كۆڭۈلدىكىدەك ئەر - خوتۇنلۇق مۇناسىۋىتى ئۈچۈن كۆرسەتمە
ئامىرىكىلىق نىكاھ ئىشلىرى مۇتەخەسسىسى دوكتۇر لاۋرىنىس نىكاھقا مۇناسىۋەتلىك كۆپ كىتابلارنى كۆرگەندىن كېيىن نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ تۇرمۇش سەرگۈزەشتىسىگە ئاساسەن قانداق قىلغاندا كۆڭۈلدىكىدەك ئەر - خوتۇنلۇق مۇناسىۋەتكە ئېرىشكىلى بولىدىغانلىقى توغرىسىدا تۈرلۈك تەكلىپنى ئوتتۇرىغا قويغان .
. پاراڭلىشىڭ : ھەركۈنى مەلۇم ۋاقىت چىقىرىپ ، خۇشال كەيپىياتتا ھەمراھىڭىز بىلەن پىكىر ئالماشتۇرۇڭ . بۇ كۆڭۈل بۆلگەنلىك ۋە مۇھەببەتنى ئىپادىلەيدىغان ئەڭ ياخشى ئۇسۇل .
. بىرلىكتە سەيلە قىلىڭ : كۈندە مىنۇت ئەتراپىدا ۋاقىت سەرپ قىلىپ بىللە بەدەن چېنىقتۇرۇش ، ئۆزئارا پىكىر ئالماشتۇرۇش ، ھىسسىيات ئالماشتۇرۇپ ئۇقۇشماسلىقنى تۈگىتىپ يېڭى نىشان تىكلەشتە ئىنتايىن مۇھىم .
. بىرلىكتە بۇرۇن قىلىپ باقمىغان يېڭى ئىشلارنى قىلىڭ : يېڭى ئېچىلغان رېستۇرانغا بېرىپ ئۆزگىچە تائاملاردىن تېتىپ كۆرۈش ، مۇزىكا كېچىلىكىگە قاتنىشىش ، دەم ئېلىش كۈنلىرىنى ئۆزگىچە ئۇسۇلدا ئۆتكۈزۈش ، بىرلىكتە ئۆگىنىش كۇرسلىرىغا قاتنىشىپ ، ئۇزۇندىن بۇيان ئۆگەنمەكچى بولغان نەرسىلەرنى بىللە ئۆگىنىش نىكاھ تۇرمۇشۇڭلارغا تېخىمۇ كۆپ خۇشاللىقلارنى ئېلىپ كېلەلەيدۇ .
. داۋاملىق سوۋغا تەقدىم قىلىپ تۇرۇڭ : بىرەر ژۇرنال ياكى بىرەر ئالاھىدە كىتاب سېتىۋىلىپ تەقدىم قىلىش ، گۈل سوۋغا قىلىش ، ياخشى كۆرىدىغان يىمەكلىكلەرنى بىر- بىرىگە بېرىش قاتارلىق ئۇسۇللار ھەمراھىڭىزغا تېخىمۇ كۆپ خۇشاللىق ئېلىپ كېلىدۇ .
. ئورۇنسىز كوتۇلدىماڭ ، تەنقىدلىمەڭ : ھە دېسىلا قارشى تەرەپتىن قۇسۇر ئىزدەپ يۈرمەي ، كۆپرەك ماختاپ ، ئۇنىڭ سىزگە ئاتا قىلغان مۇھەببىتىگە رەھمەت ئېيتىڭ . قەدىناس ئەر - خوتۇنلار ئارىسىدا پاسسىپ سۆزلەرگە ئەزەلدىن ئورۇن يوق . سىز ياخشى ئۈلگە بولۇپ بەرسىڭىز ، يولدىشىڭىزمۇ ئىشلارنى سىزگە ئوخشاش ياخشى قىلالايدۇ.
. ئوبرازىڭىزنى خۈنۈكلەشتۇرۇپ قويماڭ : ياخشى ئوبراز ئۆزىڭىزگە ۋە ھەمراھىڭىزغا قىلىنغان ياخشى سوۋغات . ساغلام جەلىپ قىلارلىق تاشقى قىياپىتىڭىز ، يۈرۈش - تۇرۇشىڭىز ئەر - خوتۇنلۇق مۇناسىۋىتىنى تېخىمۇ ئىلگىرى سۈرۈشتە ھەيدەكچىلىك رولىنى ئوينايدۇ .
