ئەرلەرنىڭ ساغلاملىغىغا پايدىلىق 5 تەكلىپ
. ئەتىگەندە ئويغانغاندا ئورنىدىن بەش مىنۇت كېچىكىپ تۇرۇش
ئەتىگەن ئويغانغاندا بەش مىنۇت چوڭقۇر نەپەس ئېلىش،ئەسنەش،كېرىلىش پۇت ۋە قول بارماقلىرىنى ھەرىكەتلەندۈرۈش،ئاندىن ئاستا ئولتۇرۇش،كىيىم كىيىش،كارىۋاتتى چۈشۈش لازىم. ئەگەر ئويغانغان ھامان دەرھال ئورنىدىن تۇرغاندا يۈرەك،مىڭە قان تومۇر كىسەللىكلىرى قوزغىلىپ، ئويلىمىغان ئاقىۋەت كېلىپ چىقىشى مۈمكىن.
. پاكىز سۇ ئىچىش
چايداندا بىرنەچچە كۈن تۇرۇپ قالغان، تەكرار-تەكرار قاينىتىلغان قايناقسۇ،جۈمەكتە بىر كىچە تۇرۇپ قالغان سۇ (ئەڭ ياخشىسى سەھەردە تۇرۇبىدىكى سۇنى ئازراق چۈشۈرۋېتىش كېرەك، چۈنكى بۇنداق سۇ تەركىبىدە مىكروپ كۆپ بولىدۇ ) ۋە بىر كېچە تۇرۇپ قالغان دەملەنگەن چاينى ئىچمەسلىك كېرەك.
. ھاراق ئىچكەندىن كېيىن يۇيۇنماسلىق
ھاراق ئىچكەندىن كېيىن يۇيۇنغاندا راۋان ئايلىنىدىغانقاننىڭ سېغىمچانلىقى يېتىشمەي،كوللاپىس (زور مىقداردا قان يوقىتىش،سۇسىزلىنىش،زەھەرلىنىش )ھادىسىسىنى پەيدا قىلىدۇ.
. تۆۋەندىكى يىمەكلىكلەرنى دائىم ئىستىمال قىلىش
() ھەسەل : ھەر كۈنى ئەتىگەندە بىر قوشۇق ھەسەل ئىستىمال قىلغاندا،ئىچكى ئەزالارنى ساغلاملاندۇرۇش، ئاغرىق تۇختىتىش، زەھەرلەندۈرۈش، قان تومۇر قېتىشىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش مەقسىدىگە يەتكىلى بولىدۇ.
() سامساق : كۈچلۈك باكتىرىيە ئۆلتۈرۈش، باكتىرىيىگە قارشى تۇرۇش رولىغا ئىگە سامساقنىڭ "تەبىئىي ئانتىبىئوتىك دورا " دەيدىغان نامى بار.
() چىلان : ئوزۇقلىقى مول بولۇپ، تەركىبىيدە قەنت، ۋىتامىن ۋە مېنىرال ماددىلار بار.
() زەنجىۋىل : قان ئايلىنىشنى راۋانلاشتۇرۇپ، ھەزىم قىلىشقا ياردەم بېرىدۇ.
() خاسىڭ : تەركىبىيدە ئادەم بەدىنى ئېھتىياجلىق بولغان ھەرخىل ئامىنو كىسلاتاسى بار بپلۇپ، ئەستە تۇتۇش ئىقتىدارىنى ئاشۇرۇشقا ياردەم بېرىدۇ.
. ھاجەتخانىغا پات-پات كىرىپ تۇرۇش
ۋاقتىدا كىچىك تەرەت قىلىش : كىچىك تەرەتنى قىسىۋالغاندا، پۈتۈن بەدەن جىددى ھالەتكە ئۆتۈپ، ئاشقازان، ئۈچەي ۋە سىمپاتىك نېرۋىلاردا ۋاقتىنچە قالايمىقانلىشىش پەيدا بولۇپ، قان بېسىمى كۆرىنەرلىك ئۆرلەپ كېتىدۇ.
ۋاقتىدا چوڭ تەرەت قىلىش : ۋاقتىدا ۋە قانۇنىيەتلىك چوڭ تەرەت قىلمىغاندا، چوڭ تەرەت تەركىبىدىكى سۇ سۈمۈرۈلۈپ كىتىدۇ-دە، ۋاقىت ئۇزارغانسېرى قەۋزىيەت شەكىللىنىدۇ.
| بىز ھەققىدە | ئېلان بىرىڭ | مۇلازىمەتلىرىمىز | خېرىدارلىرىمىز | پىكىر بىرىڭ | بىكەت خەرىتىسى |