ساغلام ياشاشنى خالامسىز ؟
ئىقتىسادنىڭ تەرەققى قىلىشى ۋە تۇرمۇش سەۋىيىسىنىڭ تېز ئۆرلىشىگە ئەگىشىپ ساغلاملىقىمىزدا زور دەرىجىدە چېكىنىش بولىۋاتىدۇ. بۇرۇن ئاڭلاپ باقمىغان كېسەللىكلەرنىمۇ ئاڭلاۋاتىمىز. بۇنىڭ سەۋەبى: ھازىر كېسەللەرگە ئىلغار تېخنىكىلىق تەكشۈرۈش ئۈسكۈنىلىرى ئارقىلىق توغرا دىئاگنۇز قويۇش سەۋەبلىك بولسا ، يەنە بىر سەۋەبى يېمەك - ئىچمەك ۋە تۇرمۇش ئادىتىمىزنىڭ تەرتىپسىزلىكىدىن بولۇشى مۇمكىن. شەھەر ئاھالىلىرى خىزمەت جىددىلىكىدىن ئوزۇقلىنىشقا ياخشى ئەھمىيەت بەرمەيۋاتىمىز، سەل قول تۇتىدىغان، ئىشلەپ ئېتىدىغان ئەنئەنىۋى تاماقلىرىمىزنى ئېتىشنى ئۇنتۇپ كەتتۇق. ئىسسىقلىق ئېنېرگىيسى، ماي مىقدارى كۆپ يېمەكلىكلەرنى كۆپلەپ ئىستىمال قىلىۋالىمىز. ھەركەت ئاز، ئاپتاپقا قاقلىنىش كەمچىل بولىۋاتىدۇ. ئولتۇراق ئۆيلىرىمىز ئاساسەن سىمۇنتلىشىپ كەتتى. ئائىلىنىڭ خاتىرجەمسىزلىكىدىن كېلىپ چىقىدىغان روھى بېسىم، كومپىيوتىرنىڭ زىيىنى، ئۇيقىغا ئەھمىيەت بەرمەيمەسلىك، مۇھىتنىڭ بۇلغىنىشى.... قاتارلىق سەۋەبلەرمۇ ساغلاملىقىمىزغا ئېغىر دەرىجىدە تەسىر كۆرسىتىۋاتىدۇ.
يۇقىرىقىدەك سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن چوڭلاردا، ئوتتۇرا ياشلىقلاردا ھەتتا بەزى ياشلىرىمىزدىمۇ قان بېسىم يۇقىرى بولۇش، قان قويۇلۇپ كېتىش، يۈرەك قان تومۇر كېسەللىكى، دىئابىت ( شېكەر سىيىش كېسىلى )، ئۆت ياللۇغى، چاچ چۈشۈپ كېتىش ۋە بالدۇر ئاقىرىش، بويۇن، بەل ئومۇرتقا ياللۇغى ..... قاتارلىق نۇرغۇنلىغان كېسەللىكلەر بىلەن ئاغرىيدىغانلارنىڭ سانى كۈندىن كۈنگە كۆپىيىپ كېتىۋاتىدۇ. بۇ خىل كېسەللىكلەرگە قارىتا داۋالاش ئېلىپ بارغاندا بىر كېسەلگە يىگەن دورا يەنە بىر كېسەلنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشتەك ئاقىۋەتلەرگە سەۋەب بولىۋاتىدۇ. قانداق قىلىش كېرەك؟؟؟
تۆۋەندىكى بىر قانچە خىل ئۇسۇللارغا دىققەت قىلسىڭىز يۇقىرىقىدەك كېسەللىكنىڭ ئالدىنى ئېلىش، ۋە سالامەتلىكىڭىزنى ئاسرىشىڭىز ئۈچۈن ياردىمى تېگىپ قېلىشى مۇمكىن.
. توغرا بولغان تۇرمۇش ئادىتى يېتىلدۈرۈش :
تۇرمۇشتا تەرتىپلىك بولۇش، يېمەك - ئىچمەك جەھەتتە قارىغۇلارچە يۇقىرى ئىستىمال قوغلاشماسلىق، كەيپىياتنى نورمال ساقلاشقا تېرىشىش، ئامال بار روھى بېسىمنى يەڭگىللىتىش ، ئارتۇقچە جىددىيلەشمەسلىك لازىم.
