ESERLAR
ئەڭ يېڭى ئەسەرلەر
ئاۋات ئەسەرلەر
elan
ساغلاملىق ھەققىدە بىر نەچچە خىل مەسلىھەت


بەش خىل زىيانلىق ئادەت


 

.باش قاشلاش:بەزى كىشىلەر تىرنىقى بىلەن بېشىنى قاشلاش، بېشىنى يۇغاندا قالايمىقان  ئۇۋلاشنى ياخشى كۆرىدۇ. لېكىن بۇنداق قىلغاندا باش تېرىسىدە يارا پەيدا بولىدۇ-دە،چاچنىنڭ ساغلام ئۆسۈشىگە دەخلى يىتىدۇ.
.دۈم يېتىپ ئۇخلاش: بەزى ئادەملەر  يۈزىنى ياستۇققا يېقىپ  دۈم يېتىپ ئۇخلايدۇ،شۇنىڭ بىلەن يۈز قىسىمى بېسىلىپ قاننىڭ ئايلىنىشى توسقۇنلىققا ئۇچرايدۇ-دە، يۈز قىسىمى ئىششىپ،چىرايى سەتلىشىپ  كىتىدۇ.
.نەرسە-كېرەكلەرنى چىشلەش: تىرناق ،قېرىنداش ۋە تۆۋەنكى كالپۇكنى چىشلەش قاتارلىق ئادەتلەر چىشنىڭ رەتلىك ۋە كۆركەم  ئۆسۈشىگە تەسىر كۆرسىتىدۇ.
.تۈگۈلۇپ ئۇلتۇرۇش:بەزى ئادەملەر كەچلىك  تاماقنى تويغىچە يەپ بولۇپلا سافادا ئولتۇرىدۇ،بۇنىڭغا ئادەتلەنگەندە،ۋاقىت ئۇزارغانسىرى ساغرا قىسىمى ساڭگىلاپ،قورساق كۆتۈرىلىپ فىگورىسى سەتلشىدۇ.
.پۇتنى ئالماشتۇرۇپ ئولتۇرۇش:بۇ خىل ئادەت ئۇزاق داۋاملاشسا ئومۇرتقىلارنىڭ تولغىنىشىنى كەلتۇرۇپ چىقىرىدۇ.


 

ئىشتىھا ۋە خارەكتىر


 

.مايسىز يىمەكلىكلەرنى ياخشى كۆرۇدىغانلار:كىشىلەر بىلەن بولغان مۇناسىۋەتكە ئىنتايىن ئەھمىيەت بېرىدۇ. كىشىلەر بىلەن يېقىنلىشىشقا ماھىر كېلىدۇ،بىراق ئۆز ئالدىغايالغۇز بىر  ئىشنى ېلىپ بېرىشنى خالىمايدۇ.
.تاتلىق يىمەكلىكلەرنى ياخشى كۆرىدىغانلار:قىزغىن،ئوچۇق، چىقىشقاق،كېلىدۇ.بىراق ئازراق ئاجىز،قورقۇنچاق كېلىدۇ.
.ئاچچىق يىمەكلىكلەرنى ياخشى كۆرىدىغانلار:پىكىر يۈر گۈزۈشكە ماھىر بولۇپ،ئۆز ئالدىغا مۇستەقىل پىكىر يۈرگۈزەلەيدۇ .بىراق كۆپرەك باشقىلارنىڭ كەينىدىن سۆزلەيدىغان نۇقسانلىرى بار.
.مايدا پۇشۇرۇلغان يىمەكلىكلەرنى ياخشى كۆرىدىغانلار: مىجەزى مۇلايىم ،ھەر قانداق كىشى بىلەن چىقىشالايدۇ.دائىم دېگۈدەك ئارتۇقچە خىيال سۇرىدۇ.ئۆزىنى كۆرسىتىشنى خالىمايدۇ.
.چىلىغان سەينى يىيىشنى ياخشى كۆرىدىغانلار: ئېغىر-بېسىق،جاپاغا چىدايدۇ.پىلانلىق ئىش ئېلىپ بارالايدۇ،ئادەتتە كىشىلەر ئوتتۇرسىدىكى ھېسىياتقا ئانچە ئىتىبار بېرىپ كەتمەيدۇ.  يوغانچىلىقى يوق ،بىراق بىر نەرسىگە تېز قىزىقىپ تېز سوۋۇيدۇ.
.دۈملەپ پۇشۇرۇلغان يىمەكلىكلەرنى ياخشى كۆرىدىغانلار: مىجەزى ئېغىر بولۇپ ،بىر ئشلاردىن ئاسان تەسىرلىنىپ كەتمەيدۇ.
.سوغوق  يىمەكلىكلەرنى ياخشى كۆرىدىغانلار:تەبىئەت دۇنياسىغا بولغا قىزىقىشى ئىنتايىن يۇقىرى،غەيرەتلىك كېلىدۇ،بىراق ئۆىنى كۆرسىتىشنى خالىمايدۇ، ئاسانلىقچە يېقىنلاشقىلى بولمايدۇ.
.گۈرۈج تامىقىنى ياخشى كۆرىدىغانلار:ئۆز كۆڭلىنى ئۆزى خوش قىلىپ يۈرۈيدۇ.دائىم ئۆز-ئۆزىدىن پەخىرلىنىدۇ.بىرەر ئىشلارنى جانلىق ،ئەتراپلىق بىتەرەپ قىلىدۇ. بىراق باشقىلارغا ياردەم بېرىشىنى خالىمايدۇ.
.ئۇندا پۇشۇرۇلغان يىمەكلكلەرنى  ياخشى كۆرىدىغانلار: بىرقەدەر ئخلاسمەن، ئىنتىلىشچانلىقى كۈچلۈك،مىجەزى ئتتىك ،يول كۆرسىتىشكە ئامراق كېلىدۇ.بىراق بىرەر ئىشلارنى دەرھال بىر تەرەپ قىلىش جەھەتتىىكى غەيرىتى كەمچىل.


