ESERLAR
ئەڭ يېڭى ئەسەرلەر
ئاۋات ئەسەرلەر
elan
پىسخىك ساغلاملىقنىڭ جىسمانىي ساغلاملىق بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى


پىسخىك ساغلاملىقنىڭ جىسمانىي ساغلاملىق بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى


 

 پىسخىك ساغلاملىق، جىسمانىي ساغلاملىق


 

  ھازىرقى مېدىتسىنا ۋە پىسخولوگىيە ساھەسى ئورتاق ئېتىراپ قىلىدۇكى ، پىسخىك ساغلاملىق بىلەن جىسمانىي ساغلاملىق ناھايىتى زىچ مۇناسىۋەتلىك بولۇپ ، پىسىىك ساغلاملىق جىسمانىي ساغلاملىقققا ، جىسمانىي ساغلاملىقمۇ پىسخىك ساغلاملىققا تەسىر كۆرسىتىدۇ .
 
  ئالايلۇق ، ئادەمدە جىسمانىي كېسەللىكلەر ، بولۇپمۇ بىر قەدەر جاھىل ۋە ئېغىر بولغان جىسمانىي كېسەللىكلەر بار بولسا ، بۇ كېسەللىكلەر ، بۇ كېسەللىكلەر ئۇلاردا ئارامسىزلىنىش ، جىددىيلىشىش ، قورقۇش ، پەرىشان بولۇش قاتارلىق بىر قاتار پاسسىپ پىسخىك كەيپىياتلارنى پەيدا قىلىدۇ .


 

  ئەگەر بۇ پاسسىپ كەيپىياتلار ۋاقتىدا تۈگىتىلمىسە ، ئۇلار بارا - بارا بەزى پىسخىك نورمالسىزلىقلارنى ، ھەتتا بەزى ئېغىر پىسخىك كېسەللىكلەرنى پەيدا قىلىدۇ . شۇنىڭغا ئوخشاشلا ، بەزى ناچار پىسخىك پائالىيەتلەرمۇ ئادەمدە جىسمانىي كېسەللىكلەرنى پەيدا قىلىپ ، ئادەمنىڭ ساغلاملىقىغا تەسىر يەتكۈزىدۇ .


 

  پىسخو - فىزىئولوگىيىلىك كېسەللىكلەر تۇرمۇشتا ناھايىتى كۆپ ئۇچرايدۇ . بەزى دوختۇرخانىلارنىڭ تەكشۈرۈپ سىتاتىسكا قىلىشىچە ، ئۇنىۋېرسال دوختۇرخانىلاردىكى بىمارلانىڭ تەخمىنەن % ى پىسخو - فىزىئولوگىيىلىك كېسەللىكلەرگە گىرىپتار بولغانلار ئىكەن .


 

  ئادەتتە ، پىسخو - فىزىئولوگىيىلىك كېسەللىكلەر تۆۋەندىكىدەك ئالاھىدىلىكلەرگە ئىگە بولىدۇ :


 

) جىسمانىي كېسەللىك ئالامەتلىرى ئاساسىي ئورۇندا تۇرىدۇ .


 

) كېسەللىكنى ئاساسلىق ناچار كەيپىياتلار كەلتۈرۈپ چىقارغان بولىدۇ .


 

) جىسمانىي كېسەللىك ئۆزگىرىشنىڭ ئىپادىلىرى بىلەن مۇئەييەن كەيپىيات ھالىتىدىكى فىزوئولوگىيىلىك ئۆزگىرىشلەر ئوخشاپ كېتىدۇ .


 

) كېسەللىكنى پەيدا قىلىدىغان ناچار كەيپىياتلارنى بىمارلار كۆپ ھاللاردا ئۆزلىرى بىلمەيدۇ . شۇڭا ، ئۆز ۋاقتىدا كەيپىياتنى تەڭشىيەلمەيدۇ .


 

) ئىرسىيەت ۋە پىسخىك ئالاھىدىلىكلەر بىلەن پىسخو - فىزىئولوگىيىلىك كېسەللىكلەرگە گىرىپتار بولۇش مۇناسىۋەتلىك بولىدۇ .


 

) كېسەللىك كۆرۈلگەن ئەزالار ئاساسلىق مۇستەقىل نېرۋا سېستىمىسىنىڭ باشقۇرۇشىدىكى ئىچكى ئەزالار بولىدۇ .


 

  پىسخو - فىزىئولوگىيىلىك كېسەللىكلەرنىڭ پەيدا بولۇش مېخانىزمى شۇكى ، ناچار پىسخىك كەيپىيات نېرۋا سىستىېمىسى ۋە ئىچكى ئاجراتما سىستېمىسىنىڭ تەڭشىشى ئارقىلىق ئىچكى ئەزالاردا بىر قاتار ئۆزگىرىشلەرنى پەيدا قىلىدۇ . بۇنداق نورمال دائىرىدىن ھالقىغان فىزىئولوگىيىلىك ئىنكاسلار ئەگەر داۋاملىق مەۋجۇت بولىۋەرسە ، پىسخو - فىزىئولوگىيىلىك كېسەللىكلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن .


 

  پىسخو - فىزىئولوگىيىلىك كېسەللىكلەرنىڭ دائىرىسىنىڭ كەڭ ئىكەنلىكى پىسخىك ئامىللارنىڭ ساغلاملىقىنى ئاسراشتا ناھايىتى مۇھىم رول ئوينايدىغانلىقىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ . دېمەك ، پىسىىك ساغلاملىققا ئەھمىيەت بەرەەندىلا ، ئاندىن جىسمانىي ساغلاملىققا كاپالەتلىك قىلغىلى بولىدۇ.
 

 

| بىز ھەققىدە | ئېلان بىرىڭ | مۇلازىمەتلىرىمىز | خېرىدارلىرىمىز | پىكىر بىرىڭ | بىكەت خەرىتىسى |

شىنجاڭ ئانادىيار ئېلېكتىرون پەن-تېخنىكا چەكلىك شىركىتى قارمىقىدىكى توربىكەت 
 新疆阿娜迪亚尔电子科技有限公司 Copyright (c)2008-2015 Www.AnAdiyar.Cn All rigths

新ICP备13003702号-1:تەشكىلى ئاپاراتلار ئىجازەتنامىسى  Email : 527377610@qq.com |  ئېلان ئالاقە نۇمىرى: 13899800203