىسەن؛ -قەدەمدە: ئۇنىڭغا تېلىفۇن بېرىشنى توختىتىسەن، شۇنى سەمىڭگە سالىمەنكى، چوقۇم تېلىفۇن بەرمەيسەن، ئەگەر بەك تېلىفۇن بەرگىڭ كېلىپ كەتسە، ماڭا بەر. بىر ھەپتىدىن كېيىن ئېرىڭ ئۆيگە كېلىدۇ. بۇ چاغدا ئۆزۈڭنى تېخىمۇ قاتتىق تۇتۇۋالمىساڭ بولمايدۇ، ئاۋۋال تەييارلىقلىرىڭنى پۈتتۈرگىن، قالغان گەپنى شۇ چاغدا دېيىشەيلى.
سەن دوستۇڭنىڭ گېپىگە بىر ئىشىنىپ، بىر ئىشەنمەي تۇرۇۋاتقان بولساڭمۇ، يەنىلا دوستۇڭنىڭ دېگىنى بويىچە قىلدىڭ. ئالدى بىلەن چېچىڭنى ئۇ ياخشى كۆرىدىغان پاسوندا ياساتتىڭ، ئۆيۈڭنى تازىلاپ پارقىرىتىۋەتتىڭ، پەردە ۋە كىرلىكلەرنىڭ رەڭگىنىمۇ ئۇ ياخشى كۆرىدىغان رەڭگە ئۆزگەرتىڭ، ساڭا بىر ئىش تەس كېلىۋاتتى، سەن ئۇنىڭغا تېلىفۇن بېرىشىڭ، ئۇنىڭ قاچان قايتىپ كېلىدىغانلىقىنى سورۇشۇڭ، تېلىفۇننى ئالمىسا قايتا-قايتا ئۇرۇپ، ئۇنىڭ نېمىشقا شۇنداق قىلىدىغانلىقىنى سوراپ بېلىۋېلىشىڭ كېرەك ئىدى. بىراق سەن چىدىدىڭ، تېلىفۇن تۇرۇپكىسىنى قولۇڭغا ئالمىدىڭ، شۇنداق قىلىپ دەل بىر ھەپتە بولغان كۈنى ئۇ قايتىپ كەلدى. ئۇنىڭ چىرايىدا ھەيرانلىق ئالامەتلىرى ئەكىس ئېتىپ تۇراتتى، ئۇ سېنىڭ چىرايىڭغا قارايتتى، ئۆيگە سەپسالاتتى، قىزىنى قوچىقىغا ئالاتتى، قىزى ئۇنىڭغا قاراپ ئەركىلەيتتى، ئۆسۈپ كەتكەن ساقاللىرىنى سىلايتتى. سەن خۇددى ھىچ ئىش بولمىغاندەك ئۇنىڭ ئالدىغا كۈلۈپ چىقتىڭ، ئۇنىڭغا ئوخشىتىپ تاماق ئېيتىپ بەردىڭ. ئۇ نېمە بولغانلىقىنى بىلەلمەي، بۇ ئۆيدە يۈز بېرىدىغان مۆجىزىگە ئىشەنمەيلا قىلىۋاتاتتى. كەچلىك تاماق يېيىلىپ بولدى، قىزىڭنى ئۇخلىتىۋېتىپ، ئۇنىڭ قېشىغا چىقتىڭ، سەن ئادەتتىن تاشقىرى تەمكىن بولۇپ كەتكەن ئىدىڭ، ئۇ سەندىن ئەيمىنىپ قالدىمۇ، ئالدىدا