ياشلىق ئاياللار نىمىلەرنى قىلىش كېرەك ؟
. كۆڭۈلدىكىدەك كەسىپ بىلەن شۇغۇللىنىش . چۈنكى ئاياللارنىڭ ياشتىن ئاشقاندىن كېيىن خالىغانچە كەسىپ تاللاپ ، كەسىپ ئالماشتۇرىشى قىيىن بولىدۇ .
. ئائىلىنىڭ مۇھىملىقىنى تونۇپ يېتىش . مەيلى سىز سىرتتا قانچىلىك كۆڭۈلسىزلىككە ئۇچراڭ ، يەنىلا ئۆزىڭىزنى سىغدۇرالىغۇدەك بىر ئىللىق ماكان بولۇشى كېرەك .
. تېرىنى ياخشى ئاسراش كېرەك . يىللار ئادەمگە باقمايدۇ . ياشلىق باھارىنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن تېرە قېرىشنىڭ ئالدىنى ئېلىپ ، تېرىنى مۇھاپىزەت قىلىشنىڭ بالدۇر باشلاش كېرەك .
. ئۆزىنى ياساشقا ماھىر بولۇش كېرەك . ئۆزىگە ئەڭ مۇۋاپىق كېلىدىغان ئۆزىنى ياساش ماھارىتىنى ئېگىلەش ياشلىق ئاياللار ئۈچۈن ناھايىتى مۇھىم .
. ئۆزىگە خاس خاراكتىر يېتىلدۈرۈش . باشقىلارنى دورىماي ، ئۆزىنىڭ خاراكتىرىگە ئاساسەن ئىش قىلىش كېرەك .
. تەنھا ياشاشنىڭ تەمىنى تېتىپ بېقىش كېرەك . ياشلىق مەزگىلىدىن پايدىلىنىپ ، ئۆزىگە مەنسۇپ بولغان ۋاقىتتتىن بەھىرىلىنش ، كۆپ پىكىر قىلىش ، ئۆزى ياخشى كۆرگەن ئىشلارنى قىلىش .
. ئاتا - ئانىسىغا كۆيۈنۈنۈش . ئاتا - ئانىلار بارغانسىرى قېرىيدۇ . ياشقا كىرگەن ئاياللار ئۆزىنى مۇھاپىزەت قىلىشتىن سىرت ، ئاتا - ئانىسىغا كۆپرەك كۆيۈنۈشى ھەم ئۇلارنى دائىم يوقلاپ تۇرۇشى كېرەك .
. نىشىان بەلگىلەش ھەمدە نىشاننى بەلگىلەپ بولغاندىن كېيىن ، شۇ نىشاننى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن تىرىشىش كېرەك .
. بىر خىل چەت ئەل تىلىنى ئۆگىنىش . ياش ئانچە چوڭ ھىسابلانمايدۇ . بۇ ۋاقىتتا چەت ئەل تىلىنى كۆپرەك ئۆگىنىش تۇرمۇش ۋە كەسىپكە پايدىلىق .
. بىلىم ئاشۇرۇش . ياشتىن بۇرۇن ئادەمنىىڭ ئەستە تۇتۇش قابىلىيىتى يوقىرى بولىدۇ . شۇڭا ۋاقىتنى چىڭ تۇتۇپ ، ئۆزىنى بىلىم بىلەن قوراللاندۇرۇش كېرەك .
. ئاشپەزلىك ماھارىتىنى ئېگىلەڭ . ئەگەر جورىڭىز بولسا مەززىلىك تاماقلار بىلەن ئۇنىڭ سىزگە بولغان غەمخۇرلىقىنى قايتۇرۇڭ . ناۋادا يالغۇز بولسىڭىز تېخىمۇ ياخشى تاماقلىنىپ ، ئۆزىڭىزنى ئاسراڭ .
. چاچ پاسونى بىلەن گىرىم قىلىش جەھەتتە كۆپرەك ئىزدىنىش كېرەك . ياشتىن ئىلگىرى چېچىڭىزنى قانداق پاسۇندا ياساتسىڭىز بولىدۇ . ئەمما يېشىڭىز چوڭايغاندا ئويلىنىپ ئىش قىلمىسىڭىز كۈلكىگە قالىسىز .
