ESERLAR
ئەڭ يېڭى ئەسەرلەر
ئاۋات ئەسەرلەر
elan
ئىسسىق سۇدا يۈز يۇيۇش تېرىنى تېز قېرىتىۋېتىدۇ


ئىسسىق سۇدا يۈز يۇيۇش تېرىنى تېز قېرىتىۋېتىدۇ


 

قىش پەسلىدە نۇرغۇن كىشلەر ئىسسىق سۇدا يۈز يۇيۇشنى ياخشى كۆرىدۇ، بىراق بۇنداق قىلىش تېرىنى ئاسانلا قېرىتىۋېتىدۇ.
جۇڭگو تېببىي پەنلەر ئاكادىمىيسى شەكىل تۈزەش دوختۇرخانىسى يۈز قىسىم شەكىل تۈزەش مەركىزىنىڭ مەسئۇلى جاڭ خەيمىڭ مۇنداق دەيدۇ:
 ئىسسىق سۇدا يۈز يۇيغاندا يۈز قىسمىدىكى ئېپدىرما ئوخشاش بولمىغان دەرىجىدە كۆيۈپ يارلىنىدۇ، بۇنى گەرچەئانچە روشەن ھېس قىلغىلى بولمىسىمۇ بىراق، ئۇزۇن مۇددەت ئىسسىق سۇدا يۈز يۇيغاندا ئىسسىق سۇنىڭ غىدىقلىشى سەۋەبىدىن، ئېپدېرمىدىكى قىل قان تۇمۇرلار تېز كېڭىيدۇ. بۇنىڭ بىلەن تېرە بوشىشىپ ئاسانلا قورۇق پەيدا بولىدۇ-دە، تېرە ناھايتى تېز قېرىپ كېتىدۇ.بەك سوغۇق  سۇدا يۈز يۇيۇشمۇ ئانچەياخشى ئەمەس، ئېپدېرمىدىكى كىچىك ۋېنا سوغۇققا ئۇچرىغاندا تارىيىپ، ئوزۇقلۇقنىڭ ئېپدېرما ھۈجەيرىسىگەتۇشۇلۇشىنى توسقۇنلۇققا ئۇچرىتىپ، تېرىگە ئۇزۇقلۇق يېتىشمەسلىكنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىرگە تېرە سوغۇققا ئۇچرىسا تېرە ئاستى كوللاگېنى نىپىزلاپ، ئېلاستىك تالا ئۇزرايدۇ. بۇنىڭ تېرىگە بولغان زىيىنى ناھايتى چوڭ.شۇنىڭ ئۈچۈن يۈزنى يۈز تېرىسىنىڭ تېمپىراتورسىغا يېقىن كېلىدىغان سۇدا يۇيۇش ئەڭ مۇۋاپىق.

 

| بىز ھەققىدە | ئېلان بىرىڭ | مۇلازىمەتلىرىمىز | خېرىدارلىرىمىز | پىكىر بىرىڭ | بىكەت خەرىتىسى |

شىنجاڭ ئانادىيار ئونۋىرسال توربېكىتى    新疆阿娜迪亚尔维吾尔门户网站 Copyright (c)2008-2015 Www.AnAdiyar.Cn All rigths
新ICP备13003702号-1:تەشكىلى ئاپاراتلار ئىجازەتنامىسى  Email : 527377610@qq.com |  ئېلان ئالاقە نۇمىرى: 13899800203