خوتۇن ئومۇمنىڭ مۈلكى ئەمەس
بۇرادەر ، توي كۈنى خوتۇنىڭىزنى ئەمرىڭىزگە ئالغاندىن باشلاپ ئۇ سىزگە مۇتلەق تەۋەدۇر . شۇنداقلا سىزمۇ ئۇنىڭغىلا تەئەللۇقسىز. بەزىلەر ئىشلەيدىغان ئاياللارنىڭ يېرىمىغا ئېرى ، يېرىمىغا ئىدارە ئىگە دەۋالىدۇ ھەجۋى قىلىپ . ئەمما ئىشلەمچىلىك مۇناسىۋىتىدە ئۇ مەلۇم بىر ئىدارە - ئورگانغا نىسبەتەن ھەقلىق مۇناسىۋىتىدە بولسىمۇ ، ئەمما نىكاھ ۋە ئەر- ئاياللارنىڭ بىر - بىرىدىن مەنپەئەتلىنىش مۇناسىۋىتىدە ھەر ئىككى تەرەپ بىر - بىرىگە دەخلىسىزدۇر ، مۇتلەقتۇر . شۇڭا ئۇنىڭغا ياخشى ئىگە بۇلۇڭ . مەن بەزى ئەرلەرنىڭ ئىدارىگە باھالاش كېلىدىكەن ، مېھمان كۈتىدىكەن دەپ خوتۇنلىرىنى ئاخشاملىرىمۇ كىملەرنىڭدۇر خىزمىتىگە سېلىپ بېرىپ ، ئۆيىدە پۇشۇلداپ ئولتۇردىغىننى بىلىمەن ھەم بۇنداق ئەھۋاللارنى خېلى كۆپ كۆرگەنمەن. ئەمما سىز مەجبۇرىيەت تۇيغۇسى كۈچلۈك بىر ئەر بولۇدىغان بولسىڭىز ، ئايالىڭىزنىڭ ئىدارسىدىكىلەرنىڭ ھەر قانداق باھالاش ، كۈتىۋېلىش شەكلىدىكى ئورۇنسىز ئولتۇرۇشلىرىغا سىز قاتنىشىشىغا يول قويماڭ . مەن بۇنداق كۈتىۋېلىش شەكلىدىكى ئولتۇرۇشلارنىڭ ماھىيىتىنى ئوبدان بىلىمەن . ئايالىڭىز نىكاھتىن باشلاپلا سىزلا بەھىرلىنىدىغان مۇتلەق نېممەتكە ئايلاندى . ئۇنىڭدىن باشقىلارنىڭمۇ بەھرىلىنىشىگە ، كۆڭۈل ئېچىشىغا يول قويماڭ . شۇنداقلا ئايالىڭىز، سىزمۇ مۇنداق ئەر - ئاياللار ئولتۇرۇشىغا ، كۆڭۈل ئىچىش سورۇنلىرىغا قاتناشماڭ . سىز ئۆزىڭىز ھەر يەر - ھەر سورۇنلاردا يايراپ يۈرۈپ ئايالىڭىزنى مېنىڭ خىزمىتىمنىلا قىلىسەن دەپ سىرتماققا ئالسىڭىز ، بۇ ئادالەتسىزلىك ھېسابلىنىدۇ ھەمدە ئوڭايلا ئايالىڭىزدىمۇ قارشىلىشىش ، شۇنداق سورۇنلارغا بېرىپ بېقىش ئىستىكى تۇغۇلۇپ قالىدۇ . ئۆزۈڭگە راۋا كۆرمىگەننى باشقىلارغىمۇ تەۋسىيە قىلما ......
بەزى سورۇن ، يىغىلىش ، قاتنىششىلارغا بېرىش زۆرۈر بۇلۇپ قالغاندىمۇ خەقنىڭ خوتۇنلىرى بىلەن تانسا ، ئۇسۇل ئويناشتىن ساقلىنىڭ . شۇنداقلا خۇتۇنىڭىزنىمۇ ئومۇمنىڭ مۈلكى ، كىم ئوينىسا بۇلىۋېردىغان ئۇيۇنچۇققا ئايلاندۇرۇپ قويماڭ . بىزدە خوتۇنى باشقىلار بىلەن چاپلىشىپ تانسا ئوينىسا ، ئۆزى بىر تەرەپتە تۇرۇپ خوشلۇقتىن ئېغىزى ئېچىلىپ قالىدىغان ئەرلەر ئاز ئەمەس . ھەتتا بىرەر باشلىق خوتۇنى بىلەن تانسا ئويناپ قويسا ، خوشلۇقتىن كۆرەڭلەپ بېشى ئاسمانغا تاقىشىدىغان ، باشلىققا رەھمەت ئېيتىپ سۆيۈنۈپ كېتىدىغان ئەرلەرمۇ ، ئۆزى ئۆيىدە داغ چايغا قاتتىق ناننى چىلاپ يەپ ئولتۇرىدىغان ، خوتۇنى رېستۇراندىن خەق بىلەن ئۇسۇل تانسا ئويناپ بەزمىخانىدىن كېلەلمەيدىغان ئائىلىلىرىمىزمۇ ئاز ئەمەس .....
