ESERLAR
ئەڭ يېڭى ئەسەرلەر
ئاۋات ئەسەرلەر
قىزلار توي قىلىشتىن بۇرۇن


قىزلار توي قىلىشتىن بۇرۇن


 

 توي قىلىش ھەرگىزمۇ ئوينىشىدىغان ئىش ئەمەس. توي قىلىشتىن ئىلگىرى سىز چوقۇم يىگىتىڭىزگە  نىسپەتەن بىر قەدەر چوڭقۇر چۈشەنچە ھاسىل قىلىشىڭىز كېرەك. شۇنىڭدىلا كەلگۈسى تۇرمۇشىڭىزدىن خاتىرجەم بولالايسىز. ئەگەر سىز يىگىتىڭىزنى ھەقىقىي چۈشىنىشنى خالىسىڭىز، ئۇنىڭ بىلەن ئالاقە قىلىۋاتقان قىسقىغىنە مەزگىل ئىچىدە ئۇنىڭ ئەخلاقىنى چوقۇم بىۋاستە ۋە ۋاستىلىق ئۇسۇللار ئارقىلىق ئۇسۇللار ئارقىلىق ياخشى كۆزىتىشىڭىز كېرەك.
 . ئۇنىڭ ئائىلىسىگە پات- پات بېرىپ تۇرمۇشقا مۇناسىۋەتلىك مەسىلىلەرنى ، ھەتتا ئۇششاق ئىشلارغىچە ئىنچىكىلىك بىلەن كۆزىتىڭ . ئەگەر يىگىتىڭىزنىڭ ئائىلىسىدىكىلەر شەخسىيەتچى، تەكەببۇر، كىشىگە بايلىق ۋە مەرتىۋىگە قاراپ مۇئامىلە قىلىدىغان كىشلەر بولسا، ئۇنىڭ تۇرمۇش ئۇسۇلى ۋە ئىدىيىسى سىزدىن كۆپ پەرقلەنمىگەن تەقدىردىمۇ، بۇنداق ئادەم بىلەن مۇناسىۋەتنى داۋاملاشتۇرۇش ياكى داۋاملاشتۇرماسلىق توغرىسىدا ئوبدان ئويلىنىشىڭىزغا توغرا كېلىدۇ.
  . كۆزىتىش ئارقىلىق ئاتا- ئانىسىنىڭ مۇناسىۋىتىنىڭ قانداقلىقىنى چۈشىنىپ ئالىسىز، يىگىتىڭىزنى كېيىنكى تۇرمۇشىڭىزدا سىزدىن نېمىنى كۈتىدىغانلىقىنى بىلىۋالالايسىز. پىسخولۇگىيە ئالىملىرى:نۇرغۇن ئەرلەر ئەر-خوتۇنلۇق مۇناسىۋېتىنى ئورنىتىشتا روشەن ھالدا ئۆز ئاتا- ئانىسىنى ئۆرنەك قىلىشنى ئويلايدۇ. ئەگەر ئاتا- ئانىسى ئىناق، كۆڭۈللۈك ئائىلە بەرپا قىلغان بولسا، ئۇمۇ شۇنداق ئائىلە قۇرۇشنى ئارزۇ قىلىدۇ ھەمدە كەلگۈسىدە ئۇ چوقۇم ياخشى بىر ئەر بولالايدۇ، دەپ كۆرسەتكەن.
 . ئۇنىڭ دوستلىرى بىلەن كۆپرەك ئارىلاشسىڭىز ئۇلاردىن يىگىتىڭىزنىڭ زادى قانداق ئادەم ئىكەنلىكىنى بىلىۋالالايسىز. يەنە ئۇنىڭ دوستلىرىغا بولغان مۇئامىلسىنىمۇ كۆزىتىپ بېقىڭ. سەمىمىي ، ئاقكۆڭۈل، كۆڭۈل - كۆكسى كەڭ ئادەم دوستلىرىغا ھەرگىز رەھىمسىزلىك قىلمايدۇ.
  . خىزمەتكە بولغان پوزىتسىيىسىنىمۇ كۆزىتىڭ . بۇ ئارقىلىق ئۇنىڭ ئۆز ئىشىغا پۇختا، تىرىشچان ئادەم ئىكەنلىكىنى ياكى يىنىك، ئىشنى قولىنىڭ ئۇچىدىلا قىلىدىغان ئادەم ئىكەنلىكىنى بىلىۋالالايسىز. خىزمەتداشلىرىنىڭ يىگىتىڭىزگە قارىتا قانداق پىكرى بارلىقىنى ئاڭلاپ باققىنىڭىزنىڭمۇ زىيىنى يوق.
