ئەرلەرگە تەسىر كۆرسىتىدىغان خىل ئايال
ئەرلەرنىڭ مۇۋەپپەقىيەت قازىنىشىغا پايدىسىز بولغان خىل ئايال
. ئەرلەرگە بەختسىزلىك ئېلىپ كېلىدىغان ئايال
ئەرلەر چىرايلىق ئايالغا ئۆيلىنىۋالغاندىن كېيىن ، كۆڭلىدە : < ئاساسلىق مەقسىتىمگە يېتىپ بولدۇم ، ھاياتتا ئەمدى ئىنتىلىدىغان ھېچقانداق نەرسەم يوق &t; دەپ ئويلايدۇ . شۇنىڭ بىلەن پۈتۈن خىيالى چىرايلىق خوتۇنىنىڭ خىلمۇ خىل ئىستەكلىرىنى قاندۇرۇش بىلەنلا بولىدۇ ، بۇنداق قانائەتچان ئەرلەر ھېچقانداق مۇۋەپپەقىيەتكە ئېرىشەلمەيدۇ .
. كۆز يېشىنى قورال قىلىدىغان ئايال
ئەرلەر خوتۇنىنىڭ ياكى سۆيگۈنىنىڭ يىغلىغانلىقىنى ، كۆڭلى بۇزۇلغانلىقىنى كۆرسە كۆڭلى پاراكەندە بولۇپ تەمتىرەپ قالىدۇ ، پىلانلىرىدىن ۋاز كېچىپ قارشى تەرەپكە يول قويىدۇ . مانا مۇشۇنداق كۆز يېشى ئارقىلىق ئېرىنى بويسۇندۇرىدىغان ئايال ھامان ئېرىنىڭ تۇرمۇشىغا تەسىر كۆرسىتىدۇ .
. ئېرىنىڭ ئىشىغا چات كېرىۋالىدىغان ئايال
بىر قىسىنم ئاياللار بار ، ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ قابىلىيىتىنى كۆرسىتىش ئۈچۈن ئەرلىرىنىڭ ئىشلىرىرىغا ئارىلىشىۋېلىشىنى ياخشى كۆرىدۇ . بۇنداق ئاياللار ۋاقىت ئۇزارغانسېرى چوقۇم ئېرىنىڭ ئىستىقبالىغا تەسىر يەتكۈزۈپ قويىدۇ .
. غەيۋەتخور ئايال
ئەرلەرنىڭ ئالدىدا باشقىلارنىڭ يامان گېپىنى قىلىدىغان ئاياللار بىلەن بىللە ياشىماق تولىمۇ تەس . مۇشۇنداق ئاياللار سەۋەبىدىن ئەرلەرنىڭ ئىجتىمائىي مۇناسىۋېتى ، خىزمەت ۋە كەسىپتىكى ئىلگىرىلىشى توسقۇنلۇققا ئۇچرايدۇ .
. ئېرىگە ئەگىشىپ بوشاپ كېتىدىغان ئايال
ئەرلەر ئۈمىد سىزلىنىپ بوشىشىپ كەتكەندە خوتۇنىنىڭ سەمىمىي ئىلھامىغا مۇھتاج . ئەگەر ئۇنداق چاغدا خوتۇنلىرىمۇ ئۇلارغا ئەگەىشىپ بوشاپ كەتسە ئەرلەر تېخىمۇ بوشىشىپ ھەتتا چۈشكۈنلىشىپ كېتىدۇ .
. ئېرىنى تىزگىنلەيدىغان ئايال
بەزى ئاياللار ئائىلىدە ھۆكۈمران ئورۇندا تۇرۇشنى ئويلاپ ھەر ۋاقىت ، ھەر جايدا ئېرىنى تىزگىنلەپ < قۇلى &t; قىلىۋالىدۇ . بۇنداق ئاياللار ئەرلىرىنىڭ باشقىلار ئالدىدا باش كۆتۈرۈپ يۈرەلمەسلىكىگە ، روىي جەھەتتىن توسالغۇغا ئۇچرىشىغا سەۋەبچى بولىدۇ . تېخىمۇ مۇھىمى ، ھامان بىر كۈنى ئېرىدىن ئۆزىمۇ سەزمىگەن ھالدا ئايرىلىپ قالىدۇ .
. ئېرىگە زىيادە ئامراق ئايال
ھەممە يەردە ئەرلىرىنى تىزگىنلەيدىغان ئاياللارنىڭ ئەكسىچە ، بەزى ئاياللار ئەرلىرىنى بولىشىغا قويۇۋېتىدۇ . بۇنداق ئاياللارنىڭ ئەرلىرى ئالدىدا قەدىر - قىممىتى بولمايدۇ ، ئېرى نېمە دېسە شۇنى ئاڭلايدۇ . مۇشۇنداق قىلىۋەرسە ئېرىنىلا ئەمەس ، ئۆزىنىمۇ ۋەيران قىلىدۇ .
