ESERLAR
ئەڭ يېڭى ئەسەرلەر
ئاۋات ئەسەرلەر
ئەر - ئايال مۇناسىۋىتىدىكى ئون خەتەرلىك سىگنال


ئەر - ئايال مۇناسىۋىتىدىكى ئون خەتەرلىك سىگنال


 

 .ئەرلەر سىرتتا ، ئاياللار ئائىلىدە خوجايىن بولۇۋىلىش
  ئەر - ئايال ھەر ئىككىلىسى ئائىلىدىكى ۋاقىتتا ئەرلەرمۇ ئۆي ئىشلىرىغا ياردەملىشىشى كېرەك . ئائىلىدە ئەر - ئايال ھەر ئىككىسى باراۋەر ئاساستا تاماق ئېتىشى ، بالىلارغا ئورتاق قاراش قاتارلىق ئۆي ئىشلىرىنى مۇۋاپىق بۆلۈشۈپ ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك . ئەرلەر بۈگۈنكى زامانغا لايىق ھەقىقىي «ئەر» بولۇشنى بىلىشى ، سىرتتا خىزمىتىنىمۇ ياخشى ئىشلەپ ، كەسىپچان ئەر بولۇشى ھەم ئائىلىدىكى مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئېلىپ ، يۈلەنچۈك بولالايدىغان ئەر بولۇشى لازىم.


 

 . ھە دېسىلا ئاجرىشىشنى ئوتتۇرىغا قويۇش
 تويدىن كېيىن ئەر - ئايال ئىككى تەرەپنىڭ تاكاللىشىپ قېلىشى دائىم كۆرۈلۈپ تۇرىدىغان ئەھۋال . بۇ مەسىلىگە توغرا مۇئامىلە قىلىش كېرەك . چوڭ ئىشنى كىچىكلىتىش ، كىچىك ئىشنى يوققا چىقىرىش ، سۈركىلىش يۈز بەرگەن ۋاقىتتا ھە دېسىلا ئاجرىشىپ كېتىشنى تىلغا ئېلىشتىن ساقلىنىش كېرەك .


 

. ئۆز ئاتا - ئانىسى بىلەن قارشى تەرەپ ئاتا - ئانىسىغا پەرقلىق مۇئامىلە قىلىش
  ئەر - ئايال ئىككى تەرەپنىڭ ئوخشاشلا ئائىلىسى ۋە ئىجتىمائىي مۇناسىۋىتى بولىدۇ . مۇناسىۋەتلىشىدىغان ئادەم كۆپەيگەنسېرى ھەرخىل ئەھۋاللارغا ئۇچراپ تۇرىدىغان گەپ . «قول ئىچىگە ئېگىلىپ كېتىش» ھەرئىككىيلەن ئۆزىنىڭ ئۇرۇق - تۇغقىنى ، ئاتا - ئانىسىنىڭ ئىشىغا ئالدىراپ ، قارشى تەرەپنىڭكىگە كەلگەندە بېشىنى ئىچىگە تىقىپ تۇرۇۋالسا ، «ئالتۇن بېرىپ ئېلىپ بولماس قالغان كۆڭۈلنى» دېگەندەك ئىش بولىدۇ .


 

. جۆرىسىنىڭ تۇرمۇش ئادىتىگە ھۆرمەت قىلماسلىق
  تويدىن كېيىن ئەر - ئايال ئىككىلا تەرەپنىڭ بەزى ئوسال ئادەتلىرى ياكى خۇي - پەيلى بولسا ئاشكارىلىنىدۇ . مەسىلىگە يولۇققاندا ئىمكانقەدەر سەۋر - تاقەت قىلىش ۋە يول قويۇشنى ئۆگىنىۋىلىش ، ئورۇنسىز ھالدا قارشى تەرەپتىن ئاغرىنماسلىق  كېرەك . بولۇپمۇ ئايال كىشى بۇنداق چاغدا سەل سەۋرچان بولۇشى كېرەك . پەقەت مۇلايىملىق بىلەن ئۇنىڭ بۇنىڭدىن كېيىن دىققەت قىلىشىنى ئەسكەرتىپ تۇرسىلا ھامان بىر كۈنى ئۈنۈمى كۆرۈلىدۇ .


 

. تالادىكى ئاچچىقىنى ئۆيگە سۆرەپ كىرىش
  ئەر - ئايال ئىككىلا تەرەپ سىرتتا بولغان كۆڭۈلسىزئىشلارنى ئۆيگە سۆرەپ كىرىپ ، دەردىنى ئۆيدىكىلەردىن ئالماسلىق كېرەك .چۈنكى ئاچچىق ئائىلىگە كۆڭۈلسىزلىك ئېلىپ كېلىدۇ . ئەگەر بىرەر كۆڭۈلسىزلىككە يولۇقسىڭىز ، سىرتتا تۆت - بەش ئاغىينىڭىزنى تېپىپ ھال - مۇڭ بولۇشۇپ ، ئاچچىقىڭىز يانغاندا ئۆيگە كېلىڭ ، يا كۆڭلىڭىزدىكىنى چىرايلىقچە جورىڭىزغا ئېيتىڭ . ئۇ بەلكى سىزگە مۇۋاپىق سۆز بىلەن تەسەللىي بېرىپ ياكى يول كۆرسىتىپ رايىڭىزدىن ياندۇرسا ، ئاچچىقىڭىز يېنىپ قېلىشى مۇمكىن .