گەپ باشلايدىغاندەك ئەمەس ئىدى. شۇنىڭ بىلەن سەن گەپ باشلىدىڭ: ئويلاپ باقسام يېرىم يىلدىن بۇيان ئالۋاستىغىلا ئوخشاپ قاپتىمەن، سىزنىڭمۇ كۆڭلىڭىزنى يەتكىچە پاراكەندە قىپتىمەن، مېنى كەچۈرۈشىڭىزنى ئۈمىد قىلىمەن. بۇنىڭدىن كېيىن سىزنى ئاۋارە قىلمايمەن. ئۆيگە كېلىڭ ياكى كەلمەڭ ئىختىيارىڭىز، بىراق سىز بالامنىڭ ئاتىسى، بۇنىڭدىن ئەلۋەتتە تېنىپ كېتەلمەيسىز. شۇ سەۋەبتىن سىزنى يەنىلا مۇشۇ ئۆينىڭ تۆۋرۈكى، دەپ قارايمەن، شۇڭا نوپۇس دەپتىرىدە ئىسمىڭىزنىڭ بولماسلىقىغىمۇ يول قويمايمەن
سەن دوستۇڭنىڭ ئۈگىتىپ قويغىنى بويىچە ئىش قىلدىڭ، بۇنىڭ ئۈنۈمى بولۇۋاتاتتى. ئۇ نېمە دېيىشىنى بىلەلمەي تۇرۇپ قالدى. سەن ئەتىسى خىزمەتكە بارىدىغانلىقىڭنى باھانە قىلىپ قىزىڭنىڭ قېشىغا كىرىپ كەتتىڭ، ئارىدىن يېرىم سائەتچە ۋاقىت ئۆتكەندىن كېيىن ئۇ سېنى چاقىردى. ئۇنىڭ ئىسمىڭنى ئاتاپ چاقىرمىغىنىغا خېلى چاغلار بولغان ئىدى، سەن ئۆزۈڭنى زورىغا بېسىۋېلىپ، ئۇخلىغان بولۇپ يېتىۋالدىڭ، ئۇ ئاستا ئىشىكنى ئېچىپ كىرىپ سېنى كۆتۈرۈپلا ئېلىپ چىقىپ كەتتى. شۇنىڭدىن كېيىن ئۇ ھەپتىدە بىر قانچە قېتىم كېلىدىغان بولدى. دوستۇڭ ئېيتقاندەك ئۈچ ئايدا ئەمەس، بىر ئايدىلا ئۇ يېنىڭغا قايتىپ كەلدى. بۇرۇن سەن تېلىفۇن بەرسەڭ ئالمايتتى، ئەمدى ئورنىڭنى ئىگىلەشكە ئۇرۇنغان باشقا بىرىدىن كەلگەن تېلىفۇننى بېسىۋىتىدىغان، ھەتتا تېلىفۇننى ئېتىپ قويۇپ، ساڭا، بالىغا ھەمراھ بولىدىغان بولدى. سەن ئۇنى سىزىپ قالدىڭ، ئۇنىڭ كۆزىگە ئىلگىرى پەرىشتە بولۇپ كۆرۈنگەن ئۇ ئايال ئەمدى ئالۋاستىغا ئايلىنىپ قىلىۋاتاتتى. ئىلگىرى بىر مەزگىل ئالۋاستى بولۇپ كۆرۈنگەن سەن بولساڭ، ئەمدىلىكتە پەرىشتىگە ئالىنىۋاتاتتىڭ.
