ESERLAR
ئەڭ يېڭى ئەسەرلەر
ئاۋات ئەسەرلەر
elan
كېسەللەك پەيدا قىلىدىغان تاماقلىنىش ئادىتى


كېسەللەك پەيدا قىلىدىغان تاماقلىنىش ئادىتى


 

  . ئۇزاق مەزگىل ناشتا قىلمايدىغان كىشىلەرنىڭ ئۆت سۇيۇقلۇقىنىڭ قويۇقلۇق دەرىجىسى ئېشىپ كېتىپ ، خولېستېرىننىڭ يىغىلىپ قېلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىكەن . نەتىجىدە ئۆتتە تاش پەيدا بولۇش، يۈرەك مۇسكۇل تىقلمىسى كېسىلىگە گىرىپتار بولۇش نىسبىتى يۇقىرى بولىدىكەن. 
   . ئۇزاق مەزگىل زوڭزىيىپ ئولتۇرۇپ تاماق يەيدىغان كىشىلەر ئاسانلا ئاشقازان يارىسى كېسىلى بولۇپ قالىدىكەن.  
   . دائىم قىزىق تاماق يەيدىغانلار ئاسانلا كېكىردەك ۋە ئاشقازان راكىغا گىرىپتار بولىدىكەن.
   . تاماقنى دائىم تېز يەيدىغان ياكى يۇمشاقراق چايناپ يېمەيدىغانلار ئاسانلا ئاشقازان ياللۇغى، ئاشقازان يارىسى  قاتارلىق كېسەللىكلەرگە گىرىپتار بولىدىكەن.
   . زىيادە تويۇنۇپ تاماق يېيىشكە ئادەتلەنگەنلەر ھەزىم قىلىش ئىقتىدارى ناچارلىشىش نەتىجىسىدە كېلىپ چىققان يۇقىرى قان بېسىم، تاجىسىمان ئارتېرىيىلىك يۈرەك كېسىلى قاتارلىق كېسەللەرگە گىرىپتار بولىدىكەن.
   . ئاز تاماق يەپ ئادەتلەنگەن كىشىلەردە ئوزۇقلۇق يېتىشمەسلىك كۆرۈلىدىكەن. 
   . تۇزلۇق تاماق يەپ ئادەتلەنگەنلەر يۇقىرى قان بېسىم كېسەللىكىگە ئاسانلا گىرىپتار بولىدىكەن. ئۇنىڭدىن باشقا تۇزلۇق تاماق يۈرەك، جىگەر، بۆرەك قاتارلىق ئەزالارغىمۇ زىيانلىق ئىكەن.
   . تاتلىق تاماق يەپ ئادەتلەنگەنلەر يۈرەك قان تومۇر كېسەللىكى، سېمىزلىك، دىئابىت كېسەللىكلىرىگە گىرىپتار بولىدىكەن.
   . تاماقنى كەچ يېيىشكە ئادەتلەنگەنلەر ئاسانلا سۈيدۈك يولىغا تاش چۈشۈش، تاجىسىمان ئارتېرىيىلىك يۈرەك كېسىلى، ئۈچەي راكى، سېمىزلىك قاتارلىق كېسەللىكلەرگە گىرىپتار بولىدىكەن. ئادەتتە كەچلىك تاماق يەپ ئۈچ سائەتتىن كېيىن يېتىپ ئۇخلىسا مۇۋاپىق بولىدىكەن.
 

 

| بىز ھەققىدە | ئېلان بىرىڭ | مۇلازىمەتلىرىمىز | خېرىدارلىرىمىز | پىكىر بىرىڭ | بىكەت خەرىتىسى |

شىنجاڭ ئانادىيار ئېلېكتىرون پەن-تېخنىكا چەكلىك شىركىتى قارمىقىدىكى توربىكەت 
 新疆阿娜迪亚尔电子科技有限公司 Copyright (c)2008-2015 Www.AnAdiyar.Cn All rigths

新ICP备13003702号-1:تەشكىلى ئاپاراتلار ئىجازەتنامىسى  Email : 527377610@qq.com |  ئېلان ئالاقە نۇمىرى: 13899800203