تۇز،شېكەر،ھاراق ۋە چاينىڭ ياشانغانلارنىڭ سالامەتلىكى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى
تۇز:
دۇنيادا تارقىلىشچان كېسەللىكلەر ئىلمىنىڭ تەكشۈرۈش نەتىجىسىدە ئوتتۇرىغا قويۇلۇشىچە،تۇز بىرقەدەر كۆپ ئىستىمال قىلىنىدىغان رايونلاردا ئولتۇراقلاشقان كىشىلەر ئىچىدە،يۇقىرى قان بىسىم كېسەللىكىنىڭ قوزغىلىش نىسبىتى تۇز ئاز ئىستىمال قىلىنىدىغان رايوندىكى كىشىلەرگە سېلىشتۇرغاندا يۇقىرى ئىكەن.يۇقىرى قان بېسىمى ياشانغانلارنىڭ سالامەتلىكىگە نىسبەتەن ئېغىر ۋەھىمە پەيدا قىلغاچقا،ئالدىنى ئېلىشنى ئاساس قىلىپ،ياشانغانلارنىڭ ھەركۈنى ئىستىمال قىلىدىغان تۇز مىقدارىنى كونترول قىلىشقا توغرا كېلىدۇ.ئادەتتە ئۆلچەملىك تۇز ئىستىمال قىلىش مىقدارى ھەركۈنلۈكىگرامدىن تۆۋەن بولسا بولىدۇ،ئەمما ياشانغانلار كۈنىگە گىرام ئەتراپىدا تۇز ئىستىمال قىلسا بولىدۇ.ياشانغانلاردا ھەرخىل كېسەللىكلەر تۈپەيلىدىن سۇلۇق ئىششىق ئەھۋاللىرى كۆرۈلسە،ئۇلارنىڭ يىمەكلىكىدىكى تۇز مىقدارىنى دوختۇرنىڭ كۆرسەتمىسى بويىچە تىخىمۇ ئازايتىش كېرەك.
قەنت:
قەنت بىرخىل ياخشى تەم تەڭشىگۈچى بولۇپ،مول ئىسسىقلىق ئېنېرگىيىسى ھاسىل قىلىدۇ.كۆپ ساندىكى ياشانغانلار قەنت ۋە تاتلىق يېمەكلىكلەرنى يىيىشنى ياخشى كۆرىدۇ. مۇۋاپىق بولغان قەنت ياكى تاتلىق يىمەكلىكلەر ياشانغانلارغا پايدىلىق.بىراق دىئابىت كېسىلىگە گىرىپتار بولغانلار قەنت ئىستىمال قىلىشنى قەتئىي چەكلەش كېرەك.قەنت بىرخىل ئاسان سۈمۈرۈلىدىغان ،بىر قەدەر يۇقىرى ئىسسىقلىق ئېنېرگىيىسى چىقىرىدىغان يىمەكلىك بولغاچقا،ھەددىدىن زىيادە ئىستىمال قىلىنسا ئاسانلا مايغا ئايلىنىپ،ماينىڭ قويۇقلۇقىنى ئاشۇرۇپ،قان تومۇرلارنىڭ قېتىشىنى تېزلىتىۋىتىدۇ.بۇخىل ئەھۋال يۈرەك كېسىلى بىمارلىرىغا پايدىسىز. ئارتۇق قەنت ۋە تاتلىق يىمەكلىكلەر بەدەن ئېغىرلىقىنى ئاشۇرۇۋېتىدۇ، دىئابىت كېسىلىنى پەيدا قىلىدۇ.
ھاراق:
مۇتەخەسسىسلەرنىڭ قارىشىچە،ياشانغانلار ئۈزۈم ھارىقى، شامپان ھارىقى،مىۋە ھارىقى ياكى ئائىلىلەردە ئېچىتىلغان گۈرۈچ ھارىقى،زىبىپ شەربىتى،رەيھان شەربىتى،قىمىز،مۇسەللەس قاتارلىقلاردىن ئاز مىقداردا ئىستىمال قىلىپ بەرسە ھاردۇق چىقىرىدۇ،قاننى جانلاندۇرىدۇ،ھەزىم قىلىشنى ياخشىلاپ،ئىشتىھانى ئاچىدۇ،روھلاندۇرىدۇ. بىراق ئۇزۇن مۇددەت كۆپ مىقداردا ھاراق ئىچكەندە،بولۇپمۇ ئاق ھاراق ئىچكەندە ئاشقازان بارماق ئۈچەي يارىسى،قان تومۇر قېتىش، يۇقىرى قان بىسىم قاتارلىق نۇرغۇنلىغان كېسەللەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
چاي:
چاي روھلاندۇرۇش، يۈرەكنى كۈچەيتىش،سۈيدۈك ھەيدەش،يارا ئېغىزىنى قورۇش ۋە مىكروب ئۆلتۈرۈپ،ياللۇغ قايتۇرۇش تەسىرىگە ئىگە بولۇپ،روھىي جەھەتتىكى ھارغىنلىقنى چىقىرىدۇ،ئەستە تۇتۇش قابىلىيىتىنى ئاشۇرىدۇ،سوزۇلما بۆرەك ۋە جىگەر ياللۇغى، ئۆپكە توبىركوليوزلىرى،قان تومۇر قېتىش قاتارلىقلارغا بەلگىلىك دەرىجىدە مەنپەئەت قىلىدۇ.چاي ئىستىمال قىلىشنىڭ گەرچە نۇرغۇن پايدىلىق تەرەپلىرى بولسىمۇ،بىراق ئۇنى كۆپ مىقداردا قارىغۇلارچە ئىستىمال قىلغاندا ئادەم بەدىنىدە بەلگىلىك زىيانلىق تەسىرلەرنى پەيدا قىلىدۇ. شۇڭا ياشانغانلار چاي ئىستىمال قىلىشتا بەدەن ئەھۋالى ياكى دوختۇرنىڭ كۆرسەتمىسى بويىچە ئىش قىلىشى كېرەك.
| بىز ھەققىدە | ئېلان بىرىڭ | مۇلازىمەتلىرىمىز | خېرىدارلىرىمىز | پىكىر بىرىڭ | بىكەت خەرىتىسى |