بىر كۈنى بېشىڭنى ئۇنىڭ كۆكرىكىگە قويۇپ سورىدىڭ: ئىلگىرى نېمە سەۋەبتىن مەندىن شۇنچە بىزار بولغان ئىدىڭىز؟ئۇ مېھىر بىلەن مەڭزىڭگە سۆيۈپ تۇرۇپ شۇنداق دېدى: سىزنى جېنىمدىن ئەزىز كۆرىمەن، سىزنىڭمۇ مېنى ياخشى كۆرىدىغانلىقىڭىزنى بىلىمەن، بىراق توي قىلىپ ئۇزاق ئۆتمەي مىجەزىڭىز ئۆزگىرىشكە باشلىدى. ئانامنى يوقلاپ چىقايلى دېسەم، خۇيىڭىز تۇتتى، ئانام بىلەن كىچچىكىنە ئىشلارنى باھانە قىلىپ تاكاللىشىدىغان بولۇۋالدىڭىز، چوڭ ئۆيگە چىقساقلا ئۇرۇشۇپ قالىدىغان بولۇپ قالدۇق، مەندىنمۇ قۇسۇر ئىزدەپلا تۇرىسىز، مېنى كۆرمىسىڭىز ئىزدەيدىغان، كۆرسىڭىز چىرايىلىق گېپىڭىز يوق بولۇپ قالدى. ئۆزۈمنى سىزنىڭ ئالدىڭىزدا بىر يارىماس ئادەمگە ئايلىنىپ قالغاندەك ھېس قىلدىم، شۇنىڭ بىلەن ئۆيگە كەلگىم كەلمەيدىغان بولۇپ قالدى. شۇنداق كۈنلەرنىڭ بىرىدە بىزنىڭ ئىدارە بىلەن كەسپىي مۇناسۋىتى بار بىر ئايال بىلەن تونۇشۇپ قالدىم. ئۇ شۇنداق سىلىق-سىپايە ئىدى، ئۇ ماڭا ھەۋەسلىنىپ قارايتتى، ئۇنىڭ قاراشلىرىدىن مېنى ياقتۇرۇپ قالغانلىقىنى ھېس قىلدىم، سۈرۈشتۈرسەم ئۇ ئاجىرىشىپ كەتكەن ئىكەن. ئۇنىڭمۇ بىر قىزى بار ئىكەن، ئۇنىڭ بىلەن پات-پات موڭدىشىپ تۇردۇم، بىللە تاماق يېدىم، شۇ شۇنداق مۇلايىم ئىدى. ئۇنىڭ قېشىغا بارغاندا ئۆزۈمنى ناھايىتى ئەركىن، ئەزىمەت چاغلايدىغان، سىزنىڭ قېشىڭىزغا كەلسەم، ئۆزەمنى ئاجىز ھېسابلايدىغان بولۇپ قالدىم، شۇنىڭ بىلەن ئۆيگە كەلگۈم كەلمەيدىغان، ئۇنىڭ قېشىغا بېرىشنى خالايدىغان بولۇپ قالدىم. ئارىلىقتا بىر ھەپتە تېلىفۇن بەرمىدىڭىز، سىزدىن ئەنسىرەشكە باشلىدىم. ئانامدىن ئەھۋالىڭىزنى سورىسام، سىزنى بەك مېھىرىبان بولۇپ كەتتى، ھەر كۈنى چىقىپ يوقلاپ تۇرۇۋاتىدۇ، نېمىشقا بىللە كىرمەيسىلەردېدى. شۇنىڭ بىلەن ئۆيگە كەلدىم. كۆز ئالدىمدا باشقىچە قىياپەتتە، يەنى تەسەۋۇرۇمنىڭ ئەكسىچە ھالەتتە نامايەن بولدىڭىز، ئىلگىرىكى قىياپىتىڭىز پۈتۈنلەي ئۆزگەرگەن، ئالدىمدا مۇلايىم، سىلىق، سىپايە سۆيگىنىم تۇراتتى، ھاڭ-تاڭ بولدۇم، قىسقىسى، كۆرگەنلىرىمگە ئىشەنمەيلا قالدىم.
