باش ئاغرىسىلا دورا ئىچمەڭ
ئادەتتە بەزى كىشىلەر بېشى ئاغرىسىلا ئالدىراپ ئاغرىق توختىتىدىغان دورىلارنى ئىچىدۇ، بۇنداق قىلغاندا دورا ئەكس تەسىر بېرىپ قويۇشى مۈمكىن. شۇڭا باش ئاغرىغاندا تۆۋەندىكى ئۇسۇللارنى سىناپ بېقىش كېرەك.
. يېتىپ ئارام ئىلىش :
بېشىنى ئىگىز قىلىپ، مىنۇت يېتىۋالسا، جىددىيلىك پەيدا قىلغان باش ئاغرىقىنى يېنىكلەتكىلى بولىدۇ.
. بويۇننى نەمدەش :
سوغۇق سۇغا چىلانغان لۆڭگىنى مىنۇتتا بىر قېتىم، ئىسسىق سۇغا چىلانغان لۆڭگىنى مىنۇتتا بىر قېتىم ئالماشتۇرۇپ بويۇننى نەمدەپ بەرسە، قان ئايلىنىش توسالغۇغا ئۇچراشتىن پەيدا بولغان باش ئاغرىقىغا مەنپەئەت قىلىدۇ.
. پۇتنى يۇيۇش :
ئىككى جاۋۇرغا ئايرىم - ئايرىم ئىسسىق ۋە سوغۇق سۇ ئېلىپ، ئىككى پۇتنى نۆۋەتلەشتۈرۈپ چىلاپ بەرسە، قان ئايلىنىش توسالغۇغا ئۇچراشتىن پەيدا بولغان باش ئاغرىقى توختايدۇ.
. نەپەسلىنىش ھەرىكىتى :
دېرىزىنى ئېچىۋېتىپ چوڭقۇر نەپەس ئېلىش ئارقىلىق ، مېڭىگە ئوكسىگىن يېتىشمەسلىكتىن كېلىپ چىققان باش ئاغرىقىنى يېنىكلەتكىلى بولىدۇ.
| بىز ھەققىدە | ئېلان بىرىڭ | مۇلازىمەتلىرىمىز | خېرىدارلىرىمىز | پىكىر بىرىڭ | بىكەت خەرىتىسى |