  . ئۇنىڭ ئۇشتۇمتۇت يۈز بەرگەن ئىشلارغا قانداق مۇئامىلە قىلىشىغا دىققەت قىلىڭ. مەسىلەن ئالايلۇق، ئىككىڭلار ۋېلىسپىتلىق سىرتقا ئوينىغىلى چىققاندا، بىرىڭلارنىڭ ۋېلىسپىتىدىن چاتاق چىقىپ قالسا، ئاچچىقى كېلىپ ۋېلىسپىتنى تىللاپ، ئالدىراپ- تېنەپ رېمونت قىلامدۇ ياكى سەۋرچانلىق بىلەن پۇختا رىمۇنت قىلامدۇ. مۇشۇ ئىشتا تۇتقان مۇئامىلسىدىن ئۇنىڭ مىجەزىنى بىلىۋالالايسىز.
  . ئۇنىڭ ئۆز- ئۆزىنى ئۆزگەرتىشكە ئەھمىيەت بېرىدىغان ياكى بەرمەيدىغانلىقىنى سىناپ كۆرۈڭ. سىز ئۇنىڭدىكى يېتەرسىزلىكلەرنى يۈز- خاتىرە قىلماي كۆرسىتپ بېرىپ، ئاندىن ئۇنىڭ ئىنكاسىنى ئاستا كۆزىتىپ بېقىڭ. پىكىرىڭىزنى قۇبۇل قىلىپ كەمتەرلىك بىلەن ئۆزگەرتىۋاتقان- ئۆزگەرتمەيۋاتقانلىقىغا قاراڭ. ئەگەر ئۇ سىزنىڭ تەنقىدىڭىزگە پەرۋا قىلمىسا، بۇنداق ئادەملەر ئۆزۈمنىڭلا توغرا دېيىشنى ياخشى كۆرىدۇ. ئۇ ھالدا توي قىلغاندىن كېيىن ھەممە ئىشتا ئۇنىڭ رايىغا باقمىسىڭىز، ئوتتۇراڭلاردا ئاسانلا زىددىيەت كېلىپ چىقىدۇ.
  . ئۇنىڭ كۆڭلىنىڭ ياخشى- يامانلىقىنى كۆزىتىپ بېقىڭ. ئۇنىڭ بىلەن بىللە بولغان مەرگىللىرىڭىزدە، ئۇ چوقۇم سۆز ۋە ھەرىكەتلىرىدە ئۆزىنىڭ  ھەقىقىي ماھىيىتىنى ئاشكارىلاپ قويىدۇ. ئۇ ئالدىدا ئويناقشىپ كەلگەن ئاسلاننى تېپىۋېتەمدۇ قانداق؟ ئاپتوبۇسقا ئولتۇرغاندا قېرى، ئاجىزلارغا ، ئانا ۋە بالىلارغا ئورۇن بوشىتىپ بېرەمدۇ- يوق... ئەگەر ئۇنىڭدا كۆيۈمچانلىقنىڭ كەمچىل ئىكەنلىكىنى بايقىسىڭىز، ئۇنداقتا، ئۇنىڭ سىزنى چىن كۆڭلىدىن ياخشى كۆرىدىغان- كۆرمەيدىغانلىقىنى ئويلىنىپ كۆرىشىمىزگە توغرا كېلىدۇ.

 

تاقاش

| بىز ھەققىدە | ئېلان بىرىڭ | مۇلازىمەتلىرىمىز | خېرىدارلىرىمىز | پىكىر بىرىڭ | بىكەت خەرىتىسى |

تور بىكىتىمىزگە يوللانغان ھەر قانداق كىنو - فىلىم ، ناخشا - مۇزىكا ۋە رەسىملەر توردىن ئېلىنغان ، ئەگەر نەشىر ھۇقۇقىغا دەخلى يەتكۈزدى دەپ قارالغان مەزمۇنلار بولسا بىز بىلەن ئالاقىلىشڭ

(ICP11003167 )ئېلان - ئالاقە تېلېفۇن : 2561272-0991 QQ:527377610  TEL:13899847776