ESERLAR
ئەڭ يېڭى ئەسەرلەر
ئاۋات ئەسەرلەر
ئېرىڭىزنى تارتقۇزۇپ قويماي دېسىڭىز ...


ئېرىڭىزنى تارتقۇزۇپ قويماي دېسىڭىز ...


 

ئاياللار ئېرىنىڭ ئۈچىنچى شەخسكە ئالدىنىپ ، ئۆزىنى بىر چەتكە قايرىپ قويۇشىدىن ئەنسىرەيدۇ . بۇ يەردىكى ئاتالمىش ئۈچىنچى شەخس نوقۇل ئادەمگە قارىتىلمىغان ، تورغا چىقىش  ، تور ئويناش دىگەندەكلەرمۇ ، ئەر-خوتۇن ئوتتۇرىسىدىكى ھېسسىياتنى سۇسلاشتۇرۋىتىدىغان قورقۇنۇچلۇق ئۈچىنچى شەخس .


 

ئەرلەر تۆۋەندىكىدەك سەۋەبلەردىن - شەخسكە بېرىلىپ كېتىدۇ .


 

 ئەرلەر ئايالىنىڭ ھەدددىن زىيادە كۈنلىشى ، ئىش-ھەرىكىتىنى كونترول قىلىشىدىن زېرىكىپ ، توردا پاراڭلىشىش ، ئويۇن ئويناش بىلەن كۆڭلىنى ئاچىدۇ ، بۇنىڭ ئۈچۈن ئاياللار ئۇنىڭغا ئارغامچىنى ئۇزۇن قويۇۋېتىپ ، بىراقلا يىغىش ئۇسسۇلى بىلەن تاقابىل تۇرۇش ، يەنى ئۇنىڭ شۇ چاغدىكى قىزىقىشىغا ماسلاشقان ھالدا ، ئۇنى ئاستا-ئاستا يېنىغا تارتىش كېرەك .


 

 ئەرلەر بەزى ھېسسىيات ئامىللىرى ۋە ئىچكى ئېھتىياج تۈپەيلىدىن ئايالى بىلەن ئارىلىق ساقلايدۇ ، بەزى قىزىقىشلېرىنى ئايالىدىن يۇشۇرىدۇ ، بۇنىڭغا قارتا ئاياللار كونكرېت ئەھۋالىنى بىر تەرەپ قىلىش ئۇسسۇلى بىلەن ئېرىنىڭ كۆڭلىنى ئۇتۇش ، ھەم ئۇنىڭ كەيپىياتىنى تەڭشىشى كېرەك .


 

 ئېسىڭىزدە بولسۇنكى ئەرلەرنىڭ نەزىرىدىكى نىكاھ  ، ئانا بالىلىق مۇناسىۋەتنىڭ داۋاملىشىشى ھىسابلىىندۇ . ئۇلار قەستەن كەم سۆز ، ئىچ مىجەز  بولىۋېلىش تاكتىكىسىنى قوللىنىش ئارقىلىق ئايالىنىڭ ھەر قانداق شارائىتتا تەشەببۇسكار ئورۇنغا ئۆتىشىنى ، ئانىسىغا ئوخشاش ئالداپ - سىلاپ بەزلىشىنى ئۈمىت قىلىدۇ .
 
 

 

تاقاش

| بىز ھەققىدە | ئېلان بىرىڭ | مۇلازىمەتلىرىمىز | خېرىدارلىرىمىز | پىكىر بىرىڭ | بىكەت خەرىتىسى |

تور بىكىتىمىزگە يوللانغان ھەر قانداق كىنو - فىلىم ، ناخشا - مۇزىكا ۋە رەسىملەر توردىن ئېلىنغان ، ئەگەر نەشىر ھۇقۇقىغا دەخلى يەتكۈزدى دەپ قارالغان مەزمۇنلار بولسا بىز بىلەن ئالاقىلىشڭ

(ICP11003167 )ئېلان - ئالاقە تېلېفۇن : 2561272-0991 QQ:527377610  TEL:13899847776