ESERLAR
ئەڭ يېڭى ئەسەرلەر
ئاۋات ئەسەرلەر
elan
ئاياللار تاماكا چەككەننىڭ قانداق پايدا زىيىنى بار


ئاياللار تاماكا چەككەننىڭ قانداق پايدا زىيىنى بار


 

 نۆۋەتتە جەمىيىتىمىزدىكى بىر قىسىم ئۇيغۇر قىزلار ، بولۇپمۇ ئالى مەكتەپ تەربىيىسى كۆرگەن ياش ستۇدېنتلارنىڭ تاماكا چىكىش ھادىسىسى ئەۋج ئىلىپ قالغاندەك قىلىدۇ . بۇ خىل ئەھۋالدىن ئەجەپلەنگەن مۇئەللىپ شۇ تاماكا چەككەن خانىم - قىزلاردىن ئالاھىتەن :<< نىمە ئۈچۈن تاماكا چېكىسىز؟ تاماكىنىڭ نىمە پايدىسى بار؟&t;&t;دەپ سوراپ باقسام ،بىرەرسىمۇ قايىل قىلارلىق جاۋاب بېرەلمىدى . ھەممىسى دىگۈدەك << ئىچ پۇشىقى چىقىدۇ، ئادەم رەنجىگەندە ، تاماكا چىكىش ئارقىلىق ، ئىس- تۈتەك ئارىسىدا ھەممىنى ئۇنتۇيمىز ، تاماكا بىزنىڭ روھى - مەنىۋىيىتمىزدىكى ئەنسىزلىك، چىگىش خىياللارنى بىر ئاز بولسىمۇ ئۇنتۇلدۇرىدۇ . &t;&t; يەنە بەزىلىرى <<ئۇقمايمەن، ئىش قىلىپ چىكىپ ئۆگىنىپ قاپتىمەن . &t;&t; دەپلا جاۋاب بېرىشتى.
 مەن تاماكىغا ئۆگىنىپ قالغان خانىم-  قىزلارنىڭ روھى دۇنياسىغا كىرىپ باقسام  ، تاماكا  چېكىدىغان ئاياللارنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمى  دىگۈدەك تۇرمۇش ياكى مۇھەببەتتىن زەربە يىگەن ، تۇرمۇشتىن قاقشايدىغان ، ئۆزىنىڭ بەخىتسىزلىكىىدىن رەنجىيدىغانلار ، مەۋقەسىز ھەۋەسكارلار ۋە ئىنتايىن ئاز بىر قىسمى ئىمان ئىتىقاد ۋە غايە تەربىيىسى ھەم ياخشى ئائىلە تەربىيىسى كۆرمىگەن ھاكاۋۇر ، پوچى خانىم- قىزلار ئىكەن. مېنىڭچە يۇقىرىقىلارنىڭ ھەممىسى ئاياللارنىڭ تاماكا چېكىشىگە باھانە- سەۋەب بولالمايلا  قالماستىن ،تاماكا چىكىش ئاياللارغا ئېغىر ھەمدە تولدۇرغۇسىز زىيانلارنى ئىلىپ كېلىدۇ .
  . يۈرەك كېسىلى، دىئابىت ، يۇقىرى قان بېسمى ،ئۆپكە ۋە كاناي ياللۇغى قاتارلىق كېسەللەرگە بالدۇر مۇپتىلا بولىدۇ ، بۇنىڭ بىلەن ئۆمرى ئۇزۇنغا بارمايدۇ . ئىشەنچىلىك خەۋەرلەرگە قارىغاندا ، نورۋىگىيەدىكى مەلۇم بىر دوختۇرخانىدىكى تەتقىقاتچىلار نەپەر بىرىنچى قېتىم يۈرەك كېسىلىگە گىرىپتار بولغان بىمارنى تەكشۈرگەندە ، تاماكا چەككەن ئاياللار ياشتىلا يۈرەك كېسىلىگە گىرىپتار بولغان، ئەكسىچە تاماكا چەكمىگەنلىرى بولسا ياشتا ئاندىن يۈرەك كېسىلىگە گىرىپتار بولغانلىقىنى بايقىغان. دىمەك  بەڭگە ئاياللار يىل بۇرۇن ھەر ۋاقىت جانغا زامىن بولدىغان كېسەلگە گىرىپتار بولىدىكەن . ئۇنىڭدىن باشقا يۇقىرى قان بېسىمى ، دىئابىت  دىگەن كېسەللەرمۇ ئوخشاشلار ئادەمنى بالدۇر ئاخىرەتكە ئىلىپ كېتىدىغان كېسەللەردۇر.
