توي قىلىشقا سەل قارىماڭ
توي قىلىش -قىز يىگىت ئىككى تەرەپكە مۇناسىۋەتلىك ئىش ، پەقەت ئۆزىدە قارشى تەرەپنى رازى قىلالىغۇدەك شەرت ھازىرلىغاندىلا ئاندىن باشقىلارنى تاللاشقا ھەقلىق بولالايدۇ. ھەر قانداق بىر ياش نىكاھلىنىش ئالدىدا ئۆزىنىڭ ئومۇمىي ئەھۋالىنى دەڭسەپ كۆرۈپ ، ئۆ-ئۆزىگە « توي قىلسام بولارمۇ؟ » دېگەن سوئالنى قويۇپ بېقىشى كېرەك.
ھەر بىر ئادەمنىڭ توي قىلىشىدا ھامان ئۆزىگە خاس مۇددىئاسى بولىدۇ، ياكى مۇھەببىتى پىشىپ يېتىلگەن بولىدۇ، ياكى ئۆزئارا چۈشىنىش ھاسىل قىلغان بولىدۇ، مۇددىئا ئېنىق بولماي، ھاپلا-شاپلا ئالدىراپ توي قىلىشقا ھەرگىز بولمايدۇ. چۈنكى توي قىلىش مۇددىئاسىنىڭ توغرا بولماسلىقى بەخىتسىز نىكاھنى كەلتۇرۇپ چىقىردىغان ئەڭ ئاساسلىق سەۋەبدۇر. ناۋادا سىزنىڭ توي قىلىشتىكى مۇددىئايىڭىز تۆۋەندىكى سەۋەبلەردىن بولسا سىزگە نەسىھىتىمىز شۇكى، ئەڭ ياخشىسى ئۇنداق توينى قىلمىغىنىڭىز تۈزۈك.
ھېسداشلىق يۈزىسىدىن توي قىلىش
قارشى تەرەپنىڭ مەلۇم كەچۈرمىشىگە ياكى بىرەر ئەيبىگە ھېسداشلىق قىلىپ . ئۆزىنىڭ ياشلىق باھارىنى قۇربان قىلىش بەدىلىگە ئۇنىڭغا ئۆمۈرلۇك ھەمراھ بولۇشقا رازى بولۇش. بۇنداق ھېسداشلىققا چىن مۇھەببەتتىن ئاساس سېلىنمىغان بولسا ، ئۇ رېئال تۇرمۇشنىڭ سىنىقىغا بەرداشلىق بېرەلمەيدۇ، مۇشۇنداق ئەھۋالدىمۇ يەنىلا قارشى تەرەپتىن ئايرىلىشقا كۆزى قىيماي توي قىلىشقا بەل باغلىسا ئۇ ھالدا بۇنداق نىكاھنىڭ ئاقىۋىتى بەخىتسىزلىك ئېلىپ كېلىدۇ خالاس.
كۆڭۇلسىز ئائىلە ۋە ناچار شارائىتتىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن توي قىلىش
بەزىلەر توي قىلىپ چىقىپ كېتىش ئارقىلىق كۆڭۈلسىز ئائىلە تۇرمۇشىدىن تېزرەك قۇتۇلۇشنى ئويلايدۇ. بۇنداق قىلىش ئىنتايىن خەتەرلىك . چۇنكى بۇ ئۆزىنى بىر بەخىتسىز ئائىلىدىن قۇتۇلدۇردۇم دەپ ئۇنىڭدىنمۇ كۆڭۈلسىز بىر ئائىلىگە ئىتتىرگەنلىك بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.
ئىززەت-ئابرويى، ئىجتىمائىي ئورنىنى ئۆستۈرۈش ، خىزمەتكە ئورۇنلىشۋېلىش ئۈچۈن توي قىلىش
بۇ بىر ئۇچىغا چىققان شەخسىيەتچىلىكتۇر. بۇنداقلارنىڭ مەقسىتى ئەمەلگە ئاشقاندىن كېيىن قارشى تەرەپكە بولغان قىزغىنلىقى ئاسانلا يوقىلىپ كېتىدۇ.
