ESERLAR
ئەڭ يېڭى ئەسەرلەر
ئاۋات ئەسەرلەر
elan
يىمەكلىك ۋە ساغلاملىق


يىمەكلىك ۋە ساغلاملىق


 

  يىمەكلىك ئادەتتە كىسلاتالىق ۋە ئىشقارلىق دەپ ئىككىگە ئايرىلىدۇ . بۇ ئىككى خىل يىمەكلىكلەرنىڭ تەڭپۇڭلۇقى قالايمىقانلاشسا ، بولۇپمۇ كىسلاتالىق ئېشىپ كەتسە ، ساغلاملىققا مۇئەييەن تسىر كۆرسۈتىدۇ.


 

. ئاقسىللىق يىمەكلىكلەرنى زىيادە ئىستېمال قىلىش ، ھەرىكەت كەم بولۇشتىن كىسلاتالىق ئېشىپ كېتىدۇ . ئادەتتە كۆپرەك ھەرىكەت قىلىپ ، تەرلەش ئارقىلىق بەدەندىكى كىسلاتالىق ماددىلارنى چىقىرۋەتكىلى بولىدۇ.


 

. روھىي بېسىمنىڭ ئېشىپ كېتىشى تۈپەيلىدىن ئادەمنىڭ تېنى كىسلاتالىق بەدەنگە ئۆزگىرىپ كېتىدۇ . مەسىلەن ، ئائىلىۋى ماجىرالار ، پەرزەنتلەرنىڭ ئاتا- ئانىلارغا كەلتۈرگەن روھىي بېسىمى ، جەمئىيەتتىكى ھەر خىل بېسىملار ، خىزمەتتىكى تۈرلۈك رىقابەتلەر تۈپەيلىدىن روھىي بېسىم ئېشىپ كەتكەچكە ، ئادەم تېنىنىڭ ماددا ئالماشتۇرۇشى قالايمىقانلىشىپ ، بەدەندە كىسلاتالىق ئامىل ئارتىپ كېتىدۇ.


 

. يىمەكلىك ۋە تۈرلۈك ئىچىملىكلەرنى قالايمىقان ئىستىمال قىلىشمۇ بەدەننىڭ كىسلاتالىقىنى ئاشۇرۋېتىدىغان ئامىللارنىڭ بىرى . بەزىلەر ھاراقنى كۆپ ئىستىمال قىلىدۇ ، تاماقنى بولىشىغا يەيدۇ ، تاماكىمۇ كۆپ چېكىپ ، كۆپ ئۇخلايدۇ - دە ، ئاسانلا سەمىرىپ كېتىدۇ ، ھاراق - تاماكىنىڭ ئىككىلىسىلا كىسلاتالىقى كۈچلۈك ماددىلاردىن ئىبارەت . گۆش، گۈرۈچ تاماقلىرىمۇ كىسلاتالىق يىمەكلىكلەرگە تەۋە بولۇپ ، ئۇلارنى كۆپ ئىستىمال قىلسا بەدەننىڭ كىسلاتالىقىنى ئاشۇرۋېتىدۇ.


 

. سۇنىڭ كىسلاتالىق بولىشى ئادەم بەدىنىدىكى كىسلاتالىقنى ئاشۇرىدىغان يەنە بىر ئامىل . تەتقىقات نەتىجىلىرى سۇدىكى خلور ئىئونى ، سۇلفات كىسلاتا قالدۇق ئىئونلىرىنىڭ سۇنىڭ كىسلاتالىقىنى ئاشۇرۋېتىدىغانلىقىنى ئىسپاتلىدى ، بەدەننىڭ كىسلاتالىقى ئېشىپ كەتسە ، ساغلاملىققا مەنپىي تەسىر كۆرسىتىدۇ . سۇدىكى ناترىي ، كالتىسىي ، ماگنىي ، تۆمۈر قاتارلىق ئىئونلار سۇدا ئىشقارلىشىدىغان ، ئادەم تېنىگە زۆرۈر بولغان مىكرو مىقدارلىق ئېلىمىنتلار بولۇپ ، ئۇلار ئادەم بەدىنىنىڭ كىسلاتالىقى بىلەن ئىشقارلىقىنى تەڭشەپ تۇرىدىغان ، سالامەتلىككە پايدىلىق ئېلىمىنتلاردۇر . شۇڭا بەدەننىڭ كىسلاتالىقىنى ئاشۇرىدىغان يىمەك- ئىچمەكتىن ھەزەر ئەيلەپ ، ئوزۇقلۇقلارنى مۇھاپىق تەڭشەپ تۇرۇشقا دىققەت قىلىشىمىز لازىم.
 

 

| بىز ھەققىدە | ئېلان بىرىڭ | مۇلازىمەتلىرىمىز | خېرىدارلىرىمىز | پىكىر بىرىڭ | بىكەت خەرىتىسى |

شىنجاڭ ئانادىيار ئېلېكتىرون پەن-تېخنىكا چەكلىك شىركىتى قارمىقىدىكى توربىكەت 
 新疆阿娜迪亚尔电子科技有限公司 Copyright (c)2008-2015 Www.AnAdiyar.Cn All rigths

新ICP备13003702号-1:تەشكىلى ئاپاراتلار ئىجازەتنامىسى  Email : 527377610@qq.com |  ئېلان ئالاقە نۇمىرى: 13899800203