  . ئاياللارنىڭ قېرىشى تېزلىشىپ ،ھۆسن رۇخسارى ۋە چىرايىدىن بالدۇر كېتىپ، جەلىپكارلىقنى  بالدۇر يوقىتىدۇ . سەۋەبى تاماكا تەركىبىدىكى نىكوتىن ئاياللارنىڭ كۆزىگە ۋە يۈز تېرىسىگە ئاسانلا سىڭىپ كىرىپ ۋە ئورناپ قالىدۇ، ۋاقىتنىڭ ئۇزىرىشىغا ئەگىشىپ ، كۆزنىڭ ئېقى ۋە يۈز تېرىسى سارغىيىپ ، خۇنۈكلىشىپ ، كۆز نۇرى ۋە يۈز تېرىسى پارقىراق سىلىقلىقىنى يوقىتىپ، ساغۇچ تاتىراڭغۇ ھالەتكە ئۆزگىرىپ قالىدۇ-دە  ،   قېرىشنى تېزلىتىۋەتكەنلىكتىن باشقا، خانىم- قىزلارنىڭ جەلىپكارلىقى ۋە ياشلىق  باھارىنى  تىزلا يوقىتىدۇ.
  .تەڭرىنىڭ غەزەپ نەپرىتى ، ئەلنىڭ لەنىتىگە ئۇچراپ ،  ئەرنىڭ مۇھەببىتىدىن مەھرۇم قالىدۇ.
دۇنيادا ھىچ قانداق پەن، دىن ۋە مەدەنىيەت توپىدىكىلەر ئاياللارنىڭ تاماكا چېكىشنى تەشەببۇس قىلمايدۇ، ئەكسىچە بىردەك چەكلەيدۇ. ئىسلام مەدەنىيىتى بولسا تاماكا چېكىشنى تىخىمۇ ئۆچ كۆرىدۇ. ئەرلەر بولسا بەڭگە ئاياللاردىن سەسكىنىدۇ. چۈنكى بەڭگىلىك كەچۈرمىشنىڭ ئۇزىراپ بېرىشىغا ئەگىشىپ، نىكوتىن  ئاياللارنىڭ تىنى ۋە تىنىقىغا سىڭىپ قالىدۇ، بىر قىسىم ئايال بەڭگىلەر بۇ خىل پۇراقنى يوشۇرۇش ئۈچۈن سېغىز چاينايدۇ. بەدىنى ۋە ئېغىزىغا بىۋاستە ئەتىر چاچىدۇ. بىراق بۇمۇ نىكوتىن پۇرىقىنىڭ يىراققا تارقىلىشىنى قىسمەن توسۇپ قالالىسىمۇ، ھەرقانداق بىر نورمال ئەر ئۇنداق بەڭگە ئاياللارنىڭ يېنىغا بارغان ھامان سىزىۋالالايدۇ. ھىچ بولمىغاندا ئېغىز بۇرۇنلىرى تىگىشپ كەتكەندە بولسىمۇ چېنىپ قالىدۇ-دە، شۇ دەقىقىدىن باشلاپ ئۇ بەڭگە ئايال ھەرقانچە پەزىلەتلىك، سەلتەنەتلىك بولسىمۇ ئەرلەرنىڭ   نەزىرىدىن چۈشۈپ لەنەتكە قالىدۇ ۋە مۇھەببىتىدىن مەھرۇم قالىدۇ.ئۇنىڭدىن باشقا نىكوتىن ئاياللارنىڭ بەدىنىنى زەھەرلەپ ، ئەقىل نۇرىنى خىرەلەشتۈرۈپ ، تېنىنى زەئىپ ، روھىنى چۈشكۈن ، چىرايىنى بەدرەڭ ھالغا كەلتۈرۈپ قويىدۇ ؛  يېقىندا مەن  بىر يېقىن بۇرادىرىمنىڭ ئۆزى تولىمۇ جاپادا قولغا كەلتۈرگەن بىر ساھىپجامال مۇھەببىتىنى تاماكا چەككەنلىك سەۋەبىدىن ئۈن-تۈنسىز تاشلىۋەتكەنلىكىنى ئاڭلاپ، تولىمۇ ئۆكۈندۈم ۋە ئۇنىڭدىن