قېرىشنى تېزلىتىدىغان ماددىلار
كۈندىلىك تۇرمۇشتا ئادەملەرنىڭ قېرىشىنى تېزلىتىدىغان نۇرغۇن ماددىلار بار . ئۇنىڭدىن ساقلىنىش ۋە ھۇشيار بولۇش كېرەك.
چاڭ-تۇزان ۋە ئىس-تۈتەك:
كۈل توزانلىرى ، ئىس-تۈتەك ۋە باشقا توپا-توزانلار ھاۋا بىلەن قوشۇلۇپ ئۆپكىگە ،ئاندىن قانغا ئۆتىدۇ، بۇ ئىنتايىن زىيانلىق . تاماكا چەككۈچىلەرنىڭ قېنىدىكى كۆپ مىقداردىكى نىكوتىن ،كوكۇس مېيى ۋە كاربون چالا ئوكسىدى خولېستېرىننىڭ قان تومۇرىغا چۆكۈۋېلىشىنى ئېغىرلاشتۇرۇپ ،قان تومۇرلارنىڭ قېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ،ئادەمنىڭ قېرىشىنى تېزلىتىدۇ .
ئاق ھاراق:
دائىم كۆپ مىقداردا ھاراق ئىچكەندە جىگەر ئىسپىرت بىلەن زەھەرلىنىپ كېسەللىك پەيدا قىلىدۇ. ئەرلەردە جىنىسىي ئىقتىدارنىڭ ئاجىزلىشىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ،ئىسپىرمىدا غەيرىلىكنى پەيدا قىلىدۇ.ئاياللاردا ھەيز قالايمىقانلىشىش ،جىنىسىي ھەۋەس سۇسلىشىش قاتارلىق بالدۇر قېرىش ھادىسلىرىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
ئاشلىقلاردىكى زەمبۇرۇغلار:
بۇلغىنىپ كۆكىرىپ كەتكەن سېرىق پۇرچاق، قوناق قاتارلىق ئاشلىقلاردا سېرىق ئېچىتقۇ زەمبۇرۇغ بولىدۇ،مۇنداق كۆكىرىپ كەتكەن ئاشلىقلارنى دائىم ئىستېمال قىلغاندا ئاستا خاراكتېرلىك زەھەرلىنىشنى پەيدا قىلىدۇ،ئادەمنىڭ قېرىشىنى تېزلىتىدۇ،ھەتتا راك پەيدا قىلىدۇ.
سۇ دېغى ۋە سۇدىكى چۆكمىلەر:
چۆگۈن،چەينەك ،چايدان ۋە ھەر خىل ساماۋەرلەر ئۇزۇن ۋاقىت ئىشلىتىلگەندە ئۇلارنىڭ ئىچكى يۈزلىرىدە سۇ دېغى پەيدا بولىدۇ،ئەگەر ئۇ تازلىۋېتىلمەي ئىشلىتىلىۋەرسە ھەزىم قىلىش،نېرۋا،سۈيدۈك ئاجرىتىش ۋە قان ھاسىل قىلىش سىستېمىسىدا كېسەللىك پەيدا قىلىپ،ئادەمنىڭ قېرىشىنى تېزلىتىدۇ.
تۇزلانغان يېمەكلىكلەر:
تۇزلانغان بېلىق،تۇزلانغان كۆكتاتلار ،تۇزلانغان گۆش قاتارلىقلاردا نېترات كىسلاتا تۇزلىرى بولىدۇ، ئۇلار ئاشقازان -ئۈچەيلەردىكى باكتېرىيىلەر ۋە ئىشقارلىق يېمەكلىكلەرنىڭ تەسىرىدە زەھەرلىك نېتراتلارغا ئۆزگىرىپ ئادەمنىڭ قېرىشىنى تېزلىتىدۇ،ھەتتا راك پەيدا قىلىدۇ.
| بىز ھەققىدە | ئېلان بىرىڭ | مۇلازىمەتلىرىمىز | خېرىدارلىرىمىز | پىكىر بىرىڭ | بىكەت خەرىتىسى |
تور بىكىتىمىزگە يوللانغان ھەر قانداق كىنو - فىلىم ، ناخشا - مۇزىكا ۋە رەسىملەر توردىن ئېلىنغان ، ئەگەر نەشىر ھۇقۇقىغا دەخلى يەتكۈزدى دەپ قارالغان مەزمۇنلار بولسا بىز بىلەن ئالاقىلىشڭ
(ICP11003167 )ئېلان - ئالاقە تېلېفۇن : 2561272-0991 QQ:527377610 TEL:13899847776