. ئوزۇقلىنىشقا دىققەت قىلىش :
ئەجدادلىرىمىزنىڭ ئەنئەنىسى بويىچە ئۆزىمىزنىڭ ئۇيغۇر تائاملىرىمىز ( قورۇمىغان، قىيمىلىق ) نى كۆپرەك ئىستىمال قىلىش، ئەتتىگەنلىك ناشتىغا ئەھمىيەت بېرىش، چۈشتە قۇۋۋەتلىك، قويۇق تاماق يىسەك ، كەچلىك تاماققا چوقۇم سۈيۈق - سەلەڭ يەڭگىل تاماقلىنىش، مېۋىنى تاماقتىن كىيىن ئىستىمال قىلىش، تاماق ئەتكەندە خۇرۇچلارنىڭ ئوزۇقلۇق مىقدارىنى تۆۋەنلىتىۋەتمەسلىك ئۈچۈن ئاز قورۇپ كۆپرەك قاينىتىش، ماسلاشمايدىغان ياكى رىئاكسىيەلىشىدىغان كۆكتاتلارنى بىرلا ۋاقىتتا ئىستىمال قىلىشتىن ساقلىنىش لازىم.
. ھورۇنلۇقتىن ساقلىنىش:
جىسمانى ئەمگەكنىمۇ بىرلەشتۈرۈش، ئامال بار پىيادە يول يۈرۈش، خىزمەتنى ئۆزىمىزگە نىسبەتەن بېسىم دەپ قارىماسلىق، بەدەن چېنىقتۇرۇشقا ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىشىمىز لازىم.
. كومپىيوتىردىن توغرا پايدىلىنىش:
كومپيوتېر مەشغۇلاتى بىلەن شۇغۇللىنىدىغانلار ھەر بىر سائەتتە بىر قېتىم - مىنۇت ئېكران ئالدىدىن يىراق تۇرۇپ كۆزنى ئارام ئالدۇرۇش، « كومپيوتېر كېسىلى » بولۇپ قېلىشتىن ساقلىنىش لازىم. چۈنكى ئىشەنچلىك ماتېرىياللاردىن قارىغاندا مېدىتسىنا تەتقىقاتىدا كومپيوتېر ئالدىدا ئەڭ كۆپ بولغاندا سائەتتىن ئارتۇق ئولتۇرماسلىق كېرەك دېيىلگەن.
. سۈنئىي كىيىش ۋە يىيىشتىن ساقلىنىش:
ھەددىدىن زىيادە تار ھەم سۈنئىي تالالىق رەختلەردىن تىكىلگەن ئىچ كىيىملەرنى كىيمەسلىك، خىمىيىلىك دورىلارنى كۆپ چاچقان كۆكتاتلارنى ۋە پارنىكتىن چىققان يېمەكلىكلەرنى كۆپ ئىستىمال قىلىشتىن ساقلىنىش لازىم.
. كۈن نۇرىدىن تولۇق پايدىلىنىش :
ياز پەسلىدە كۆپ تەرلەش سەۋەبىدىن بەدەندىكى سۇ، ئانورگانىك تۇز، گلۇكوزا قاتارلىقلار بەدەن سىرتىغا كۆپلەپ چىقىپ كېتىدۇ، شۇڭا يەل - يىمىش، سوغۇق ئىچىملىكلەرنى كۆپ ئىستىمال قىلىمىز. بۇنىڭ بىلەن ئادەمنىڭ سوغۇقى ئېشىپ ئىشتىھا تۇتۇلۇش، ماغدۇرسىزلىنىش يۈز بېرىدۇ، بۇنداق چاغلاردا مىجەزنى تەڭشەپ تۇرۇش، قورساقنى چىڭ تويغۇزۇپ ئاپتاپقا قاقلىنىش، ئىسسىقلىق مايلىرى بىلەن ئانچە - مۇنچە ماينىلىپ تۇرۇش لازىم.
| بىز ھەققىدە | ئېلان بىرىڭ | مۇلازىمەتلىرىمىز | خېرىدارلىرىمىز | پىكىر بىرىڭ | بىكەت خەرىتىسى |