ESERLAR
ئەڭ يېڭى ئەسەرلەر
ئاۋات ئەسەرلەر
elan
يۇقىرى قان بېسىمى كېسىلىگە ئاسان گىرىپتار بولىدىغانلار


يۇقىرى  قان بېسىمى كېسىلىگە ئاسان گىرىپتار بولىدىغانلار


 

  ئەمەلىيەت شۇنى ئىسپاتلايدۇكى، يۇقىرى قان بېسىم كېسىلى نۇرغۇن ئامىللار مۇناسىۋەتلىك ئىكەن. ئۇنداقتا قانداق ئادەملەر يۇقىرى قان بېسىم كېسىلىگە ئاسانلا گىرىپتار بولۇپ قالىدۇ؟


 

. جەمەتىدە يۇقىرى قان بېسىم كېسىلى تارىخى بارلار.
. سېمىز كىشىلەر.
. ئاچچىقى يامانلار.
. گەپنى تېز ھەم يۇقىرى ئاۋازدا قىلىدىغانلار.
. ئۇششا ئىشلارغا چېپىلىۋالىدىغانلار.
. دائىم تۈن بويى ئۇخلىمايدىغانلار.
. دائىم قەۋزىيەت بولىدىغانلار.
. گۇمانخورلار.
. ئۇزۇن مۇددەت ھاراق ئىچكەنلەر.
. ئۇزۇن مۇددەت ئولتۇرۇپ خىزمەت قىلىدىغانلار.
. زېھنى كۈچىنى يۇقىرى دەرىجىدە مەركەزلەشتۈرىدىغان خىزمەت بىلەن شۇغۇللىنىدىغانلار.
. ئۇزۇن مۇددەت شاۋقۇن - سۈرەنلىك مۇھىتتا خىزمەت قىلىدىغانلار.
. چېنىقمايدىغانلار.
. دائىم ئۇيقۇسىزلىق كۆرۈلىدىغانلار.
. ئىچى تار ئادەملەر.
. تېز ماڭىدىغانلار
. تاماقنى تېز يەيدىغانلار.
. ئاسان ھاياجانلىنىدىغانلار.
. تۇزلۇق تاماق يەيدىغانلار.
. ئەقلىي ئەمگەك بىلەن شۇغۇللىنىدىغانلار.
. يىپىدىن - يىڭنىسىغىچە زىغىرىلاپ كېتىدىغانلار.
. ساقلىقنى ساقلاش ساۋاتلىرىنى ئۇقمايدىغانلار.
. ئۇزۇن مۇددەت ماتورلۇق قاتناش ۋاستىلىرىنى ھەيدىگەنلەر.
. ئىچى دائىم تىت - تىت بولىدىغانلار.
. پەرزەنتلىرىگە ئاسان ئاچچىقلىنىدىغانلار.
. كىشىلەر بىلەن ئالاقە قىلىشنى خالىمايدىغانلار.
. سىرتقا چىقىشنى خالىمايدىغانلار.
. تاماكىنى كۆپ چېكىدىغانلار.
. قولىدىن كەلمەيدىغان ئىشقا ئېسىلىۋالىدىغانلار.
. خىزمەت بىلەن دەم ئېلىشنى بىرلەشتۈرۈشنى بىلمەيدىغانلار.
 

 

| بىز ھەققىدە | ئېلان بىرىڭ | مۇلازىمەتلىرىمىز | خېرىدارلىرىمىز | پىكىر بىرىڭ | بىكەت خەرىتىسى |

شىنجاڭ ئانادىيار ئونۋىرسال توربېكىتى    新疆阿娜迪亚尔维吾尔门户网站 Copyright (c)2008-2015 Www.AnAdiyar.Cn All rigths
新ICP备13003702号-1:تەشكىلى ئاپاراتلار ئىجازەتنامىسى  Email : 527377610@qq.com |  ئېلان ئالاقە نۇمىرى: 13899800203