. ئەتىدىن - كەچكىچە قايغۇرۇپلا يۈرىدىغان ئايال
غەمدىن قۇتۇلالماي ئۆزىگە ئېچىنىپ يۈرىدىغان ئايال ئېرىگە بەخت ئېلىپ كېلەلمەيدۇ . مەيلى سىز ئۇنىڭغا قانچىكى كۆيۈنۈڭ ، نەسىھەت قىلىڭ ، ئۇ ھەمىشە دۇنيانى زۇلمەتلىك ، مەنىسىز ، ئادەملەرنى قورقۇنۇچلۇق ، ئۆزىنى بەختىسىز دەپ قارايدۇ . ئۇنىڭ بۇ خىل كەيپىياتى ئېرىنى چۈشكۈنلەشتۈرۈپ قويىدۇ .
. كۈنلۈكى يامان ئايال
مۇھەببەتلىشىۋاتقان ياكى يېڭىدىن توي قىلغان ئاياللاردىكى كۈنلەش ئېرىگە لەززەت ، غەمخورلۇق ، مۇھەببىتى قايناپ تاشقانلىق تۇيغۇسى بېرىدۇ ، بىراق ئېرىنى زىيادە كۈنلەيدىغان ئايال ناايىتى بىچارە بولۇپ ، ئېرىنىڭ كەسپىگە توسقۇنلۇق قىلىدۇ ، شۇنىڭ بىلەن ئېرى ھېچقانداق ئىشنى ۋۇجۇدقا چىقىرالمايدۇ .
. ئويۇنپەرەس، ئەقىللىكرەك ئايال
بەزى ئاياللار ئۆزىنى قالتىس ئەقىللىق چاغلاپ ئېرىگە قاملاشمىغان مەسلىەتلەرنى بېرىدۇ ياكى ئېرىگە ياردەم قىلدىم دەپ ئىش تېرىپ بېرىدۇ . بۇنداق ئاياللار ئۆز - ئۆزىگە خوجا بولالمايدۇ .
ئەرلەرنىڭ مۇۋەپپەقىيەت قازىنىشىغا پايدىلىق خىل ئايال
. ئادەمنىڭ قەلبىنى چۈشىنىشىكە ماھىر ئايال
بۇنداق ئاياللار ئىنتايىن ئېھتىياتچان ، تۈزىتىش ئىقتىدارى كۈچلۈك بولۇپ ، ئۇششاق - چۈششەك ئىشلىرىڭىزدىن ئويلىغانلىرىڭىزنى سېزىۋالالايدۇ . خۇشال بولغىنىڭىزدا سىز بىلەن ئورتاقلىشالايدۇ ، كەيپىياتىڭىزنى ھەرىكەتلىرىڭىزدىن سېزىۋېلىپ تەسەللىي بېرەلەيدۇ .
. ئاق كۆڭۈل ئايال
بۇنداق ئايال سىزگە ئىشەنچ ئاتا قىلالايدۇ ، سىزنى ھاياتىدىكى ئەڭ قەدىردان ئادىمى دەپ قارايدۇ . ئۇ سىزگىلا ياخشى مۇئامىلە قىلىپ قالماستىن ، يەنە قوشنا - قولۇملىرىڭىزغا ، خىزمەتداشلىرىڭىزغىمۇ ياخىشى مۇئامىلىدە بولىدۇ . ئۇلارنىڭ خوتۇنىڭىزنى ماختىغانلىقىدىن سىزنىمۇ ناھايىتى ھۆرمەتلەيدىغانلىقىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ .
. تەبىئىي گۈزەل ئايال
ئۇ گۈلدەك ياسىنىپ ، كېپىنەكتەك ئۇچۇپ يۈرىدىغان ئاياللاردىن ئەمەس ، كەيپى ساپالىق تۇرمۇشقا ئىنتىلمەيدۇ ، قۇرۇق ئابروي ۋە بايلىق قوغلاشمايدۇ ، بىراق ئۆزىنى ياساپ كۆزىڭىزگە يېقىشلىق كۆرۈنۈشنى بىلىدۇ ، چاكىنا ئەمەس . ئۇ سىزنى تەبىئىي مىجەز - خۇلقى ، ساددىلىقى بىلەن خۇشال قىلسا ، ئورۇنلۇق گەپ - سۆزلىرى بىلەن ئازادىلىك ھېس قىلدۇرىدۇ .
. زېرەك ئايال
ئۇ ناھايىتى ئەقىللىق بولۇپ ، قىيىن مەسىلىلەرگە يولۇققىنىڭىزدا ئالدىڭىزدا پەيدا بولىدۇ . بۇنداق ئايال پىكرىڭىزنى ئاچقۇچى ، ئىزچىل تىرىشىپ ؛ئالغا ئىلگىرىلىشىڭىزگە ياردەم بەرگۈچى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ .
. ئۆزىگە ئىشىنىدىغان ئۈمىدۋار ئايال
بۇنداق ئايال ئۈمىدۋار ، كەڭ قورساق ،كېلىدۇ . سىزنى سۆيگەنلىكىگە يۈرىكىدىن رازى بولىدۇ . مۇۋەپپەقىيەت قازىنالايدىغانلىقىڭىزغا ، جاسارەتلىك ۋە پاراسەتلىكىڭىزگە ئىشىنىدۇ ، ئوڭۇشسىزلىقلىرىڭىز بىلەن ئۈمىدسىزلەندۈرۈۋەتمەيدۇ ، مۇۋەپپەقىيىتىڭىزدىن شادلىنىدۇ . قىيىنچىلىقنى تەڭ كۆتۈرۈشۈپ ئالغا ئىلگىرىلىشىڭىزگە تۈرتكە بولىدۇ.
. قەدىر - قىممىتىنى ساقلىيالايدىغان ئايال
بۇنداق ئايال ئۆز ئوبرازىنى پۈتۈن كۈچى بىلەن قوغدايدۇ . بىراق ، سىزنىڭ ئوبرازىڭىزغا قىلچە تەسىر يەتكۈزمەيدۇ .
. ئىقتىسادنى باشقۇرالايدىغان ئايال
بۇنداق ئايال كىرىمىڭىزنى قانداق ئورۇنلاشتۇرۇشنى بىلىدۇ . سىزنى تۇرمۇشقا غەمدىن خالاس قىلىدۇ . قىلىشقا تېگىشلىك ئىشلارنى ئىزچىل مۇۋاپىق ئورۇنلاشتۇرالايدۇ .
. سۆزگە ئېتىبار بېرىدىغان ئايال
ئۇلار كىشىلەرنىڭ ئالاھىدىلىكىگە قاراپ مۇڭدىشى ئولتۇرالايدۇ ، سىز ئۈچۈن ياخشى ئىجتىمائىي ئالاقە مۇھىتى يارىتىپ بېرەلەيدۇ ، باشقىلارنى رەنجىتىپ قويمايدۇ . كىشىلەر ئۇلار بىلەن پاراڭلىشىشنى ياخشى كۆرىدۇ .
. مۇستەقىللىق ئېڭى كۈچلۈك ئايال
ئۇلار بىرەر ئىشنى قىلىش - قىلماسلىققا ھۆكۈم چىقىرالايدۇ ، كىچىككىنە ئىشلاردىمۇ قاراق قىلىپ بېرىشىڭىزنى كۈتمەيدۇ ، سىزگە تايىنىۋالمايدۇ . ئائىلە ئىشلىرىنى مۇستەقىل ئورۇنلاشتۇرالايدۇ ، ئىدارىڭىزدىكى ئىشلارنى ئويلىشىڭىزغا ۋاقىت ھازىرلاپ بېرەلەيدۇ .
. زامانىۋى ئاڭغا ئىگە ئايال
بۇنداق ئايالنىڭ ماسلىشىشىچانلىقى كۈچلۈك ، ئۆتكۈر كۆزىتىش ۋە پىكىر قىلىش ئىقتىدارىغا ئىگە . يېڭى بىلىملەرنى ناھايىتى ئاسانلا قوبۇل قىلالايدۇ ، تۇرمۇشىڭىزنى يېڭىچە ئورۇنلاشتۇرۇپ ، ھازىرقى زامان پۇرىقىنى پەيدا قىلىپلا قالماستىن ، تەپەككۇر ئۇسۇلى ، ئادەم بولۇشنىڭ ئېپى قاتارلىق جەھەتلەردىمۇ ھازىرقى زامانغا لايىق بولۇپ ، سىزدە قاتاردىن قېلىۋاتقانلىقى تەسىراتى قالدۇرمايدۇ.
| بىز ھەققىدە | ئېلان بىرىڭ | مۇلازىمەتلىرىمىز | خېرىدارلىرىمىز | پىكىر بىرىڭ | بىكەت خەرىتىسى |
تور بىكىتىمىزگە يوللانغان ھەر قانداق كىنو - فىلىم ، ناخشا - مۇزىكا ۋە رەسىملەر توردىن ئېلىنغان ، ئەگەر نەشىر ھۇقۇقىغا دەخلى يەتكۈزدى دەپ قارالغان مەزمۇنلار بولسا بىز بىلەن ئالاقىلىشڭ
(ICP11003167 )ئېلان - ئالاقە تېلېفۇن : 2561272-0991 QQ:527377610 TEL:13899847776