سەۋەبىنى سورىسام، ئۇ قىز راستىنلا بەكلا گۈزەل،مەنمۇ ئۇنىڭ ئۈچۈن كۆپ ئەجرى قىلغان ئىدىم بىراق  ئۇ  ،   سېپى ئۆزىدىن بىر كور بەڭگە ئىكەن. ئۇ دەسلەپتە مەندىن نۇمۇس قىلىپ ئۆزىنىڭ تاماكا چېكىدىغانلىقىنى يوشۇردى. كىيىن چاندۇرۇپ قويۇپ،  كەچۈرۈڭ  تاماكىغا ئۈگىنىپ قاپتىمەن ئەمدى تاشلايمەن دەپ ۋەدە بەردى. بىراق قارىسام  ئۇ تاشلىيالمىدى، يەنە  ئوغۇرلۇقچە چېكىۋاتقانلىقىنى يىراقتىن كېلىۋاتقان نىكوتىن پۇرىقىدىنلا   بىلىۋالدىم. شۇڭا تېلېفۇن قىلسا ئالمىدىم، مەن ھەم ئىزدىمەيلا ئۇنداق نىكوتىنلانغان سەتەڭدىن ۋاز كەچتىم ،دەپ جاۋاپ بەردى.
 تاماكىغا ئۆگىنىپ قالغان ئاياللارغا شۇنى بىلدۈرۈپ قويغۇم باركى ،ئەقلى ھۇشىمىز ۋە چىن ۋىجدان بىلەن گەپ قىلساق بىر ئايال ئۈچۈن ئەڭ زور بايلىق ۋە بەخت پەقەتلا ئۈچ، ئۇ بولسىمۇ بىر ئەردىن بىر ئايال زاتىغا نىسىپ بولغان چەكسىز مېھرى-مۇھەببەت ۋە تەڭرى بەرگەن تەبئىي گۈزەللىك بىلەن ئەخلاقى - پەزىلەتتىن ئىبارەت. ئەرلەر دۇنيانىڭ مۇھەببىتىدىن  مەھرۇم قالغان ئايالنىڭ بۇ دۇنيادا يەنە نېمىسى بولماقچى؟ مۇھەببەتتىن قۇرۇق قالغان جەلىپكارلىقىنى يوقاتقان ئايالنىڭ ھاياتىنىڭ  قىلچە ئەھمىيىتى، لەززىتى ۋە مەنىسى بولمايدۇ.
  . تاماكىغا ئۆگىنىپ قالغان ئاياللار كىيىنكى ئەۋلاتلارنى ئېغىر زەھەرلەيدۇ.  چوقۇمكى ئايال دىمەك ئانا دىمەكتۇر. يەنى شۇ بەڭگە ئاياللار ھامان بىر كۈنى ئانا بولىدۇ. ئانا بولغان مىنۇتتىن باشلاپ قورسىقىدىكى دۇنياغا كۆز ئىچىش ئالدىدىكى ھامىلىنى ۋە تۇغۇلۇش ئالدىدىكى بوۋاقنى زەھەرلەش باشلانغان پىتى تاكى ئۇ بوۋاق دۇنياغا كۆز ئاچقانغىچە داۋام ئېتىپ كىيىنكى ئەۋلاتلارنىڭ جىسمانىي ۋە روھى ساغلاملىقىغا ئېغىر تەسىر يەتكۈزۈپ ياش ئۆسمۈرلەرنىڭ ساغلام ئۆسۈپ يېتىلىشىگە بىۋاستە تەسىر يەتكۈزىدۇ.
  . ئاياللارنىڭ ئانا بولۇش ئىقتىدارىدىن مەھرۇم بولۇش نىسبىتى يۇقىرى بولىدىكەن.ھەممىگە مەلۇم ئاياللار پەقەت ئانا بولالىغانلىقى ئۈچۈن  ئۇلۇغ. بەڭگە ئاياللار ئۆزلىرىنى ھامىلىسى ۋە پەرزەنتىنىڭ جىسمانىي ۋە ئەقلى جەھەتتىكى ساغلاملىقىغا ئېغىر زىيان سېلىپلا قالماستىن بەڭگە ئاياللارنىڭ چۈشۈك بولۇپ كېتىش نىسبىتى ئادەتتىكى ئاياللارنىڭكىدىن ھەسسە يۇقىرى بولىدىكەن. ھېيىز توختاش ۋاقتى ئادەتتىكى ئاياللارنىڭكىدىن  كۆپ بالدۇر بولىدىكەن.


