ESERLAR
ئەڭ يېڭى ئەسەرلەر
ئاۋات ئەسەرلەر
elan
«كومپيۇتېر ۋە ساغلاملىق» توغرىسىدا


«كومپيۇتېر ۋە ساغلاملىق» توغرىسىدا


 

  كومپيۇتېر كىشىلىك تۇرمۇش ۋە خىزمەتلىرىمىزگە زور قۇلايلىقلارنى ئېلىپ كەلگەن بولسىمۇ، ئەمما ساغلاملىغىمىزغىمۇ بەلگىلىك دەرىجىدە تەسىر يەتكۈزمەكتە. قانداق قىلغاندا كومپيۇتېرنى مۇۋاپىق ئىشلەتكىلى بولىدۇ؟


 

  ئەگەر كومپيۇتېرنى مۇۋاپىق ئىشلەتمىگەندە كۆز كېسەللىكلىرىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.  كومپيۇتېرنى ئىشلەتكەندە كۆزنى ئارام ئالدۇرۇشقا دېققەت قىلماي ئۇزۇن ۋاقىت كومپيۇتېر مەشغۇلاتى بىلەن شۇغۇللانساق، كۆز ئېچىشىش، كۆز ياشاڭغىراش، كۆز قۇرغاقلىشىش، كۆز قۇۋىتى ئاجىزلاش قاتارلىق كېسەللىكلەر پەيدا بولۇشى مۇمكىن.


 

  ئۇندىن باشقا كومپيۇتېر يەنە نېرۋا ئاجىزلىقنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن. ئادەتتە كومپيۇتېرنى كۆپ ئىشلىتىدىغانلارنىڭ تەپەككۇرى كومپيۇتېرغا مەركەزلەشكەن بولىدۇ. بۇنداق كىشىلەردە دائىم بېشى ئاغرىيدىغان، بېشى قايىدىغان ۋە كۆپ چۈش كۆرىدىغان ھەم ئەستە تۇتۇش ئىقتىدارى تۆۋەنلەپ كېتىدىغان ئەھۋاللار كۆرۈلىدۇ.


 

  كومپيۇتېر تېرە كېسەللىكلىرىنىمۇ كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن. ئادەمنىڭ يۈز ۋە بەدىنىدە قىزىل داغ ياكى تەمىرەتكىگە ئوخشاش كېسەل پەيدا بولىدۇ.


 

  كومپيۇتېر كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان بۇ كېسەلىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىشتا تۆۋەندىكىلەرگە دېققەت قىلىش كېرەك:


 

.كومپيۇتېر  قويۇلغان ئۆي پاكىزە، يورۇق ۋە ھاۋا ئۆتۈشۈپ تۇرىدىغان بولۇش لازىم.


 

. توغرا بولغان ئولتۇرۇش ھالىتىنى يېتىلدۈرۈش. كومپيۇتېر ئېكرانىنىڭ مەركىزى بىلەن كۆكرەك بىر تۈز سىزىق ئۈستىدە، كۆز بىلەن ئېكران ئارىلىقى سانتىمېتىردىن سانتىمېتىر ئەتراپىدا، جەينەك بىلەن مۈرە گىرادۇس بۇلۇڭ ھاسىل قىلغان بولسا ئەڭ مۇۋاپىق بولىدۇ.


 

. ياخشى تازىلىق ئادىتىنى يىتىلدۈرۈش. مەشغۇلات قىلىۋاتقاندا ئۇششاق  چۈشەك يېمەكلىكلەرنى يىمەسلىك، كومپيۇتېر ئالدىدىن ئايرىلغان ھامان قولنى يۇيۇشقا ئادەتلىنىش لازىم. چۈنكى كومپيۇتېر ئېكرانى زەھەرلىك خۇسۇسىيەتكە ئىگە بولغاچقا، ئېكران ئاسانلا چاڭ  توزان ۋە ھەر خىل مىكروپلارنى سۈمۈرىۋالىدۇ، شۇڭا كومپيۇتېر ئالدىدىن ئايرىلغان ھامان يۈز، قولنى يۇيۇشنى ئادەت قىلىش كېرەك.


 

. بەدەن چىنىقتۇرۇشقا ئەھمىيەت بېرىش. كومپيۇتېردا بەك ئۇزۇن مەشغۇلات ئېلىپ بارماسلىق، مەشغۇلات جەريانىدا پات  پات كۆز ھەرىكىتى، بېغىش ھەرىكىتى قاتارلىق ھەركەتلەرنى ئىشلەش ئارقىلىق كۆز ۋە باشقا ئەزالارنى ئارام ئالدۇرۇش لازىم. بۇ ئارقىلىق كومپيۇتېر پەيدا قىلىدىغان ھەر خىل كۆز كېسەللىكلىرى ۋە باشقا كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ.


 

. ئوزۇقلىنىشقا ئەھمىيەت بېرىش. مۇۋاپىق ئوزۇقلىنىش ئادىتىنى يىتىلدۈرۈش ئارقىلىقمۇ ھەر خىل كومپيۇتېر كېسەللىكلىرىدىن ساقلانغىلى بولىدۇ. ئادەتتە كومپيۇتېردا مەشغۇلات  قىلىدىغانلار تەركىبىدە ۋېتامىن مول بولغان گۆش، تۇغۇم، سۈت، چىلان، سەۋزە، پۇرچاق ئۇيۇتمىسى قاتارلىقلارنى كۆپرەك ئىستېمال قىلىش لازىم.
 

 

| بىز ھەققىدە | ئېلان بىرىڭ | مۇلازىمەتلىرىمىز | خېرىدارلىرىمىز | پىكىر بىرىڭ | بىكەت خەرىتىسى |

شىنجاڭ ئانادىيار ئېلېكتىرون پەن-تېخنىكا چەكلىك شىركىتى قارمىقىدىكى توربىكەت 
 新疆阿娜迪亚尔电子科技有限公司 Copyright (c)2008-2015 Www.AnAdiyar.Cn All rigths

新ICP备13003702号-1:تەشكىلى ئاپاراتلار ئىجازەتنامىسى  Email : 527377610@qq.com |  ئېلان ئالاقە نۇمىرى: 13899800203