ESERLAR
ئەڭ يېڭى ئەسەرلەر
ئاۋات ئەسەرلەر
elan
ئاياللار دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك كېسەللىك ئالامەتلىرى


ئاياللار دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك كېسەللىك ئالامەتلىرى


 

. بەل ئاغرىقى : بۇ خىل ئەھۋالدا قان بىلەن سۈيدۈكنى تەكشۈرتۈپ كۆرۈش لازىم. ئۇنىڭدىن باشقا سۇنى كۆپ ئىچىپ بېرىش ، تەركىبىدە ئاچچىق ۋە خۇشپۇراق ماددىلار بار يېمەكلىكلەرنى ئىستېمال قىلماسلىق ، كېسەللىك ئېغىر بولسا ياللۇغ قايتۇرۇش شۇنداقلا فىزىكىلىق ئۇسۇلدا داۋالىنىش كېرەك.


 

. ئاچچىقلىنىش ۋە دائىم يىغلاش : بۇ خىل ئەھۋالدا قالقانسىمان بەزنى تەكشۈرتۈپ كۆرۈش لازىم.


 

. باش قېيىش : بۇ خىل ئەھۋالدا قان بېسىمنى تەكشۈرتۈش كېرەك . ئۇندىن باشقا يېمەك–ئىچمەكنى تەڭشەش ، سۇ ئۈزۈش قاتارلىق ئۆزىگە پايدىلىق ھەرىكەتلەرنى تاللاپ چېنىقىش لازىم.


 

. ئەتىگەندە ئورنىدىن تۇرغاندا كۆز ئىششىپ ، كۆز ئەتراپىدا قارا دۈگىلەك پەيدا بولۇپ قېلىش: بۇ ئۇزۇن مەزگىللىك ھارغىنلىقنىڭ نەتىجىسى بولۇشى مۇمكىن . بۇ خىل ھالەتنى تېرە ئاقارتىش ياكى ئىششىق ياندۇرۇش مەلھىمى بىلەن بىر تەرەپ قىلىشقا بولىدۇ . ئەگەر ئىششىق قايتا–قايتا كۆرۈلۈۋەرسە بۆرەكنى تەكشۈرتۈپ كۆرۈش لازىم.


 

. كېچىلىرى پۇتنىڭ پېيى تارتىشىپ قېلىش : بۇ ئاستا خاراكتېرلىك قان تومۇر زەئىپلىشىشنىڭ سىگنالى بولۇپ ، خام كۆكتاتلارنى كۆپرەك ئىستېمال قىلىپ بېرىش ، ھەر كۈنى بىر قانچە قېتىم پۇتنى ئاسىراش ھەرىكەتلىرىنى ئىشلەپ بېرىش لازىم.


 

. دائىم پۇت–قوللىرىنىڭ پېيى تارتىشىپ قېلىش : بۇ كالتسىي ۋە ۋىتامىن كەملىكنىڭ ئالامىتىدۇر . بۇ خىل ئەھۋالنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن سۈتتىن ئىشلەنگەن يېمەكلىكلەرنى شۇنداقلا جىگەر ۋە دېڭىز مەھسۇلاتلىرىنى كۆپ ئىستېمال قىلىپ بېرىش كېرەك.


 

. كۆپ تەرلەش : بۇ قان تومۇر ، ۋېگېتاتىۋ نېرۋىلىرىنىڭ قالايمىقانلىشىشىدىن كېلىپ چىققان ئالامەت بولۇپ ، ۋاقتىدا نېرۋا كېسەللىكلىرى دوختۇرىغا كۆرۈنۈش لازىم.


 

. چاچ كۆپ چۈشۈش : روھى بېسىم ، سوزۇلما خاراكتېرلىق يۇقۇملىنىش ، يېمەك–ئىچمەكنىڭ نورمالسىزلىقى ۋە تېرە ماي بەزلىرىنىڭ زىيادە ئېشىپ كېتىشى چاچ چۈشۈشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
 

 

| بىز ھەققىدە | ئېلان بىرىڭ | مۇلازىمەتلىرىمىز | خېرىدارلىرىمىز | پىكىر بىرىڭ | بىكەت خەرىتىسى |

شىنجاڭ ئانادىيار ئېلېكتىرون پەن-تېخنىكا چەكلىك شىركىتى قارمىقىدىكى توربىكەت 
 新疆阿娜迪亚尔电子科技有限公司 Copyright (c)2008-2015 Www.AnAdiyar.Cn All rigths

新ICP备13003702号-1:تەشكىلى ئاپاراتلار ئىجازەتنامىسى  Email : 527377610@qq.com |  ئېلان ئالاقە نۇمىرى: 13899800203