. ھەمراھىڭىزنىڭ ئۆز تۇرمۇشىغا مەسئۇل بولۇشىغا يول قويۇڭ : ئۇ ئۆز تۇرمۇشى ۋە كەلگۈسىنى بەلگىلەشكە ھوقۇقلۇق . ئۇنىڭ تاللىشىغا ھۆرمەت قىلىڭ . ئۆزۈڭلارنىڭ ئوخشاش ياكى ئوخشاش بولمىغان تەرەپلىرىنى ساقلاپ قېلىپ ، تۇرمۇشۇڭلارنى ئازادە ئۆتكۈزۈشكە تىرىشچانلىق كۆرسىتىپ ، ھەمراھىڭىزنى تېخىمۇ كۆپ خۇشاللىقلارنى بېغىشلاڭ .
. ئورتاق ئۆسۈپ يېتىلىشكە ئەھمىيەت بېرىڭ : سىلەرنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشىڭلار خۇشال ئەسلىمىلەرنى ئاساس قىلغاندا ، مۇناسىۋىتىڭلار تېخىمۇ يېقىنلىشىدۇ .
. قارشى تەرەپنى ئېگىلىۋىلىش نىيىتىدە بولماڭ : ئىش قىلغان ۋاقىتتا ھەرگىز ھەمراھىڭىزنى ئېگىلىۋىلىش نىيىتىدە بولماي ، ئۇنىڭ ئۆز تۇرمۇش ئۇسۇلى ۋە قىزىقىشى بويىچە ئىش كۆرۈشىگە يول قويۇڭ . قوللاش ، رىغبەتلەندۈرۈش ، مەدەت ۋە ئىلھام بېرىشنى ئاساس قىلىڭ . قەلبىڭىز مىننەتدارلىق بىلەن تولسۇن ، ئىناق ۋە ئىتتىپاق ئۆتۈڭ .
. بىرگە بولغان ۋاقىتىڭىزنى قەدىرلەڭ : شۇنداق قىلالىغاندا بىر - بىرىڭلارغا تېخىمۇ ئامراق بولۇپ كېتىسىلەر . ئۇنىڭ بىلەن بىرلىكتە ياخشى كۆرىدىغان ئىشلارنى قىلىڭ .
. پەقەت ئىككىڭلار خۇشال بولىدىغان ئىشلارنىڭ ھەممىسىنى قىلىڭ : شەخسىي تۇرمۇشقا سىز ۋە ھەمراھىڭىز ئوتتۇرىسىدا قىلىشقا تېگىشلىك ئىشلارنىڭ ھېچقايسىسى چەكلىمىگە ئۇچرىمايدۇ . پەقەت ئىككىڭلارغا پايدىلىق ئىش بولسىلا قىلىۋىرىڭ . باشقىلارنىڭ قانداق ئويلىشى بىلەن كارىڭىز بولمىسۇن ، ھەرقانداق توسالغۇ بولۇشىدىن قەتئىنەزەر ، ئىككىڭلار قانائەتلەنسەڭلارلا بولدى .
. دادىل بولۇڭ : يېڭى ئۇقۇم ، يېڭى كەچۈرمىش ، يېڭى ئىجتىمائىي مۇناسىۋتكە نىسبەتەن دادىلراق بولۇڭ . بۇنداق قىلىش سىزنىڭ تۇرمۇشتىن خۇشاللىق ئىزدىشىڭىزگە ، يېتىلىشىڭىزگە ،ئىجتىمائىي مۇناسىۋەت دائىرىڭىزنىڭ كېڭىيىشىگە ياردەم بېرىدۇ . سىلەر بىرلىكتە ئۆگەنگەن نەرسەڭلار قانچە كۆپ بولسا ، شۇنچە خۇشاللىنىسىلەر .
. ئەپۇ قىلىش ۋە مۇھەببەت قويۇشنى ئۆگىنىۋىلىڭ ، ئۆتكەن ئىشلارغا سالىۋات قىلىپ ، بۈگۈننى چىڭ تۇتۇڭ . ھەمراھىڭىز بىلەن بىرلىكتە خۇشال - خۇراملىق بىلەن كەلگۈسىنىڭ پىلانىنى تۈزۈڭ .
. نەپرەتلەنمەڭ ، ئاچچىقلانماڭ ، گۇمانخورلۇق ۋە ھەسەتخورلۇق قىلماڭ : شۇنداق قىلالىسىڭىز بىر - بىرىڭلارنى تېخىمۇ ھۆرمەتلەپ ، ھەر ئىككىڭلاردا تۇرمۇشقا نىسبەتەن تولۇپ تاشقان مىننەتدارلىق تۇيغۇسى پەيدا بولىدۇ .