 

  قىسقىسى ،تاماكا چېكىش مەيلى ئەر ياكى ئايال بولۇشتىن قەتئىي نەزەر ئوخشاشلا زىيانلىق.  WHۋە ئامېرىكا ،ئەنگلىيىدىكى بەزى تەتقىقاتچىلارنىڭ كۆرسىتىشىچە،/بەڭگىنىڭ تاماكا تۈپەيلىدىن بىئەجەل ئۆلۈپ كېتىۋاتقانلىقىنى، تاماكا تۈپەيلىدىن ئۆلۈپ كېتىۋاتقانلارنىڭ ئىسپىرت، قەستلەش، قاتناش ۋەقەسى، سانائەت ھادىسىسى،دورا ۋە ئەيدىز بىلەن ئۆلۈپ كېتىۋاتقانلارنىڭ ئومۇمى سانىدىنمۇ كۆپ ئىكەنلىكىنى بايقىغان.
  ھازىرغا قەدەر  دۇنيا بويىچە مىڭدىن ئارتۇق پەن-تەتقىقات نەتىجىسى تاماكىنىڭ ئىنسانلار ساغلاملىقىغا ئەڭ ئەشەددىي دۈشمەن ۋە تەھدىت ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلاپ تۇرماقتا. تاماكا ئىسىدا خىلدىن ئارتۇق زىيانلىق ماددا بولۇپ،بۇنىڭدىن نەچچە خىلى راك پەيدا قىلغۇچى ماددىلار ئىكەن. بۇلار ئىچىدە ئەڭ زور زىيانلىقى كاربون چالا ئوكسىدى، نىكوتىن قاتارلىقلار بولۇپ،بۇنىڭ % تى بەڭگىلەر تېنىگە كىرىپ زەھەرلەپ ئۇنىڭ يېرىمىغا يېقىنى بەدەنگە ئورناپ قالدۇق زەھەر ھاسىل قىلسا قالدى يېرىمى چېكىۋاتقان بەڭگىنىڭ ئەتراپىدىكى كىچىك مۇھىتنى بۇلغاپ ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى كىشىلەرنى زەھەرلەيدىكەن. بەزى ئۇچۇرلاردىن مەلۇم بولىشىچە، ئېلىمىزدە مىليونغا يېقىن كەسپى بەڭگە ۋە -يۈز مىليون ھەۋەسكار بەڭگە بۇلۇپ ،ھەۋەسكار بەڭگىلەرنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمى دېگۈدەك ياش-ئۆسمۈرلەر ئىكەن.تاماكا چېكىدىغان ئاياللارنىڭ راك كېسىلىگە گىرىپتار بولۇش نىسبىتى تاماكا چەكمەيدىغان ئاياللارنىڭكىدىن ھەسسە يۇقىرى بولىدىكەن.
  ئامېرىكا تىببى ساھەدىكى مۇتەخەسسىسلەر يېقىندا ئېلان قىلغانبەت ئۇزۇنلۇقتىكى بىر دوكلاتتا كۆرسىتىلىشىچە،  تاما كا ھازىرقى زامان ئاياللىرىنىڭ سالامەتلىكى ۋە ھاياتىغا ئېغىر تەھدىت بولۇپ قالغان. بۇ دوكلاتتا ئاگاھلاندۇرۇپ: پۈتۈن ئامېرىكىدا ھەر يىلى مىڭ ئادەم تاماكا چىكىش بىلەن مۇناسىۋەتلىك كېسەللەر بىلەن ئۆلۈپ كېتىۋاتقانلىقى ،بۇنىڭ ئىچىدە %تى ئاياللار ئىكەنلىكىنى، بۇ ساننىڭ يىل بۇرۇنقىدىن بىر ھەسسە كۆپىيىپ قالغانلىقىنى ،كۆپەيگەنلەر ئىچىدە ياش خانىم -قىزلارنىڭ ئاساسى سالماقنى ئىگەللەيدىغانلىقىنى كۆرسەتكەن؛ بۇ دوكلاتتا يەنە كىشىنى  چۆچۈتىدىغان سان سىفىرلار بىلەن مۇنداق دەپ كۆرسەتكەن : پۈتۈن دۇنيادا ھەر ئۈچ يىرىم سىكىنۇتتا بىر ئايال تاماكا تۈپەيلى جېنىدىن ئايرىلماقتا ، دەپ يېزىلغان. پەقەت  ئامېرىكىدىلا -يىلى بىر يىلدامىڭ ئايال ئۆپكە راكى،مىڭ ئايال ئەمچەك راكى بىلەن ئۆلگەن. يىلىغامىڭ ئايال تاماكا تۈپەيلى جەھەننەمگە كەتمەكتە.  يىڭى كۆپەيگەن بەڭگىلەر ئىچىدە ياش ئەتراپىدىكى ياش بەڭگىلەرنىڭ ئاساسى سالماقنى ئىگەللەيدىغانلىقىنى،  بۇ ساننىڭ ئون يىل ئاۋالقىدىن % كۆپەيگەن.
 يەنە بەزى مەلۇماتلاردىن قارىغاندا، بىر تال تاماكا بىلەن بىر  دانە ئاق چاشقاننى ،بىر قاپ تاماكا (تال تاماكا)بىلەن بىر كالىنى زەھەرلەپ ئۆلتۈرگىلى  بولىدىكەن . ئادەتتىكىچە ئىشلەنگەن  نىكوتىن مىقتارى ئازراق دەپ قارىلىدىغان تاماكىدىن تال تاما تەركىبىدىكى نىكوتىننى ئادەم تومۇرىغا ئۇرىدىغان بولسا - مىنۇتتا ئادەم جېنىدىن ئايرىلىدىكەن. ئاددىيسى ئادەم چاقىدىغان زەھەرلىك يىلان بەڭگىنى چاقمايدۇ سەۋەبى يىلان ئۆتكۈر سېزىمى ئارقىلىق بەڭگىنىڭ تېنىدىن كېلىۋاتقان نىكوتىننىڭ سېسىق پۇرىقىنى  سېزىۋالغانلىقتىن چاقمايدۇ.


