ESERLAR
ئەڭ يېڭى ئەسەرلەر
ئاۋات ئەسەرلەر
كوتۇلداش جاننى ئالىدىغان ئەيىب


كوتۇلداش جاننى ئالىدىغان ئەيىب


 

  كوتۇلداش، قۇسۇر ئىزدەشنىڭ ئائىلىگە كەلتۈرىدىغان بەخىتسىزلىكى راھەت - پاراغەتكە بېرىلىش، ئىسراپچىلىق قىلىشلارنىڭ كەلتۈرىدىغان زىيىنىدىن چوڭ بولىدۇ. ئۆي ئىشلىرىنى قىلماسلىق، پاك بولماسلىقمۇ ئائىلىنىڭ دەرد ئەلىمىنى ئاشۇرىدۇ. ئەرلەر كوتۇلداش، قۇسۇر ئىزدەشنى ئاياللىرىنىڭ ئەڭ يامان كەمچىللىكى قاتارىغا تىزىدۇ. پسىخولوگلارنىڭ تەتقىقاتىدىن قارىغاندىمۇ ئەرلەر ئاياللارنىڭ بۇ ئىللەتلىرىنى كەمچىللىكلىرىنىڭ بىرىنچى قاتارىغا تىزغان.
 بىر ئەرنىڭ نىكاھ تۇرمۇشىنىڭ بەخىتلىك بولۇش - بولماسلىقىدا ئۇنىڭ خوتۇنىنىڭ مىجەز خاراكتېرى ۋە كەيپىياتى باشقا ھەر قانداق ئىشتىنمۇ مۇھىم. ئۇنىڭ خوتۇنى گۈزەل ئەخلاققا ئىگە بولسىمۇ، لېكىن ئۇنىڭ مىجەزى چۇس، كوت - كوت، قۇسۇر ئىزدەيدىغان ۋە مىجەز خاراكتېرى غەلىتە بولسا، ئۇنىڭ گۈزەل ئەخلاقى نۆلگە تەڭ بولىدۇ. نۇرغۇن ئەرلەرنىڭ غەيرەت - شىجائىتىنى يوقىتىپ قويۇشى، ئىشەنچ قىلالماسلىقى، ئاساسەن، خوتۇنىنىڭ ئۇنىڭ ئۈمىد- ئارزۇلىرىغا سوغۇق سۇ سېپىشى، قۇسۇر ئىزدىشى ، بىرەر ئىشنى توختىماي سۈرۈشتە قىلىۋەرگەنلىكىدىندۇر. بۇنداق ئاياللار ئېرىنى تولىمۇ روھسىزلاندۇرۇپ قويىدۇ . قارىغاندا ئاياللار غالاردا، ئورمانلىقلاردا ياشىغان يىراق قەدىمكى دەۋىرلەردىن باشلاپلا ئەرلىرىگە كوتۇلداش، قۇسۇر ئىزدەش ئۇسۇلى بىلەن تەسىر كۆرسىتىپ كەلگەندەك قىلىدۇ. ئېيتىشلارغا قارىغاندا، سۇقرات مىجەزى چۇس خوتۇنى لانسېپتىن قېچىپ، ئۆزىنىڭ نۇرغۇن ۋاقتىنى ئافىنادىكى بىر تۈپ دەرەخ ئاستىدا ئولتۇرۇپ، ھېكمەت ئۈستىدە ئويلۇنۇش بىلەن ئۆتكۈزگەن. فرانسىيە ئىمپېراتورى ناپالىئون  Ⅲ ۋە قۇللۇق تۈزۈمنى بىكار قىلغان ئامېرىكا زۇڭتۇڭى لىنكولىنغا ئوخشاش مەشھۇر ئەربابلارمۇ كوت - كوت خوتۇنىنىڭ دەردىنى تازا تارتقان.
 ئامېرىكا مۇتەخەسسىلىرى نىكاھلانغانلار ئىچىدە نىكاھتا بەخىتسىز بولۇپ قالىدىغانلار % نى ئىگىلەيدۇ. مۇھەببەتنى بۇزىدىغان ئالۋاستى بىر - بىرىنى ئەيىبلەش، ئاغرىنىش، دەپ ھۆكۈم چىقارغان. مەشھۇر يازغۇچى ل. تولىستويمۇ خوتۇنىنىڭ توختىماي ئەيىبلىشى، رەنجىشلىرىگە چىدىماي غەزەپلىنىپ لەپىلدەپ قار يېغىۋاتقان كېچىسى ئۆيدىن چىقىپ كېتىپ، بىر ۋوگزالدا بىئەجەل ئۆلۈپ كەتكەن. ئۇ ئۆلگەندىن كېيىن خوتۇنى قىزىغا: «داداڭنىڭ ئۆلۈپ كېتىشىگە مەن سەۋەبچى بولدۇم» دېگەن. ئىنسان تەبىئىيتىنىڭ ئەڭ گەۋدىلىك ماھىيىتى باشقىلار تەرپىدىن قەدىرلىنىش كېرەك. كوتۇلداش، قۇسۇر ئىزدەش، مەسخىرە قىلىش، ئەيىبلەش ئىشنى بۇزىدۇ.