 

. ئىقتىساد مەسىلىسىدە بىر ئادەمنىڭ دېگىنى ھېساب بولۇش
 ئائىلىدە ئىقتىسادنى قانداق باشقۇرۇش كىچىك ئىش ئەمەس . نۇرغۇن ئەر - ئاياللار مۇشۇ جەھەتتىن كېلىشەلمىدۇق دەيدۇ .ئائىلىدە پۇلنى ئورتاق مەسلىھەتلىشىپ خەجلەيدىغان ، ئىقتىسادنى مۇۋاپىق ئورۇنلاشتۇرىدىغان ئادەتنى يېتىلدۈرۈش كېرەك .ئائىلە ئىقتىسادى كەڭرى بولمىغان شارائىتتا ئەر - ئايال ئىككى تەرەپ ئۆزىنى تۇتۇۋىلىشى ، قارشى تەرەپنىڭ مەسلىھەتىسىز نەرسىلەرنى قالايمىقان سېتىۋالماسلىقى لازىم .


 

. ئەمەلىيەتكە يۈزلىنەلمەسلىك
 ئەر - ئايال ئوتتۇرىسىدا ئازارلىق پەيدا بولغان چاغلاردا ئەڭ ياخشىسى ، ئەر - ئايال ئىككىسى ياخشى ئۆتكەن چاغلارنى ئەسلەش كېرەك . مۇشۇنداق بولغاندىلا ئۆزى سەزمىگەن ھالدا تۇمۇشنى خۇشال ئۆتكۈگىلى بولىدۇ .


 

. ئۆيگە ھەمىشە كەچ قايتىش ۋە ياكى سىرتتا قونۇپ قېلىش
 ھازىر ھەر ئىككى تەرەپ خىزمەت قىلىدىغان ئائىلىلەر ناھايىتى كۆپ ، شۇڭا ئۇلار پەقەت تاماق ۋاقتىدىلا جەم بولالايدۇ .جىدىي تۇرمۇش رېتىمى ئەر - ئاياللارنىڭ ھىسسىيات ئالماشتۇرۇش ۋاقتىنى بەكلا ئازايتىۋەتتى .ئەگەر بىر تەرەپ ھەمىشە سەۋەبسىز كەچ كەلسە ياكى سەۋەبسىز سىرتتا قونسا ، قارشى تەرەپنىڭ كۆڭلىگە تەشۋىش ، ئەندىشە ۋە دىلخەستىلىك ئېلىپ كېلىدۇ .


 

. پەرزەنتلەر ئالدىدا بىر- بىرىنىڭ يېغىرىنى ئېچىش
  مەيلى ئەر ياكى ئايال بولسۇن ، بۇ خىل قاملاشمىغان قىلىقتىن ساقلىنىش كېرەك . بۇنداق قىلمىش قارشى تەرەپنىڭ غورۇرىنى يەرگە ئۇرۇپ ، كۆڭلىدە غەزەپ - نەپرەت تۇيغۇسىنىڭ پارتلىشىغا سەۋەب بولۇپلا قالماستىن ، پەرزەنتلەر مۇشۇ ئىش تۈپەيلى ، ئۆزىنىڭ ئاتا - ئانىسىنى كۆزگە ئىلمايدىغان  بولۇپ قالىدۇ . شۇنىڭ بىلەن بۇ ئائىلىدە ئىناقسىزلىق پەيدا بولىدۇ .


 

 . ئورۇنسىز گۇمانلىنىش
  ئەگەر ئىشىنىشنى ئەر - ئايال ئوتتۇرىسىدىكى مۇھەببەتنىڭ ئاساسى دېسەك ، ئۇنداقتا گۇمانلىنىشنى مۇھەببەتنى ھالاكەتكە باشلايدىھغان ئاپەت دېيىش كېرەك . گۇماننىڭ ئائىلە تۇرمۇشىنىڭ مۇقىملىقىغا يۈزدە يۈز زىيىنى باركى ، بىرمۇ پايدىلىق تەرىپى يوق .
  
 

 

تاقاش

| بىز ھەققىدە | ئېلان بىرىڭ | مۇلازىمەتلىرىمىز | خېرىدارلىرىمىز | پىكىر بىرىڭ | بىكەت خەرىتىسى |

تور بىكىتىمىزگە يوللانغان ھەر قانداق كىنو - فىلىم ، ناخشا - مۇزىكا ۋە رەسىملەر توردىن ئېلىنغان ، ئەگەر نەشىر ھۇقۇقىغا دەخلى يەتكۈزدى دەپ قارالغان مەزمۇنلار بولسا بىز بىلەن ئالاقىلىشڭ

(ICP11003167 )ئېلان - ئالاقە تېلېفۇن : 2561272-0991 QQ:527377610  TEL:13899847776