بىردەملىك ھېسىياتنىڭ قۇربانى بولۇپ قېلىپ، ئىلاجسىزلىقتىن توي قىلىش
بۇنداق توينىڭ ئاقىۋىتى ياخشى بولمايدۇ ، ھەم مۇشۇنداق ئەھۋالدا توي قىلغان قىز-يىگىتلەرنىڭ بەخىتلىك بولغانلىرىدىن بەخىتسىز بولغانلىرى كۆپ . ئاجىرشىپ كەتكەنلەرنىڭ سانى خېلى يۇقىرى نىسبەتنى ئىگىلەيدۇ.
ئۆچ ئېلىش ئۈچۈن توي قىلىش
بەزى قىز-يىگىتلەر مۇناسىۋىتى بۇزۇلغاندىن كېيىن قېيداش ياكى ئۆچ ئېلىش نىيتىدە سېنىڭ ئالدىڭدا مەن توي قىلمىسام دەپلا قارغۇلارچە بىرسى بىلەن توي قىلىدۇ. بۇنداق مۇددىئا بىلەن توي قىلىش ئۆزىنىڭ بەخت-سائادىتى بىلەن ئويناشقانلىقتىن باشقا نەرسە ئەمەس.
زېركىشتىن ، يالغۇزلۇقتىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن توي قىلىش
بەزىلەر يالغۇزلۇقتىن زېرىكىپ ئۆزىگە بىر ھەمراھنىڭ بولۇشى ئۈچۈنلا توي قىلىدۇ. بۇنداق نىكاھ راستىنلا كىشىنى زېرىكىشتىن خالى قىلالامدۇ؟ بىر-بىرىنى ياخشى كۆرۈشمەيدىغان، تونۇشمايدىغان ئىككى ئادەم توي قىلىپ بىرگە ئۆتسە، مۇنداق تۇرمۇش تېخىمۇ زېرىكىشلىك بولمامدۇ.
مەقسەت-مۇددىئا بولماستىن ئېقىمىغا ئەگىشىپ توي قىلىش
تەڭتۇشلۇرۇمنىڭ ھەممىسى توي قىلىپ بولدى ، يېشىممۇ بىر يەرگە بېرىپ قالدى ، توي قىلىدىغان ۋاقتىم كەلدى دەپ توي قىلىش، ياكى ئاتا-ئانىسىنىڭ ئالدىرىتىشى بىلەن توي قىلىش، بۇنداق قىز-يىگىتلەرنىڭ تويىدىن كېيىن بەخىتلىك ئائىلە بەرپا قىلىش ئاكتىپچانلىقى كۈچلۇك بولمايدۇ ، شۇڭا ئۇلارنىڭ تۇرمۇشتا مەغلۇپ بولۇش ئىمكانىيتىمۇ كۆپرەك بولىدۇ.
نىكاھ باشقا ئىشلاردەك خاتا بولۇپ قالسا ئۆزگەرتكىلى ، مۇۋاپىق بولمىسا ئالماشتۇرغىلى، خالىغانچە سىناپ كۆرگىلى بولىدىغان نەرسە ئەمەس ، تويدىن كېيىن پۇشايمان قىلسا ئورنىغا كەلمەيدۇ ، شۇڭا توي قىلىشتىن ئىلگىرى مەقسەت ئېنىق بولۇشى كېرەك. مۇبادا توي قىلىش مۇددىئاسىنىڭ خاتا ئىكەنلىكىنى بايقىسا تېزدىن ئەقلىنى تېپىپ ئۆزىنى ئوڭشىۋېلىش كېرەك. ياكى ئىككىسى ئوتتۇرسىدىكى مۇھەببەت ئاساسىنى كۈچەيتىش لازىم. مۇشۇنداق قىلغاندىلا نىكاھتا بەخىتسىز بولۇپ قېلىشنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ.
| بىز ھەققىدە | ئېلان بىرىڭ | مۇلازىمەتلىرىمىز | خېرىدارلىرىمىز | پىكىر بىرىڭ | بىكەت خەرىتىسى |
تور بىكىتىمىزگە يوللانغان ھەر قانداق كىنو - فىلىم ، ناخشا - مۇزىكا ۋە رەسىملەر توردىن ئېلىنغان ، ئەگەر نەشىر ھۇقۇقىغا دەخلى يەتكۈزدى دەپ قارالغان مەزمۇنلار بولسا بىز بىلەن ئالاقىلىشڭ
(ICP11003167 )ئېلان - ئالاقە تېلېفۇن : 2561272-0991 QQ:527377610 TEL:13899847776