 

 شۇڭا مۇئەللىپ بارلىق ئەرلەرگە ۋاكالىتەن مۇنداق مۇراجەت قىلىدۇ:
سۆيۈملۈك ھەدە، سىڭىللار؛ سىلەر مىللەتنىڭ ئانىسى، سىلەر مۇھەببەتكە، ئىززەت-ئېھتىرامغا مۇھتاج. شۇڭا ئەقلىڭلار بولسا ئۆزۈڭلارنى قەدىرلىسەڭلەر تاماكا چەكمىسەڭلەر شۇندىلا سىلەر ساغلام ياشاپ، ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرەلەيسىلەر، مۇھەببەتتىن مەھرۇم قالمايسىلەر؛ ئۆز ئىززىتىڭلار ۋە ھۆرمىتىڭلاردىن قالمايسىلەر، ياشلىق باھارىڭلارنى، جەلىپكارلىقىڭلارنى ئۇزاققىچە ساقلاپ قالالايسىلەر؛ گۈزەل رۇخسارىڭلارمۇ  ئاسانلىقچە يوقالمايدۇ.

 

 

| بىز ھەققىدە | ئېلان بىرىڭ | مۇلازىمەتلىرىمىز | خېرىدارلىرىمىز | پىكىر بىرىڭ | بىكەت خەرىتىسى |

شىنجاڭ ئانادىيار ئېلېكتىرون پەن-تېخنىكا چەكلىك شىركىتى قارمىقىدىكى توربىكەت 
 新疆阿娜迪亚尔电子科技有限公司 Copyright (c)2008-2015 Www.AnAdiyar.Cn All rigths

新ICP备13003702号-1:تەشكىلى ئاپاراتلار ئىجازەتنامىسى  Email : 527377610@qq.com |  ئېلان ئالاقە نۇمىرى: 13899800203