ئەرلەر ۋە ئاياللار
.ئەرلەر ئۇچى يىرتىق پايپاق كىيسە كىيىدۇكى، قورسىقىغا ئۈچ ۋاق تاماق يېيىشنى ئۇنتۇپ قالمايدۇ. ئاياللار ئۈچ ئاي ناشتا قىلماسلىققا رازىكى، نەچچە قۇر يېڭى كىيىم كىيىۋالماي قالمايدۇ.
.ئەرلەر ماگىزىن ئارىلىسا روھى چۈشۈپ كېتىدۇ، ئاياللار ئەكسىچە ھاياجانلىنىپ كېتىدۇ. ئەرلەر ماگىزىنغا كىرسە تاماكا سېتىۋېلىشنى ياخشى كۆرىدۇ، ئاياللار ماگىزىنغا كىرسە ئەتىر سېتىۋېلىشنى ياخشى كۆرىدۇ.
.ئەرلەر ماللارنى ئانچە خىللاپ كەتمەيدۇ، ئاياللار كۆڭلىگە ياققۇدەك مال سېتىۋېلىش ئۈچۈن ئايىغىنىڭ پاشنىسىنىڭ ئاجراپ كېتىشىگىمۇ پەرۋا قىلمايدۇ.
.ئەرلەر ھەمىشە كىرىمىنى يوشۇرىدۇ، ئاياللار ھەمىشە يېشىنى يوشۇرىدۇ.
.ئەرلەر چىرايلىق ئاياللارغا قاراشقا ئامراق كېلىدۇ، ئاياللار شېرىن–شېكەر سۆزلەرنى قىلىشقا ئامراق كېلىدۇ.
.ئەرلەر گۈزەللىكنى دەپ مۇھەببەتنى قوغلىشىدۇ، ئاياللار مۇھەببەتنى دەپ گۈزەللىك قوغلىشىدۇ.
.ئەرلەر ئوخشاش جىنىستىكىلەرنىڭ يانچۇقىدىكى پۇلغا ھەۋەس قىلىدۇ، ئاياللار ئوخشاش جىنىستىكىلەرنىڭ فىگورسىغا ھەۋەس قىلىدۇ.
.ئاياللارنىڭ يېشى چوڭايغانسېرى ئېرىنىڭ ئىشىغا ئارىلىشىدۇ، ئەرلەر بولسا ئايالىنىڭ ئىشى بىلەن كارى بولمايدۇ.
.ئەرلەر دەرەخكە ئوخشايدۇ، ئاياللار ئاسراپ تۇرمىسا قۇرۇپ قالىدۇ، ئاياللار گۈلگە ئوخشايدۇ، ئەرلەر ئاسراپ تۇرمىسا سولىشىپ قالىدۇ.
.ئەرلەر مائاشى ۋە ئەمىلىنىڭ ئۆسكىنىنى ئۇنتۇپ قالمايدۇ، ئاياللار تۇغۇلغان كۈن ۋە توي خاتىرە كۈنىنى ئۇنتۇپ قالمايدۇ.
| بىز ھەققىدە | ئېلان بىرىڭ | مۇلازىمەتلىرىمىز | خېرىدارلىرىمىز | پىكىر بىرىڭ | بىكەت خەرىتىسى |
تور بىكىتىمىزگە يوللانغان ھەر قانداق كىنو - فىلىم ، ناخشا - مۇزىكا ۋە رەسىملەر توردىن ئېلىنغان ، ئەگەر نەشىر ھۇقۇقىغا دەخلى يەتكۈزدى دەپ قارالغان مەزمۇنلار بولسا بىز بىلەن ئالاقىلىشڭ
(ICP11003167 )ئېلان - ئالاقە تېلېفۇن : 2561272-0991 QQ:527377610 TEL:13899847776