بۇرادەر ، ئۇنتۇماڭ ۋە دىققەت قىلىڭكى ، خۇتۇن ئومۇمنىڭ مۈلكى ئەمەس . خۇتۇن ئەر بولغۇچىغىلا تەۋە. ئۇ شۇنىڭ خىزمىتىنى قىلىشى ، شۇنىلا كۈتۈشى ، شۇنىڭلا كۆڭلىنى ئىچىشى كېرەككى ، يات ئەرلەر بىلەن تانسا -ئۇسۇل ئويناپ ئۇنىڭ ئىچ - پۇشۇقىنى چىقىرىپ ، كۆڭلىنى ئېچىپ قويماسلىقى كېرەك . يات جىنىسلىق ئەرلەرنىڭ تەن ئەزايى بىلەن تولا ئۇچراشقان ئايال سىزنىڭ تېنىڭىز بىلەن ئۇچراشقاندا بارا - بارا غەيرى سېزىمدا بولماس ، ھەتتا سىزنى باشقا ئەرلەر بىلەن سېلىشتۇرۇپ سىزدىن قۇسۇر ئىزدەشكە ، نارازى بولۇشقا خۇشتار بۇلۇپ قالىدۇ ، ھەمدە ئۇچرىشىش ، ئولتۇرۇشلىرى تېخىمۇ كۆپىيىپ ، ئۆيدىن ، سىزدىن پەرزەنتلىرىدىن ئايرىلىپ قالىدۇ. كىيىمگە ، گىرىمگە ، ئەرلەرنىڭ ماختىشىغا ئامراق بولۇپ قالىدۇ - دە ، سىزدىن ئاستا - ئاستا يىراقلاپ كېتىدۇ . ئىشەنمىسىڭىز قاراپ بېقىڭ ، رىستۇرانغا ، يات ئەر - ئاياللار ئولتۇرۇشلىرىغا ئامراق خوتۇنلارنىڭ قايسىبىرى ئۆز ئېرى بىلەن ئەپ ئۆتىدىكىن ؟ قايسىبىرى ئېرىنىڭ ياخشى تەرىپىنى قىلىدىكىن ؟ .......
ئايالىڭىزنى تىزگىنلەشنى ئۆگىنىۋېلىڭ . ئۇ ئومۇمنىڭ ئورتاق بەھرىلىنىدىغان مۈلكىگە ئايلىنىپ قالمىسۇن . ئايالىڭىز ئۈچۈن سىز ۋە نىكاھ ،ئائىلىدىن مۇھىم ئولتۇرۇش ، كۆڭۈل ئاچىدىغان سورۇن ، دوسىت يوق . سىزنىڭ ئىككىلەمچى ئورۇنغا چۈشۈپ قالغىنىڭىز دەل ئۇنىڭ قەلبىدىكى ئورنىڭىزنىڭ تۆۋەنلەۋاتقىنىدىن بولىدۇ. ۋاقتىدا ئۇنى تۇتۇپ قىلىڭ . ئۆز دائىرىڭىزدە كونترول قىلىۋېلىڭ . بولمىسا ئۇ ئەتە - ئۆگۈن يەنە بىر گەدىنى توم ، يانچۇقى بوم بىرىنىڭ كەينىدىن سوكۇلداپ كېتىپ قېلىشى مۇمكىن.
مەنبە : «كۆزۈڭنى ئاچ ، ئۆزۈڭنى تاپ ئەركەكلەر»
| بىز ھەققىدە | ئېلان بىرىڭ | مۇلازىمەتلىرىمىز | خېرىدارلىرىمىز | پىكىر بىرىڭ | بىكەت خەرىتىسى |
تور بىكىتىمىزگە يوللانغان ھەر قانداق كىنو - فىلىم ، ناخشا - مۇزىكا ۋە رەسىملەر توردىن ئېلىنغان ، ئەگەر نەشىر ھۇقۇقىغا دەخلى يەتكۈزدى دەپ قارالغان مەزمۇنلار بولسا بىز بىلەن ئالاقىلىشڭ
(ICP11003167 )ئېلان - ئالاقە تېلېفۇن : 2561272-0991 QQ:527377610 TEL:13899847776