سەن ئىلگىرى ھەقىقەتەن ئۆزۈڭگە ئوخشىماي قالغان ئىدىڭ، بولۇپمۇ ئېغىر ئاياغ بولغاندىن كېيىن بەكلا گۇمانخور بولۇپ كەتتىڭ، قاملاشقان، جەلب قىلىش كۈچىگە باي ئېرىڭنى كۆرسەڭلا ئۇنىڭغا باشقا ئاياللار قاراپ كېتىۋاتقاندەك، يېقىنلىشىۋاتقاندەك بىئارام بولاتتىڭ. ئۇنى كۆرسەڭ ئۇ باشقا ئاياللار بىلەن ئارىلىشىۋاتقانمىدۇ، باشقا ئاياللارغا كۆز تاشلاۋاتقانمىدۇ؟ دەپ گۇمان قىلاتتىڭ. ساڭا يېقىنچىلىق قىلسا ساڭا يۈز كېلەلمەيدىغان ئىشنى قىلىپ كىرىپ، خۇشامەت قىلىۋاتقاندەك تۇيۇلاتتى. ئەينەككە قارايتتىڭ، زىلۋا قامىتىڭ ئۆزگىرىپ كېتىۋاتاتتى، ئاپپاق، نۇر يېغىپ تۇرۇدىغان يۈزۈڭگە قارا داغ چۈشكەن ئىدى، ئۇ بولسا خۇشلۇقدىن تېخىمۇ جەزبىدار بولۇپ كېتىۋاتتى، بالا تۇغۇلغاندىن كېيىن ئۇ بالىغا، ساڭا تېخىمۇ كۆيۈنىدىغان بولۇپ كەتتى. بىراق سەن تېخىمۇ ئۆزگىرىپ كېتىۋاتاتتىڭ، كىچىككىنە ئىشلارغىمۇ چېچىلىپ كېتەتتىڭ، بىر كۈنى ئۇنى ئايال خىزمەتدىشى بىلەن ئۇچرىتىپ قالدىڭ، ئۇلار ساڭا قاراپ كېلىۋاتاتتى، شۇ چاغدا ئېرىڭگە شۇنداق ئۆچلۈگىڭ كەلدى، چىرايىڭ ئۆزگىرىپ، پۇت-قوللۇرۇڭ تىترەپ كەتتى. شۇنىڭدىن كېيىن ئۇنىڭغا دائىم تېلىفۇن بېرىپ ئىزدەيدىغان، ئىشتىن چۈشۈپ ئۆيگە سەللا كېچىكىپ قالسا، ئۇرۇشىدىغان بولۇۋالدىڭ. ئۇ تېخىمۇ كەچ كېلىدىغان، ھەتتا كەلمەيدىغان بولۇۋالدى، سەن ئاچچىقتىن ئۆزۈڭنى يوقىتىپلا قويدۇڭ، ئەمدى مەن سوراي باقاي، ئۇ بۇرنىڭنى ئامراق بىلەن چىمداپ قويۇپ، شۇنداق دېدى: سىزنى ئۆزگەرتكەن زادى قانداق نەرسە؟سەن ئۇنىڭغا ھەممە ئەھۋالنى ئېيتتىڭ. دوستۇڭنىڭ ئۆزۈڭنى تېپىۋېلىشىڭغا ياردەم قىلغانلىقىنى ئېيتتىڭ، دوستۇڭ ساڭا شۇنداق دېگەن ئىدى. ئېرىڭ كىشىنىڭ ھەۋىسى كەلگۈدەك مۇنەۋۋەر ئەر، ئېسىل نەرسىگە ھەممە ئادەمنىڭ ئېرىشكۈسى كېلىدۇ، سەن ئۇنىڭغا ئېرىشتىڭ، يەنە نېمە سەۋەبتىن ئۇنىڭغا سوغۇق مۇئامىلە قىلىپ، ئۇنى يېنىڭدىن كېتىشكە مەجبۇرلايسەن؟ ئادەم ئەسلى ماھىيىتىدىن مەدھىيىگە مۇھتاج بولىدۇ، سەن ئائىلىدە ئۇنىڭغا ئازار بەرسەڭ، ئۇنى يارىماس ئادەم قاتارىغا چىقىرۋەتسەڭ، سىرتتا ئۇنىڭ ئارتۇقچىلىقلىرىغا مەپتۇن بولىدىغان باشقا بىرى چىقىپ، ئۇنىڭغا : سىز بەك مۇنەۋۋەر، قالتىس ئەر; دېسە قانداق قىلىسەن؟ ئۇنىڭدىن پەخىرلەن، سېنىڭ پەخىرلىنىدىغانلىقىڭنى ئۇ ھىس قىلسۇن، شۇندىلا ئۇ باشقا ئاياللارنىڭ مەدھىيىلىرى ئالدىدا ئېرىپ كەتمەيدۇ. سەن ئۇنىڭغا پۈتۈن مۇھەببىتىڭنى بەر، ئۇنىڭغا ئۆزۈڭنىڭ ئۇنى ياخشى كۆرىدىغانلىقىڭنى ھېس قىلدۇر، شۇندىلا ئۇ سىرتتىكى ئاياللار مۇھەببەت ئىزھار قىلسا ئىككىلىنىپ قالمايدۇ.
