ESERLAR
ئەڭ يېڭى ئەسەرلەر
ئاۋات ئەسەرلەر
elan
سەھەردىكى كېسەللىك سىگناللىرى


سەھەردىكى كېسەللىك سىگناللىرى


 

ئەتىگىنى باش قېيىش :
 ئەگەر ئەتتىگەندە ئورنىدىن تۇرغاندا باش ئېغىرلىشىش ياكى باش قېيىش ئالامەتلىرى بايقالسا ، بۇ بويۇن ئومۇرتقا سۆڭىكى ئۆسۈش ۋە قاننىڭ يېپىشقاقلىقى ئېشىپ كېتىش قاتارلىق كېسەللەردىن بىشارەت بېرىدۇ ، چۈنكى بويۇن ئومۇرتقا سۆڭىكى ئۆسەر ئارتېرىيىلەرنىڭ بېسىلىش ئېھتىمالى بولغاچقا ، چوڭ مېڭىنىڭ قان بىلەن تەمىنلىنىشى توسالغۇغا ئۇچرايدۇ . قاننىڭ يېپىشقاقلىق دەرىجىسى ئېشىپ كەتسە ، قان ئېقىمى ئاستىلاپ قاندىكى ئوكسىگېن مىقتارى تۆۋەنلەيدۇ . چوڭ مېڭىنىڭ قان ۋە ئوكسىگېن بىلەن تەمىنلىنىشىمۇ توسالغۇغا ئۇچرايدۇ ، ئۇنىڭ ئۈستىگە قاننىڭ يېپىشقاقلىقىنىڭ ئېشىپ كېتىشى ئادەتتە ئەتتىگەندە يۇقىرى بولىدۇ ، شۇڭا سەھەردىكى باش قېيىش باش ئېغىرلىشىشلار كۆپىنچە بويۇن ئومۇرتقا كېسىلى ياكى قاننىڭ يېپىشقاقلىقى ئېشىپ كېتىش كېسەللىكلىرىدىن بولىدۇ .


 

بالدۇر ئويغىنىپ كېتىش ۋە ئۇيقۇسىزلىق :
 بەزى ياشانغانلار ئەتتىگەن سائەت - لەردە ئويغىنىپ كېتىپ چارچاش ۋە ماغدۇرسىزلىق ھېس قىلىدۇ ، قايتا ئۇخلىيالمايدۇ ، ئەكسىچە ئىچى سىقىلىپ بىئارام بولىدۇ ، كىلىنكىلىق كۆزىتىشلەردىن قارىغاندا ، بالدۇر ئويغىنىش ۋە ئۇيقۇسىزلىق ئاساسەن ھەر تۈرلۈك خامۇشلۇق ۋە روھى ھالىتى توسقۇنلۇققا ئۇچرىغان كېسەللەردە كۆپ كۆرۈلىدۇ .


 

ئىششىش :
ئەگەر ياشانغانلارنىڭ باش ۋە يۈز قىسمى ، بولۇپمۇ قاپاق ياكى پۈتۈن بەدىنى ئەتىگىنى ئىششىسا ، بۇ بۆرەك ياكى يۈرەك كېسەللىكلىرىنىڭ سىگىنالىدۇر . ئادەتتە بۆرەك كېسىلى كەلتۈرۈپ چىقارغان ئىششىق باش بىلەن يۈز قىسمىنى ئاساس قىلىدۇ . سەھەردىن ئورنىدىن تۇرۇپ ھەرىكەت قىلغاندىن كېيىن ئىششىق دەرىجىسى يانىدۇ . لېكىن يۈرەك كېسەللىكلىرىدە پۈتۈن بەدەن ياكى پۇت ،قول ئىششىيدۇ . ئەتىگىنى ئورنىدىن تۇرۇپ ھەرىكەت قىلغاندىن كېيىنمۇ ئىششىق يانمايدۇ ھەمدە نەپەس سىقىلىش ، يۈرەك سېلىش قاتارلىق كېسەللىك ئالامەتلىرى قوشۇلۇپ كېلىدۇ .


 

بەدەن قېتىپ قېلىش :
 بەزىلەر ئەتىگىنى ئويغانغاندىن كېيىن بوغۇملىرى ۋە مۇسكۇللىرى قېتىپ قېلىپ ھەرىكىتى چەكلىمىگە ئۇچرايدۇ ، ھەركەت قىلغاندىن كېيىن بوغۇم ۋە مۇسكۇللار ئاستا - ئاستا بوشايدۇ ، ئادەتتە ياشانغانلاردا ئەتىگىنى يىنىك دەرىجىدە بەدەن قېتىپ قېلىش ئەھۋالى كۆرۈلسە ، بۇ نورمال ھادىسە . ئەگەر ياشانغانلاردا ئەتىگىنى ئويغانغاندىن كېيىن بەدەن قېتىپ قېلىش ئەھۋالى بىر قەدەر ئېغىر بولسا ھەمدە پۈتۈن بەدەن بوغۇم ھەرىكىتى جانلىق بولمىسا ، بۇ رېماتوئىد ، رېماتىزىم ۋە سۆڭەك ئۆسۈش قاتارلىق كېسەللىكلەرنىڭ بېشارىتى . 


 

سەھەردە يۈرەك سېلىش ۋە قورساق ئېچىش :
 بەزى ياشانغانلار تاڭ سەھەردە قورسىقى ئېچىپ ئويغىنىپ كېتىدۇ ھەمدە يۈرىكى سېلىپ ئارامسىزلىنىپ ، چارچاش ۋە ماغدۇرسىزلىق ھېس قىلىدۇ . بىرئاز نەرسە يېگەندىن كېيىن بۇ خىل ئالامەتلەر يېنىكلەيدۇ ، لېكىن يەنىلا ئېغىزى قۇرۇپ سۇ ئىچكۈسى كېلىپ تۇرىدۇ ، بۇ خىل ئالامەتلەر ئەتتىگەنلىك تاماقتىن كېيىن تەدرىجىي يوقىلىدۇ . بۇ دىئابىت كېسىلىنىڭ بېشارىتى .


 

مەنبە: ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى

 

| بىز ھەققىدە | ئېلان بىرىڭ | مۇلازىمەتلىرىمىز | خېرىدارلىرىمىز | پىكىر بىرىڭ | بىكەت خەرىتىسى |

شىنجاڭ ئانادىيار ئېلېكتىرون پەن-تېخنىكا چەكلىك شىركىتى قارمىقىدىكى توربىكەت 
 新疆阿娜迪亚尔电子科技有限公司 Copyright (c)2008-2015 Www.AnAdiyar.Cn All rigths

新ICP备13003702号-1:تەشكىلى ئاپاراتلار ئىجازەتنامىسى  Email : 527377610@qq.com |  ئېلان ئالاقە نۇمىرى: 13899800203