ESERLAR
ئەڭ يېڭى ئەسەرلەر
ئاۋات ئەسەرلەر
ئەرلەرنىڭ كۆڭلىنى چۈشىنەمسىز؟


ئەرلەرنىڭ كۆڭلىنى چۈشىنەمسىز؟


 

  . ئەرلەرمۇ ئوخشاشلا ئىلھاملاندۇرۇشقا مۇھتاج، ئۇ بىرەر ئىش قىلغاندا ياخشى قىپسىز دەپ قويسىڭىز، تېخىمۇ ياخشى قىلىشقا تىرىشىشى ، ئەگەر ياخشى قىلماپسىز دېسىڭىز ، ياخشى قىلىشقا كۆڭۈلشىمەسلىكى مۇمكىن . شۇڭا ئەڭ ياخشىسى ئۇنىڭ قىزغىنلىقىغا سوغۇق سۇ سەپمەڭ.


 

. ئۆي بىلەن سىرتنىڭ پەرقى بولىدۇ . شۇڭا ئۆيدە قىلىشقان بەزى چاقچاقلارنى سىرتلاردا دەپ يۈرمەڭ .


 

. ئەرلەر ئادەتتە كۆڭۈلسىز ئىشلارنى ئاسانلا ئۇنتۇپ كېتىدۇ . شۇڭا ئۇنداق ئىشلارنى سىزمۇ قايتا تەكىتلەپ ئولتۇرماڭ ، بولمىسا ئۆزىڭىزنىڭ يارىسىغا ئۆزىڭىز تۇز سېپىۋالىسىز .


 

. دەسلەپكى مۇھەببەت ئەرلەرگە نىسبەتەن پاك ھەم گۈزەل ئەسلىمە بولۇپ قالىدۇ . ئۇنىڭ تۇنجى سۆيگەن قىزى بەلكى بەزى جەھەتلەردە سىزدىن تۆۋەن تۇرۇشى مۇمكىن . ئەمما سىز بۇنىڭدىن پايدىلىنىپ ئۆزىڭىزنى كۆتۈرۈپ ، قارشى تەرەپنى چۈشۈرىمەن دەيدىكەنسىز ، چوقۇم يامان نەتىجىگە قالىسىز .


 

. بىر قىسىم ئەرلەر ئاياللارنىڭ ئۆزىنىڭ ئىشىغا ئارىلىشىشىنى ئانچە ياخشى كۆرمەيدۇ . شۇڭا ئۇنىڭ ئىشلىرىغا كۆپ ئارىلىشىۋالماڭ .


 

. ئەگەر سىز ئېرىڭىزنىڭ سىزگە دېمىگەن بىرەر كەمچىلىكىنى تۇتۇۋىلىپ ، ئەتىدىن - كەچكىچە يۈزىگە سېلىپ مازاق قىلسىڭىز ، بارا - بارا ئۇ سىزدىن ھەزەر ئەيلەيدىغان ۋە سىزگە ھىچقانداق سىرىنى دىمەيدىغان بولۇۋالىدۇ .


 

. ئەرلەر ئادەتتە يۈز - ئابرۇيغا بەك دىققەت قىلىدۇ . شۇڭا ئۇنىڭ خىزمەتداشلىرى ئالدىدا گەپ سۆزلىرىڭىزگە دىققەت قىلىڭ . ئۇنىڭ رەھبەرلىكىگە داد ئېيتىشتىن ساقلىنىڭ .


 

. بالىڭىز ياكى قىينانىڭىز ئالدىدا ئېرىڭىز بىلەن تاكاللىشىپ قېلىشتىن ساقلىنىڭ . ئۇنداق بولمىغاندا ئۈچ تەرەپنىڭ كۆڭلى ئازار يەيدۇ .


 

.ئېسىڭىزدە بولسۇنكى ، سىز مەڭگۈ بالىڭىزنىڭ ئانىسى بولغىنىڭىزغا ئوخشاش ئېرىڭىزمۇ مەڭگۈ ئانىسىنىڭ بالىسى . بۇ خىل قانداشلىق مۇناسىۋەتنىڭ ئورنىنى ھېچقانداق نەرسە ئېگىلىيەلمەيدۇ . ئەرلەر ئادەتتە ئايالىنىڭ ئانىسى بىلەن تاكاللىشىپ قېلىشنى ياخشى كۆرمەيدۇ .شۇڭا قىينانىڭىز بىلەن چىقىشىپ ئۆتۈپ كېتىشكە تىرىشىڭ .


 

. سىز ئېرىڭىزنىڭ كۆڭلىدە ئىنتايىن مۇھىم ئورۇننى ئىگىلىگەن تەقدىردىمۇ ، ئۇنىڭ قەلبىنى پۈتۈنلەي ئېگىلەپ كېتەلمەيسىز . شۇڭا ئۇنىڭغا قېرىنداشلىق ۋە دوستلۇقنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا ئازراق ۋاقىت بېرىڭ .


 

. بەزى ئاياللار ئەرلەردىن گۇمانلىنىپلا يۈرىدۇ . ئەرلەر ئادەتتە باشقىلارنىڭ ئۆزىدىن ئورۇنسىز گۇمانلىنىشىدىن بىزار . شۇڭا بۇ ئىشقا بەك دىققەت قىلىڭ .


 

ئەمەلىيەتتە ئەرلەر ناھايىتى ئاجىز كېلىدۇ . شۇڭا ئۇ سىزنىڭ مۇھاببىتىڭىز ۋە كۆڭۈل بۆلىشىڭىزگە مۇھتاج .

 

تاقاش

| بىز ھەققىدە | ئېلان بىرىڭ | مۇلازىمەتلىرىمىز | خېرىدارلىرىمىز | پىكىر بىرىڭ | بىكەت خەرىتىسى |

تور بىكىتىمىزگە يوللانغان ھەر قانداق كىنو - فىلىم ، ناخشا - مۇزىكا ۋە رەسىملەر توردىن ئېلىنغان ، ئەگەر نەشىر ھۇقۇقىغا دەخلى يەتكۈزدى دەپ قارالغان مەزمۇنلار بولسا بىز بىلەن ئالاقىلىشڭ

(ICP11003167 )ئېلان - ئالاقە تېلېفۇن : 2561272-0991 QQ:527377610  TEL:13899847776