ئاياللار نېمە ئۈچۈن ئاسان ھارىدۇ؟
كۈندىلىك تۇرمۇشتا ئاياللار ئەرلەرگە قارىغاندا ئاسان ھارىدۇ، بۇ ئاياللارنىڭ فىزىئولوگىيىلىك ئالاھىدىلىكى تەرىپىدىن بەلگىلەنگەن.
. تۆمۈر كەملىكتىن بولغان ھارغىنلىق
كۆپ ساندىكى ئاياللارنىڭ ھارغىنلىقى تۆمۈر كەملىكتىن بولغان قان ئازلىق كېسەللىكى بىلەن مۇناسىۋەتلىك. بۇ خىل قان ئازلىق كېسەللىكى ئاساسلىقى ھەيز مەزگىلىدە قان كۆپ چىقىشتىن بولىدۇ. ئادەم بەدىنى كۈندىلىك ماددا ئالمىشىش جەريانىدا ئىككى مىللىگرام تۆمۈرگە ئېھتىياجلىق بولىدۇ، ئەمما ئوزۇقلۇقتىن تولۇقلىنىدىغان تۆمۈر بۇ ئېھتىياجنى قاندۇرالمايدۇ. تۆمۈر ماددىسنىڭ يېتىشمەسلىكى قان ئازلىق كېسەللىكىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. بۇ بەدىنىدىكى ئوكسېگىننىڭ توشۇلۇشىغا تەسىر كۆسىتىپ، ھارغىنلىقنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
. ھورمۇن ئۆزگىرىشىدىن بولغان ھارغىنلىق
بەدەندىكى ھەر خىل ھورمونلار ئارىسىدا مۇئەييەن تەڭپۇڭلۇق بولىدۇ. بۇ بەدەننىڭ ماددا ئالماشتۇرۇشى ۋە ھېسسىيات ئۆزگىرىشىگە تەسىر كۆرسىتىپ تۇرىدۇ. راك ۋە ئۆسمە سەۋەبلىك تۇخۇمدان ئېلىۋېتىلگەندە ياكى نېرۋا جىددىيلەشكەندە ھورمان ئاجرىلىشى تەسىرگە ئۇچراپ، كەيپىيات تۇراقسىزلىشىدۇ ھەم ئادەم ئاسانلا ھارىدۇ. بۇنىڭدىن سىرت، ھەيزە مەزگىلىدىكى باش ئاغرىش، بىئارام بولۇش، چارچا قاتارلىقلار بىر قىسىم ئاياللارنىڭ پروگېستېرونغا بولغان سەزگۈرلۈكىدىن بولىدۇ. شۇڭا ھەيز كېلىش ئالدىدا بەدەن ئېنېرگىيە تولۇقلاشقا ئېھتىياجلىقتۇر.
. ئېنتېروتوكسىن (ئۈچەي زەھىرى) پەيدا قىلىدىغان ھارغىنلىق
قەۋزىيەت ئادەتتە ئاياللاردا كۆپرەك ئۇچرايدۇ. ئۈچەيدە يىغىلىپ قالغان قالدۇق ماددىلار پەيدا قىلغان ئېنتېروتوكسىن ئۈچەي دىۋارىغا سۈمۈرۈلگەندىن كېيىن ئاسانلا ھارغىنلىقنى پەيدا قىلىدۇ. بۇنىڭدىن سىرت، ئادەم جىددىيلەشكەندە، سوغۇق يېمەكلىكلەرنى ياكى گۆشنى كۆپ ئىستېمال قىلغاندا ئۈچەي يولىدىكى باكتىرىيىلەرنىڭ تەڭپۇڭلىقىغا تەسىر يېتىپ، ئۈچەي يولىدىكى ئېنېروتوكسىننىڭ مىقدارى كۆپىيىپ، ھارغىنلىق كېلىپ چىقىدۇ.
گۈزەللىك دورىسى – ئاچچىقسۇ
ئاياللار رۇخسارىنىڭ گۈزەل، ياشلىق باھارىنىڭ ئۇزۇن بولۇشى ئۈچۈن چوقۇم بەدىنىدىكى پېروكسىدلانغان ياغنىڭ مىقدارىنى كېمەيتىشكە ئەھمىيەت بېرىشى كېرەك. پېروكسىدلانغان ياغ نۇرغۇن كېسەللىكنىڭ مەنبەسى بولۇپلا قالماي، گۈزەللىكنىڭمۇ كۈشەندىسىدۇر. ئاچچىقسۇ بولسا بەدەندىكى پروكسىدلانغان ياغنى كېمەيتىش، تېرىنىڭ قېرىشىنى ئاستىلىش رولىغا ئىگە.
ئاچچىقسۇنىڭ پايدىسى كۆپ بولسىمۇ، كۆپ ئىستېمال قىلىشقا ماس كەلمەيدۇ. قۇرامىغا يەتمىگەنلەر كۈنىگە – گرامغىچە، كۆپ بولغاندا گرام ئىستېمال قىلسا مۇۋاپىقتۇر. ياشانغانلار ئەھۋالغا قاراپ ئىستېمال قىلسا بولىدۇ، چۈنكى ئاچچىقسۇ كالىتسىي مېتابولىزم جەريانىنى تېزلىتىپ، سۆڭەك شالاڭلىشىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، شۇڭا ئاشقان يارىسى، ئۆت خالتىسى ياللۇغى، بۆرەك ياللۇغى، تۆۋەن قان بېسىم ۋە سۆڭەك كېسەللىكلىرىگە گىرىپتار بولغانلار ئاچچىقسۇدىن پەرھىز تۇتۇشى كېرەك.
| بىز ھەققىدە | ئېلان بىرىڭ | مۇلازىمەتلىرىمىز | خېرىدارلىرىمىز | پىكىر بىرىڭ | بىكەت خەرىتىسى |