 بەزى ئاياللار ئەرلىرىنى يەنىلا شۇ كوتۇلداش ئۇسۇلى بىلەن ئۆزگەرتمەكچى بولىدۇ. قەدىمدىن ھازىرغىچە بۇنداق ئۇسۇل ئۈنۈم بەرمىگەن. كۈن غەربىتىن چىقىپ شەرىقتە ئولتۇرمىسىلا، بۇ  ئۇسۇل ئۈنۈم بەرمەيدۇ.  كوتۇلداش بۇزغۇنچى خاراكتېرلىك پسىخىك كېسەل. بۇ قان چىقارماي جاننى ئالىدىغان ئۇسۇل. ئەر  خوتۇنلارنىڭ توي قىلغاندىن كېيىن، ئورتاق تۇرمۇشتا ئۇرۇش - جېدەل قىلمايدىغىنى تولىمۇ ئاز ئۇچرايدۇ. روھىي ھالىتى ساغلام كىشى ئادەتتە تالاش - تارتىش قىلسىمۇ، مۇھەببەتكە چەك پەيدا قىلمايدۇ. لېكىن توختىماي كوتۇلداشتىن پەيدا بولىدىغان بېسىم كۆپ ھاللاردا ئەڭ كۈچلۈك ئالغا ئىنتىلىش روھىنى بەربات قىلىدۇ.
 ئەگەر كوتۇلداشنىڭ شۇنچە چوڭ توسالغۇ بولىدىغانلىقىغا ئىشەنسىڭىز، ئۇنىڭدىن قانداق قۇتۇلۇش ئۇسۇلى بارلىقىنى بىلگىڭىز كېلەر. چىۋىننى ئاچچىق نەرسە بىلەن تۇتۇشقا قارىغاندا، تاتلىق نەرسە بىلەن تۇتۇش كۆپ ئۈنۈملۈك بولىدۇ.
  يۇمۇرلۇق تۇيغۇ سىزنى دائىم ياخشى كەيپىياتقا ئىگە قىلىدۇ. لېكىن زىغىر چاغلىق ئۇششاق ئىشلارغىمۇ خاپا بولىدىغان كىشى قاچانلا بولسۇن بىر چاغلاردا روھىي يىمىرىلىشكە دۇچار بولىدۇ. كۆڭۈلسىز ۋەقە يۈز بەرگەندە، ئۇنى بىر ئىلاج قىلىپ بىر پارچە قەغەزگە يېزىۋېلىڭ. بۇ ۋاقىتتا ھېچ قانداق گەپ قىلماڭ. كېيىن سىزمۇ ئېرىڭىزمۇ تىنچىغان ۋە خاتىرجەم بولغاندا، ئاندىن بۇ مەسىلىنى ئوتتۇرىغا چىقىرىپ مۇزاكىرە قىلىڭ. كىشىلەر ئارا مۇناسىۋەت سەنئىتىنى ئۆگىنىۋېلىڭ ۋە مەشىق قىلىڭ. قىلماقچى بولغان ئىشىڭىزنى باشقىلارغا بۇيرۇق تەلەپپۇزىدا قىلدۇرماستىن، رىغبەتلەندۈرۈش، ئىلھام بېرىش بىلەن قىلدۇرۇڭ. سىز بىر ئەرنى قورال بىلەن قاماپ قويالمايسىز. ئۇنى كوتۇلداش بىلەنمۇ قاماپ قويغىلى بولمايدۇ. ئۇنداق قىلسىڭىز، پەقەت ئۇنىڭ روھىنى بۇزىسىز، ئۆزىڭىزنىڭ بەختنىمۇ ۋەيران قىلىسىز، خالاس.
 كەڭ قورساقلىق ئەر - خوتۇنلار ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتنى ياخشىلاپ مېڭىنى ئارام ئالدۇرىدۇ. دائىم كەڭ قورساق بولۇپ باشقىلارغا كۆڭۈل بۆلگەندە، باشقىلارنىڭمۇ كۆڭۈل بۆلۈشى، قولىشى ۋە ياردىمىگە ئېرىشكىلى بولىدۇ.
 بۇ ئالتە كۈنلۈك ئالەمنىڭ ئاچچىقلانغۇچىلىكى يوق. بىز سەۋىرچانلىق بىلەن ئەتىگەندىن كۈن ئولتۇرغاندا قەدەر كۈلۈپ ياشىشىمىز لازىم.
 

 

تاقاش

| بىز ھەققىدە | ئېلان بىرىڭ | مۇلازىمەتلىرىمىز | خېرىدارلىرىمىز | پىكىر بىرىڭ | بىكەت خەرىتىسى |

تور بىكىتىمىزگە يوللانغان ھەر قانداق كىنو - فىلىم ، ناخشا - مۇزىكا ۋە رەسىملەر توردىن ئېلىنغان ، ئەگەر نەشىر ھۇقۇقىغا دەخلى يەتكۈزدى دەپ قارالغان مەزمۇنلار بولسا بىز بىلەن ئالاقىلىشڭ

(ICP11003167 )ئېلان - ئالاقە تېلېفۇن : 2561272-0991 QQ:527377610  TEL:13899847776