سەن ئۆزۈڭگە قاراپ باق، سەن ئېرىڭدىن كۈنلەۋاتقان ئاياللاردىن نەرىڭ كەم، نېمىشقا ئۆزۈڭگە بولغان ئىشەنچىڭنى يوقىتىپ قويىسەن؟ سەن ھەممە كىشىنىڭ ھەۋىسى كەلگۈدەك ساھىپجاماللاردىن بولمىساڭمۇ، سەندە ئاياللىق نازاكەت ئۇرغۇپ تۇرىدۇ. ئەينى چاغدا ئۇمۇ سېنىڭ شۇ تەرىپىڭگە مەپتۇن بولغان ئىدىغۇ، ئۇنى مەپتۇن قىلغان تەرىپىڭنى ئۆزۈڭ ۋەيران قىلىۋەتكەن تۇرۇقلۇق، يەنە نېمە سەۋەبتىن ئۇنىڭغا ئازار بېرىسىەن، ئۇنىڭدىن قۇسۇر ئىزدەيسەن؟ سەن ئۇنىڭ ئىدارىسىگە بېرىپ باشلىقى بىلەن كۆرۈشۈپسەن، سېنىڭچە شۇنداق قىلساڭ، ئۇنى يېنىڭغا قايتۇرۇپ كېلەلەمتىڭ؟ بىراق سەن ئىشنى توغرا قىپسەن، يەنى ئۇ ئايالنىڭ خىزمەت ئورنىغا بېرىپ، ئۇنى خىزمەتداشلىرى ئارىسىدا ئىزاغا قويماپسەن. ئەگەر شۇنداق قىلغان بولساڭ، ئۇ سېنى تاشلاپ شۇ ئايالنىڭ قېشىغا كېتەتتى، چۈنكى ئۇنىڭغا ئازار بەرگىنى ئۇنىڭ ئايالى- دە، ئۇ ئەلۋەتتە ئۆزىنى ئۇنىڭغا قەرزداردەك ھېس قىلىدۇ
دوستۇڭنىڭ بۇ گەپلىرى سېنى سەگىتتى، سەن راستىنلا ئەقلىڭدىن ئازاي دەپ قالغان ئىدىڭ، سەن ئۆزۈڭنى ئۆزگەرتىڭ، ئىلگىرىكى مۇلايىم ھالىتىڭگە قايتتىڭ، روھىي جەھەتتىكى تېنچلىق سەندىكى نازاكەتنى قايتا نامايان قىلدى. سەن ئۆزۈڭ ۋەيران بولۇش گىردابىغا ئاپىرىپ قويغان نىكاھىڭنى، ئۆزۈڭ قۇتۇلدۇردۇڭ.
مەنبە: ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى
| بىز ھەققىدە | ئېلان بىرىڭ | مۇلازىمەتلىرىمىز | خېرىدارلىرىمىز | پىكىر بىرىڭ | بىكەت خەرىتىسى |
تور بىكىتىمىزگە يوللانغان ھەر قانداق كىنو - فىلىم ، ناخشا - مۇزىكا ۋە رەسىملەر توردىن ئېلىنغان ، ئەگەر نەشىر ھۇقۇقىغا دەخلى يەتكۈزدى دەپ قارالغان مەزمۇنلار بولسا بىز بىلەن ئالاقىلىشڭ
(ICP11003167 )ئېلان - ئالاقە تېلېفۇن : 2561272-0991 QQ:527377610 TEL:13899847776