ESERLAR
ئەڭ يېڭى ئەسەرلەر
ئاۋات ئەسەرلەر
elan
تۇرمۇشتىكى چوڭ مېڭىگە زىيانلىق 10 چوڭ ئامىل


تۇرمۇشتىكى چوڭ مېڭىگە زىيانلىق 10 چوڭ ئامىل


 

.تاماقنى كۆپ يېيىش :
تاماقنى كۆپ يىگەندە، چوڭ مىڭىگە زىيانلىق ماددا كۆپىيىپ كېتىدىكەن.
بۇماددا ئىنچىكە قان تومۇرلار ئىچىدىكى شاكال ھۈجەيرە ۋە ماينى كۆپەيتىپ، ئارتېرىيە قېتىشىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىكەن. ئۇزۇن مەزگىل تويۇنۇپ غىزالىنىش_چوڭ مېڭىنىڭ بالدۇر قېرىش ۋە ئەقلى ئىقتىدارىنىڭ چېكىنىشى قاتارلىق ئامىللارنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىكەن.


 

.ئەتتىگەنلىك ناشتىغا سەل قاراش :
ئەتتىگەنلىك ناشتىنى يىمىگەندە قان شېكىرى تۆۋەنلەپ كېتىپ،چوڭ مېڭىنىڭ ئۇزۇقلۇق ئىقتىدارى قاندۇرۇلمايدىكەن.بۇخىل ئەھۋال ئۇزۇن مەزگىل داۋاملاشسا چوڭ مېڭىگە زىيانلىق.بۇنىڭدىن باشقا،ئەتتىگەنلىك ناشتىنىڭ سۈپىتى ئەقلى ئىقتىدارىنىڭ تەرەققىياتىغىمۇ بىۋاستە تەسىر كۆرسىتىدىكەن.تەتقىقاتقا ئاساسلانغاندا، ئادەتتە يۇقىرى ئاقسىللىق ناشتىلىق يەيدىغان بالىلارنىڭ دەرس ۋاقتىدىكى تەپەككۇرى ياخشى بولىدىكەن. ئەمما ئەتتىگەندە گۆشسىز تاماق يەيدىغان بالىلارنىڭ كەيپىياتى ۋە زېھنىي كۈچى تۆۋەن بولىدىكەن.


 

.تاتلىق يېمەكلىكلەرنى كۆپ يېيىش :
تاتلىق يېمەكلىكلەرنى كۆپ يىگەن بالىلارنىڭ ئەقلى ئىقتىدارى تۆۋەن بولىدىكەن.چۈنكى بالىلارنىڭ مېڭە قىسمىنىڭ تەرەققىياتى يېمەكلىك تەركىبىدىكى يېتەرلىك ئاقسىل ۋە ۋىتامىن بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىكەن. ئەمما تاتلىق يېمەكلىكلەر ئاشقازانغا زىيان يەتكۈزۈپ، ئىشتىھا تۇتۇلۇشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ،يۇقىرى ئاقسىل ۋە ھەرخىل ۋىتامىنلارنىڭ سۈمۈرۈلۈشىنى ئازايتىپ، ئورگانىزىملاردا ئۇزۇقلۇق يېتىشمەسلىكنى كەلتۈرۈپ چىقىرىش بىلەن بىللە چوڭ مېڭىنىڭ تەرەققىياتىغىمۇ تەسىر يەتكۈزىدىكەن.


 

.تاماكا چېكىش :
گېرمانىيە تىببىي ئالىملىرى تەتقىق قىلىش ئارقىلىق تاماكىنى كۆپ چەككەندە مېڭە توقۇلمىلىرىدا ئوخشاش بولمىغان دەرىجىدە يىگىلەش ئەھۋاللىرى كۆرۈلۈپ، دېۋەڭلىك.
مېڭىگە قان يېتىشمەسلىك، نېرۋا ھۈجەيرىلىرى ئۆزگىرىپ كېتىش قاتارلىق كېسەللىكلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىكەن.