. بانكىدا مۇقىم مەبلىغىڭىز بولۇشى كېرەك . ئېگىلىك تىكلەش ، توي قىلىش ، جىددىي ئىشى چىقىپ قالغاندا ئىشلىتىدىغانغا مۇقىم مەبلەغ بولۇشى كېرەك .
. بىر پارچە گىرىمسىز رەسىمگە چۈشۈپ قويۇش . ياش چوڭايغانسىرى ئادەمنىڭ ئۆزىگە بولغان ئىشەنچىسى تۆۋەنلەپ ، ئخىتىيارسىزلا گىرىمنى قېنىق قىلىۋالىدۇ .بەدەن زىلۋا ، قىگۇرا چىرىيلىق ۋاقىتتا بىر پارچە خاتىرە سۈرەتكە چۈشۈپ قويۇش ناھايىتى مۇھىم . بەللەر يوغىناپ ، تېرىلەر بوشاپ كەتكەندە كېچىككەن بولىسىز.
. مەبلەغ سېلىپ مالىيە باشقۇرۇشنى ئۆگىنىۋېلىش . ئائىلىنىڭ ئۆزى بىر كىچىك شېركەت ، چىقىم بىلەن كىرىم ئوتتۇرىسىدىكى نىشبەتنى بالدۇرراق ئۆگىنىۋىلىڭ .
. ئاغزىغا پۇختا بولۇش . ياشتىن كېيىن ئاياللار نىڭ ئۇششاق - چۈششەك ئىشلىرى كۆپىيىدۇ . بۇ تەرەپتىن قاتتىق دىققەت قىلىڭ . چۈنكى ئەرلەر كوت - كوت ئاياللاردىن بىزار .
. ساۋاقداش ۋە دوسىتلار ئارا يىغىلىشلارغا كۆپرەك قاتنىشىڭ . ياشتىن ئىلگىرى ئائىلە تېخى مۇستەھكەم يىلتىز تارتمىغان بولىدۇ . بۇ چاغدا دوسىتلۇق ئېلىپ كەلگەن خۇشاللىقتىن كۆپرەك بەھرىمەن بولۇش كېرەك .
. ھەم ئەسلىمىنى ئۇنۇتماسلىق ھەم زامانغا ماسلىشىپ تۇرۇش كېرەك . ئەنئەنىۋى پەزىلەتكە ۋارىسلىق قىلىش بىلەن بىرگە ئائىلە كەيپىياتىنى ياخشىلاپ ، ئۆزىنى كۆرسىتىپ تۇرۇش كېرەك .
. ئۆزىدە بىر خىل ھەۋەس يېتىلدۈرۈش كېرەك . بۇ مەزگىلدە ئادەمنىڭ زېھنى ئۆتكۈر بولۇپ ، بىر خىل ھەۋەسنى يېتىلدۈرۈش ناھايىتى ئاسان . بۇنىڭ بىلەن ئادەم بىرەر ئىشقا يولۇقسا ئۆزىنى ئەركىن تۇتالايدۇ .
. بالا تەربىيلەش بىلىملىرىدىن ساۋادى بولۇش . بالا تۇغۇلۇپ بولغاندىن كېيىن بۇ توغرىسىدا كىتاب ۋاراقلىسىڭىز كېچىككەن بولىسىز .
| بىز ھەققىدە | ئېلان بىرىڭ | مۇلازىمەتلىرىمىز | خېرىدارلىرىمىز | پىكىر بىرىڭ | بىكەت خەرىتىسى |
تور بىكىتىمىزگە يوللانغان ھەر قانداق كىنو - فىلىم ، ناخشا - مۇزىكا ۋە رەسىملەر توردىن ئېلىنغان ، ئەگەر نەشىر ھۇقۇقىغا دەخلى يەتكۈزدى دەپ قارالغان مەزمۇنلار بولسا بىز بىلەن ئالاقىلىشڭ
(ICP11003167 )ئېلان - ئالاقە تېلېفۇن : 2561272-0991 QQ:527377610 TEL:13899847776