 

بوياق ۋە زەھەرلىنىش


 

  كۆپىنچە قىزلارگۈزەللىك بۇيۇملىرىنى ئشلىتىشكە بەكمۇ ئامراق كېلىدۇ.شۇڭا ئۇلار تىرناقلىرىغا ئاق،قىزىل،يېشىل رەڭدىكى ھەر خىل بوياقلارنى سۈرتىۋالىدۇ.لېكىن بوياقلارنى ئىشلەتكەندە دىققەت قىلمىسا زەھەرلىنىش كېلىپ چىقىدىغانلىقىنى بىلمەيدۇ.بۇنداق تىرناق بوياقلىرىنىڭ ئاساسى ماتىريالى نېتراللاشقان تالا بولۇپ  ،سوزۇلۇشچانلىقىنى ئاشۇرۇش دورىسى  ۋە ھەر خىل خېمىيۋى بوياقلار قوشۇلۇپ ياسىلىدۇ. بۇ خېمىيلىك ماددىلار مەلۇم  زەھەرلەش خۇسۇسىيتىگە ئىگە. شۇڭا تىرناق بويىقىنى سۈرگەندىن كېيىن پوشكال، قۇيماق قاتارلىق مايدا پۇشۇرۇلغان يىمەكلىكلەرنى تۇتماسلىق كېرەك. چۈنكى تىرناق بويىقى مايدا پارچىلىنىپ يىمەكلكلەرگە سىڭىپ كېتىدۇ.


 

تۇخۇمنىڭ يېڭىلىقىنى سىناشتا


 

  بازاردىن سېتىۋېلىنغان تۇخۇمنىڭ يېڭى ياكى كونا ئىكەنلىكىنى سىناپ كۆرمەكچى بولسىڭىز  مۇنداق قىلىڭ: مۇۋاپىق بىر قاچىغا سۇ قويۇڭ-دە، سىنىماقچى بولغان تۇخۇمنى  ئۇنىڭغا چىلاڭ. ئەگەر تۇخۇم سۇ ئىچىدەتۇغرىسىغا تۈز ياتسا،بۇ  ئۇنىڭ ئىنتايىن يېڭى ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈدۇ. تۇخۇم  سەل  قىيپاش يانتۇلۇق ھاسىل قىلسا ،بۇ ئۇنىڭ كەم دېگەندە كۈن ساقلانغانلىقىنى ،تىك تۇرىۋالسا كەم دېگەندە كۈن ساقلانغانلىقىنى ، سۇ  يۈزىدە لەيلەپ قالسا ئۇنىڭ تامامەن بۇزۇلۇپ ،يىگىلى بولمايدىغان دەرىجىگە يەتكەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ.
 

 

| بىز ھەققىدە | ئېلان بىرىڭ | مۇلازىمەتلىرىمىز | خېرىدارلىرىمىز | پىكىر بىرىڭ | بىكەت خەرىتىسى |

شىنجاڭ ئانادىيار ئېلېكتىرون پەن-تېخنىكا چەكلىك شىركىتى قارمىقىدىكى توربىكەت 
 新疆阿娜迪亚尔电子科技有限公司 Copyright (c)2008-2015 Www.AnAdiyar.Cn All rigths

新ICP备13003702号-1:تەشكىلى ئاپاراتلار ئىجازەتنامىسى  Email : 527377610@qq.com |  ئېلان ئالاقە نۇمىرى: 13899800203