 

.يېتەرلىك ئۇخلىماسلىق :
 چوڭ مېڭىنىڭ ھارغىنلىقىنى تۈگۈتىشنىڭ مۇھىم ئۇسۇلى- ئۇخلاشتۇر.
ئۇخلىيالماسلىق-مېڭە ھۈجەيرىلىرىنىڭ قېرىشىنى تېزلىتىپ،ئادەمنىڭ ئەستە تۇتۇش قابىلىيىتىنى تۆۋەنلىتىۋېتىدىكەن.


 

.ئاز گەپ قىلىش :
 دائىم سۆزلەپ تۇرغاندا چوڭ مېڭىنىڭ تەرەققىياتى ئىلگىرى سۈرۈلۈپ، چوڭ مېڭىنىڭ ئىقتىدارىنى جارى قىلدۇرىدىكەن.


 

.ھاۋانىڭ بۇلغىنىشى :
چوڭ مېڭە بەدەندە ئوكسىگېننىڭ خوراش مىقتارى ئەڭ يۇقىرى بولغان ئەزا بۇلۇپ، ھەر مىنۇتىغا ئوتتۇرا ھېساپ بىلەن - لېتىرغىچە ئوكسىگېن خورايدىكەن. يېتەرلىك ئوكسىگېن بولغاندىلا چوڭ مېڭىنىڭ خىزمەت ئۈنۈمىنى يۇقىرى كۆتۈرگىلى بولىدىكەن.
شۇڭا مېڭە ئىشلەتكەندە خىزمەت مۇھىتى ۋە ھاۋانىڭ ساپ بۇلىشىغا دىققەت قىلىشى لازىم.


 

.بېشىنى پۈركەپ ئۇخلاش :
 پاختا رەختتىن تىكىلگەن يوتقانلاردا كاربون ئوكسىدىنىڭ قۇيۇقلىشىغا ئەگىشىپ، ئوكسىگېننىڭ قويۇقلۇق دەرىجىسى ئۈزلۈكسىز تۆۋەنلەيدىكەن. نەم ھاۋانى ئۇزۇن مەزگىل سۈمۈرگەندە، بۇنىڭ چوڭ مېڭىگە بولغان تەسىرى چوڭ بولىدىكەن.


 

.مېڭە ئىشلىتىشنى خالىماسلىق :
تەپەككۇر- چوڭ مېڭىنى تەرەققى قىلدۇرۇشنىڭ ئەڭ ياخشى ئۇسۇلى. مېڭىنى كۆپ ئىشلەتكەندە،تەپەككۇر جانلىنىدىكەن. بۇنىڭ ئەكسىچە مېڭىنى كۆپ ئىشلەتمىگەندە، چوڭ مېڭىنىڭ چېكىنىشى تېزلىشىپ، ئەقىللىق ئادەممۇ دۆتلىشىپ كېتىدۇ.


 

. كېسەل تۇرۇپمۇ مېڭىنى ئىشلىتىش :
 كېسەل بولغاندا زورىغا ئۆگەنگەن ۋە خىزمەت قىلغاندا ، ئىش ئۈنۈمى تۆۋەن بولۇپلا قالماستىن، بەلكى چوڭ مېڭىنى زىيانغا ئۇچرىتىدىكەن.
 

 

| بىز ھەققىدە | ئېلان بىرىڭ | مۇلازىمەتلىرىمىز | خېرىدارلىرىمىز | پىكىر بىرىڭ | بىكەت خەرىتىسى |

شىنجاڭ ئانادىيار ئېلېكتىرون پەن-تېخنىكا چەكلىك شىركىتى قارمىقىدىكى توربىكەت 
 新疆阿娜迪亚尔电子科技有限公司 Copyright (c)2008-2015 Www.AnAdiyar.Cn All rigths

新ICP备13003702号-1:تەشكىلى ئاپاراتلار ئىجازەتنامىسى  Email : 527377610@qq.com |  ئېلان ئالاقە نۇمىرى: 13899800203