. مەنىسىز ئۇرۇش - تالاش قىلماڭ : مەيلى قەيەر ،قايسى ۋاقىت بولسۇن ئۇرۇشماسلىق لازىم . بولۇپمۇ تاماق يەيدىغان ، ئۇخلايدىغان چاغدا ھەرگىز ئۇرۇشماڭ . ھەربىر كىشى ئۆز پىكرىدە تۇرۇشقا ھوقۇقلۇق ، قارشى تەرەپنىڭ كۆز قارىشىغا ھۆرمەت قىلىپ ، ياخشى بىر تىڭشىغۇچى بولۇڭ .
. كۈلۈمسىرەش ۋە كۈلكە سىزگە دائىملىق ھەمرا بولسۇن : بۇ ساغلاملىق ۋە ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرۈشنىڭ رېتسىپى . سىز ئۆزىڭىز ۋە ھەمراھىڭىزغا بەك تەلەپچان بولۇپ كەتمەڭ ، كۆپرەك كۈلۈمسىرەش ۋە كۈلۈش بىر -بىرىڭلارغا بېرىلىدىغان ھەقىقىي سوۋغات .
. تىكىلىپ قاراشنى ئۆگىنىۋىلىڭ : چوڭقۇر ھىسسىيات بىلەن بىر - بىرىڭلارغا قانچە كۆپ قاراشساڭلار ،مۇھەببىتىڭلار شۇنچە كۈچىيىدۇ . سىز قارشى تەرەپنىڭ كۆزىدىن مۇھەببەت ، ساداقەت ۋە گۈزەللىكنى كۆرەلەيسىز .
. كۆڭۈل بۆلگەنلىكنى ئىپادىلەڭ : قۇچاقلاش ، سۆيۈش ، سىيلاش بۇلارنىڭ ھەممىسى مۇھەببەتنى ۋە كۆڭۈل بۆلگەنلىكنى ئىپادىلەيدىغان ناھايىتى ياخشى ئۇسۇل .
. ساغلام بولغان تۇرمۇش ئادىتىنى يېتىلدۈرۈڭ : ياخشى يىمەكلىك ياخشى روھىي ھالەتنى يېتىلدۈرىدۇ .تۇرمۇشنى رېتىملىق ئۆتكۈزۈڭ .
. ئۆيىڭىز پاكىز ، رەتلىك بولسۇن : بۇنىڭ تىنچ مۇھىتنى يارىتىشقا ، ئائىلىڭىزنىڭ تېخىمۇ بەخىتلىك ۋە ئىناق بولۇشىغا ياردىمى بولىدۇ . بۇ راستىنلا ناھايىتى ئۈنۈملۈك ئۇسۇل .
. يارىشىملىق كېيىنىپ يۈرۈڭ : رەتلىك ، پاكىز ، يارىشىملىق كېيىنىپ ، چىرايلىق ياسىنىپ يۈرسىڭىز ، ئۆزىڭىزمۇ بىر خىل ئىپتىخارلىق تۇيغۇسى ھىس قىلىسىز .
. ئىقتىسادتا ئوچۇق ئاشكارا بولۇڭ : ئۆيىڭىزنىڭ ئىقتىسادىي مەسىلىسىنى قارشى تەرەپ بىلەن بىرلىكتە ھەل قىلىڭ . ئىقتىسادتا بىرلىكككە كېلىپ ، بىر - بىرىگە ئىشىنىپ ، جاپا - مۇشەققەت ، ھوزۇر - ھالاۋەتنى تەڭ كۆرگەندە ئەر - خوتۇنلۇق مۇناسىۋىتىنى تېخىمۇ مۇستەھكەملىگىلى بولىدۇ .
. قارشى تەرەپنى پۈتۈنلەي قوبۇل قىلىڭ :قارشى تەرەپنىىڭ خاراكتىرى ، ئادىتى ، مىجەزى قاتارلىق ئالاھىدە تەرەپلەرنى ئۆزگەرتىشكە ئۇرۇنماي ، ئەڭ ياخشىسى ئۇنى قوبۇل قىلىڭ . بۇ ئۇزاق مۇددەتلىك ئىناقلىقنى ئىلگىرى سۈرىدۇ .
| بىز ھەققىدە | ئېلان بىرىڭ | مۇلازىمەتلىرىمىز | خېرىدارلىرىمىز | پىكىر بىرىڭ | بىكەت خەرىتىسى |
تور بىكىتىمىزگە يوللانغان ھەر قانداق كىنو - فىلىم ، ناخشا - مۇزىكا ۋە رەسىملەر توردىن ئېلىنغان ، ئەگەر نەشىر ھۇقۇقىغا دەخلى يەتكۈزدى دەپ قارالغان مەزمۇنلار بولسا بىز بىلەن ئالاقىلىشڭ
(ICP11003167 )ئېلان - ئالاقە تېلېفۇن : 2561272-0991 QQ:527377610 TEL:13899847776