بىر ئانىنىڭ قىزىغا ئېيتقانلېرى
كەل ھەي سۈيۈملۈك قىزىم ، ساڭا بۇ نەسھەتلەرنى قىلاي ، ئۇلارنى ياخشى ئۆگىنىپ ئەمەل قىلساڭ ، ئۆمۈر بويى راھەتتە ياشايسەن ، ئۆمۈر يولدىشىڭ بىلەن ھېچ قاچان ئاراڭلار بۇزۇلمايدۇ . بۇ دۇنيادا بەخىتلىك ياشىغانغا ئوخشاش ئاخىرەتتىمۇ خوشال ياشايسەن ، مەڭگۈ بەخت -سائادەتكە ئېرىشىسەن .
. قانائەتلىك بول يەنى ئۆمۈر يولدىشىڭ كەلتۈرگەن ئوزۇق-تۈلۈك ، كىيىم -كېچەكنىڭ ھەممىسىنى مەمنۇنىيەت بىلەن قوبۇل قىلغىن . چۈنكى قانائەت قەلىبكە ھۇزۇر بېغىشلايدۇ .
. ئېيتىلىۋاتقان گەپلەرنى دائىم قۇلاق سېلىپ ئاڭلا ۋە ھەمىشە ئىتائەتمەن بول . ئۆمۈر يولدىشىڭغا ئىتىراز بىلدۈرمە . ئۇنىڭ بىلەن ھەم پىكىر ۋە بىر نىيەتتە بولۇشقا ھەركەت قىل . بۇنداق ھەركەتلەر بىلەن جانابى ئاللاھۇ تائالانىڭ رازىلىقىغا ئېرىشىسەن .
. يولدۇشىڭنىڭ كۆزى چۈشىشى مۈمكىن بولغان ھەممە جايغا ئىتىبار بەر ، شۇنداق قىلغىنكى ، ئۇنىڭ كۆزى زىنھار قالايمىقان ھالەتلەرگە چۈشمىسۇن .
. يامان ھىد چىقىش ئېھتىمالى بولغانلىكى نەرسە ۋە يەرلەرگە دىققەت قىل ، ئۇلارنى تېپىپ تازلا . ئۆيۈڭدىن دائىم خۇشپۇراقلار ئۈزۈلمىسۇن . چۈنكى پاكىزلىق ئىماننىڭ يېرىمىدۇر .
. شۇنى ياخشى بىل ، تازىلىق ۋە لاتاپەت سۇغا باغلىق ، ھەرقانداق نەرسە سۇ بىلەن پاكىز بولىدۇ . ئۆيلەردە سۇنىڭ پاكىز بۇلۇشىغا دىققەت قىل .
. يولدۇشىڭنىڭ تاماقلىنىش سائىتى ۋە ئۇيقۇ ۋاقتىغا دىققەت قىل ، تاماقنى ھەمىشە ئۇنىڭ ئادىتى بويىچە تەييارلا . ۋاقتىدا ئۇخلاش ئۈچۈن ئىشىڭنى ۋاقتىدا تۈگەت . چۈنكى ئاچلىق ۋە ئۇيقۇسىزلىق خاپىلققا سەۋەپ بولىدۇ .
. ئۆيۈڭدىكى مال -مۈلۈك ۋە جازىلارغا ئېھتىيات قىل ، ئۇلارنى پاكىز تۇت . ئۆيۈڭدىن چاڭ -تۇزاڭ نىرى كەتسۇن .
. يولدۇشىڭنىڭ يېقىنلىرىغا چىرايلىق مۇئامىلىدە بول ، بۇ سىنىڭ ياخشىلىقىڭنى بىلدۈرىدۇ . بىراۋغا مۇئامىلە قىلغاندا ئۇچۇق-يۇرۇق دوستانە بول .
. يولدۇشىڭنىڭ سىرلىرىنى زىنھار باشقىلارغا تىنما . ئەگەر سىرلىرىنى ئەتراپقا يايساڭ ، سەندىن رەنجىيدۇ . بىۋاپالىق يولىغا كىرىپ قېلىشى مۈمكىن.
. يولدۇشىڭنى ھۆرمەت قىل . بۇيرۇقلىرىنى بېجىر . گەپ قايتۇرۇپ جاۋاپلاشما . ئەگەر ئۇنىڭغا قارشى چىقىپ جاۋاپلاشساڭ ، ئاچچىقى كىلىپ رەنجىشىگە ھەتتا دۈشمەن كەبى ھەركەت قىلىشىغا سەۋەپ بولىسەن . يولدۇشىڭنىڭ غەمكىن ۋە خاپا بولغاندا ئۆزۈڭنى خۇرسەن تۇتما . ئۇنىڭ غەم -ئەندىشىگە شىرىك بول ھەم سەن شۇنداق كەيىپىياتتا بول .
قىسقىسى ، ئەي سۈيۈملۈك قىزىم ، سەن يولدىشىڭىنى قانچىلىك ھۆرمەت قىلساڭ شۇنچىلىك ھۆرمەتكە ، مۇھەببەتكە ئېرىشىسەن . ھەمىشە ئەخلاقلىق ، ئىپپەتلىك بول . « ئاياللارنىڭ ئەڭ گۈزىلى ھايا ۋە ئىپپەت پەردىسىگە ئورۇنغانلاردۇر » .
مەنبە : «پەزىلەت غۇنچىلىرىغا سۆز » ناملىق كىتاپ
| بىز ھەققىدە | ئېلان بىرىڭ | مۇلازىمەتلىرىمىز | خېرىدارلىرىمىز | پىكىر بىرىڭ | بىكەت خەرىتىسى |
تور بىكىتىمىزگە يوللانغان ھەر قانداق كىنو - فىلىم ، ناخشا - مۇزىكا ۋە رەسىملەر توردىن ئېلىنغان ، ئەگەر نەشىر ھۇقۇقىغا دەخلى يەتكۈزدى دەپ قارالغان مەزمۇنلار بولسا بىز بىلەن ئالاقىلىشڭ
(ICP11003167 )ئېلان - ئالاقە تېلېفۇن : 2561272-0991 QQ:527377610 TEL:13899847776