ئاياللارنىڭ ئەرلەرنى بىزار قىلىدىغان جۈملە سۆزى
. باشقىلارغا قاراپ بېقىڭ.
ئاياللار ھەمىشە مۇشۇنداق گەپلەر بىلەن ئەرلەرنى مەلۇم جەھەتتە ئىقتىدارسىز دەپ ئاغرىنىدۇ .ئىقتىدارسىز دېيىشى كەسىپ ياكى تۇرمۇش جەھەتتە بولىشى مۇمكىن ،ئەمما كۆپ ھاللاردا بۇ خىل سۆز ئەرلەرنىڭ غورۇرىغا تېگىدۇ .
.نەگە باردىڭىز .
ئەگەر بۇ سۆزنى ئاياللار مۇلايىملىق بىلەن دېسە ،ئەرلەرنى تەسىرلەندۈرىدۇ .چۈنكى بۇ گەپنىڭ كەينىگە «ئەنسىرەپ ئۆلەيلا دېدىم »دېگەن سۆز يوشۇرۇنغان بولىدۇ .مۇبادا قاپىقىنى تۈرۈپ ئېيتقان بولسا ، ئەرلەرنىڭ غەزىپىنى قوزغايدۇ ،چۈنكى بۇ ساقچىلار جىنايەت گۇماندارىنى سوراق قىلغاندا ئەڭ كۆپ دەيدىغان گەپ .
. ھەممىسى سىزنىڭ كاساپىتىڭىز .
كۆپ قىسىم ئاياللار خاتالىقىنى بوينىغا ئېلىشىنى خالىمايدۇ . «مەن خاتا قىلىپ قويۇپتىمەن »دېگەن بۇ سۆز خۇددى ئەرلەرگە مەنسۈپتەكلا .بەزى ئاياللار ئۆزىنىڭ خاتالىقىنى بوينىغا ئالغاندا ئەركىلەيدۇ،ئەركىلەش ئارقىلىق ئۆزىنىڭ خاتالىقىنى بىلدۈرۈپ ئەپۇ قىلىشقا ئېرىشىدۇ ،ئەلۋەتتە بۇنى تەشەببۇس قىلىشقا ئەرزىيدۇ .
. كىمدىن كەلگەن تېلېفۇن ؟
ئەرلەرگە تېلېفۇن كەلسىلا ،ئاياللار ئىختىيارسىز «كىمدىن كەپتۇ ؟»دەپ سورايدۇ . ئەرلەر سەل ئىككىلىنىپ قالسىلا بەكرەك گۇمان قىلىدۇ .
بەزى ئاياللار ئەرلىرىنىڭ تېلېفونىنى ئاختۇرۇشقا ئامراق ،ئومۇمەن ناتونۇشلاردىن كەلگەن سۆزلىشىش خاتىرىسىنى كۆرسىلا «كىمدىن كەلگەن تېلېفۇن »دەپ سوراشنى ئۇنتۇپ قالمايدۇ .سەۋىرچان ئەرلەر بۇنىڭغا چۈشەنچە بېرىدۇ . قايتا –قايتا سوراۋېرىش زىددىيەتنى كۈچەيتىۋېتىشى مۈمكىن .ئايال بۇلۇش سۈپىتى بىلەن ئەرلەرگە ئازراقمۇ شەخسىي بوشلۇق بەرمەسلىك مۇھەببەت ۋە نىكاھقا زىيانلىق .
مەنبەسى : قانۇنچىلىق گېزىتى
| بىز ھەققىدە | ئېلان بىرىڭ | مۇلازىمەتلىرىمىز | خېرىدارلىرىمىز | پىكىر بىرىڭ | بىكەت خەرىتىسى |
تور بىكىتىمىزگە يوللانغان ھەر قانداق كىنو - فىلىم ، ناخشا - مۇزىكا ۋە رەسىملەر توردىن ئېلىنغان ، ئەگەر نەشىر ھۇقۇقىغا دەخلى يەتكۈزدى دەپ قارالغان مەزمۇنلار بولسا بىز بىلەن ئالاقىلىشڭ
(ICP11003167 )ئېلان - ئالاقە تېلېفۇن : 2561272-0991 QQ:527377610 TEL:13899847776