يۇقىرى قان بېسىم كېسەللىكلىرى
يۇقىرى قان بېسىم كېسەللىكى ئارتېريە قان بېسىمى يۇقۇرلاشنى ئالاھىدىلىك قىلغان، ئارتېريە ، يۈرەك، مۋڭە ، بۆرەك قاتارلىق ئورگانلاردا پاتولوگىيەلىك ئۆزگىرىش بولغان، پۈتۈن بەدەنلىك بىر خىل كېسەللىك بولۇپ، كېسەللىك سەۋەبىياش قۇرامى، ئىرسىيەت، كەسىپ ۋە ئوزۇقلىنىش قاتارلىق كۆپ خىل ئامىللار بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك.
كېسەللىك ئالامەتلىرى:يۈرەك قوزغىلىش، باش ئاغرىش،قېيىش ياكى چىڭقىلىش، ئۇيقۇسىزلىق، ئەستە قالدۇرۇش ئىقتىدارى تۆۋەنلەش، دىققىتىنى مەركەزلەشتۈرەلمەسلىك، بويۇن قېتىپ كۆز ئاجىزلىشىش، چارچاش ، بىئارام بولۇش، جىددىلىشىش، ئوڭاي ئاچچىقلىنىش قاتارلىق نېرۋا فونكىسيىسى قالايمىقانلىشىشتەك ئالامەتلەر كۆرىلىدۇ.ئېغىرلاشقاندا مېڭە قان تومۇرلىرى كۈچلۈك سىپازمىلىنىپ كۆز ۋاقىتلىق كۆرمەسلىك، سۆزلىيەلمەسلىك ئەھۋاللىرى كۆرۈلسە، بەزىلەردە پۇت-قوللىرى پالەچلىنىش ۋى مېڭىگە قان چۈشۈش قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرىلىدۇ.
داۋالاش ئۇسۇلى: ئەمگەك بىلەن ئارام ئىلىشنى، تۇرمۇش ئادىتىنى تەرتىپكە سېلىش؛ ياغلىق ،تاتلىق ، شىرنىلىك، تۇزلۇق ھەم زىيادە ئىسسىق نەرسىلەرنى يېمەسلىك لازىم.
دورا بىلەن داۋالاشتا قاننى سۈيۈلدۈردىغان، ماينى پارچىلايدىغان، چوڭ كىچىك تەرەتنى راۋانلاشتۇرىدىغان، نېرۋىنى تىنىچلاندۇرۇپ، بەدەننى تازىلايدىغان، قان بېسىمنى چۈشۈرۈپ تۇراقلاشتۇرالايدىغان يەككە ۋە مۇرەككەپ دورىلارنى ئىشلىتىش لازىم.
قان بېسىمنى چۈشۈرىدىغان يەككە دورىلار: بادىرەنجى بۇيا، سۇمبۇل، جۇۋۋىنە، بەدىيان، بىخ بەدىيان، ھەم پوستى بەدىيان،
، چىلان، سەۋزە، كاسىنە، كاسىنە ئۇرۇقى، كاسىنە يىلتىزى ھەم پوستى، كەرەپشە ( چىڭسەي) كۆكى، كەرەپشە ئۇرۇقى، كەرەپشە يېلتىزى، گاۋزىبا، نىلوپەر، نىلوپەر ئۇرۇقى ۋە يېلتىزى، پوستى، بىنەپشە ، گۈلبىنەپشە،سەندەل ، قېتىق ۋە ئۇنىڭ سىرىق سۈيى، سۈت ، لاچىندانە، كۆك ئۈزۈم، شاپتۇل قېقى، ئاپلىسىن ، يۇمغاقسۈت ئۇرۇقى، سىرىق ھىلىلە، قارا ئۈرۈك، ئەينۇلا، گىلاس قاتارلىقلاردىن ئىبارەت. يۇقۇردىكى دورىلاردىن بىر ياكى ماس كىلىدىغان بىر قانچىنى بىرلەشتۈرۈپ قاينىتىپ ئىچىپ بىرىش، ھەم پۇتىنى چىلاپ ئولتۇرۇش كىرەك.
قان بېسىمنى چۈشۈرىدىغان مۇرەككەپ دورىلار:
سۇپۇپى ئىتتىرپىل كەشنىز، سۇپۇپى ئىتتىرپىل كەرەپشە، سۇپۇپى ھىلىلە زەرد، ئەرەقى كاسىنە، ئەرقى نىلۇپەر، ئەرقى بىنەپشە، ئەرقى گۇلاپ، ئەرقى سەندەل، ئەرقى نانىخا ، شەربىتى سىركەنجىۋىل سەپەرجىلى، شەربىتى سىركەنجىۋىل، مائۇل ھەسەل، شەربىتى ئونناب، شەربىتى بىنەپشە، خېمرى گاۋزىبان، مەجۈنى نۇجاھ، مەجۈنى ئىتتىرپىل سەغىر، مەجۈنى ئىتتىرپىل كەبىر، بىنەپشە يېغى، قاپاق يېغى ، بادام يېغى، گۇل يېغى قاتارلىقلاردىن ئىبارەت، يۇقۇرقى دورىلاردىن ئەمەلىي ئەھۋالغا ئاساسەن ئەتراپلىق ئويلىنىپ تاللاپ ئىشلىتىش لازىم
| بىز ھەققىدە | ئېلان بىرىڭ | مۇلازىمەتلىرىمىز | خېرىدارلىرىمىز | پىكىر بىرىڭ | بىكەت خەرىتىسى |