ئەتىگەنلىك تاماق يىمەسلىكنىڭ سالامەتلىككە بولغان تەسىرى
بىر كىچە ئۇخلاش ئارقىلىق، ئاشقازان بىر كىچىدە ئاجرىتىپ چىقارغان ئاشقازان كىسلاتاسى يىمەكلىك ئارقىلىق نېتراللاشتۇرۇلمايدىكەن. ئاشقازان شىلىمشىق پەردىلىرىنى غىدىقلاپ، ئاشقازاننىڭ يىقىمسىزلىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىكەن. بۇ ئەھۋال ئۇزاق مەزگىل داۋاملاشسا، ئاشقازان ياللۇغى، ئاشقازان يارىسى قاتارلىق كىسەللەكلەرنى پەيدا قىلىدۇ.
ئەتىگەنلىك تاماق يىيىلمىسە، بەدەن ئېھتىياجلىق بولغان ئوزۇقلۇق تەڭپۇڭلىقى بۇزۇلىدۇ، ئەتىگەنكى زۆرۈر بولغان قۇۋۋەت بەدەندىكى شىكەر ۋە ئاقسىلنى خورىتىش ئارقىلىق تولۇقلىنىدىغان بولۇپ، ئەتىگەنلىك تاماق يىمەسلىك ئۇزاق مەزگىل داۋاملاشسا، تېرىنىڭ قۇرغاقلىشىشى، قورۇق چۈشۈش، ۋە كەم قانلىقنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ ھەمدە قېرىشنى ئىلگىرى سۈرىدۇ.
ئەتىگەنلىك تاماق يىيىلمىسە، كېچىسى خورىغان سۇ ۋە ئوزۇقلۇق ماددىلار تولۇقلانماي، قاننىڭ يېپىشقاقلىقى ئېشىپ كېتىدۇ. بۇ كېچىسى ئىشلەپچىقىرىلغان كېرەكسىز نەرسىلەرنى چىقىرىپ تاشلاشقا پايدىسىز بولۇپلا قالماستىن، ئەزالاردا تاش پەيدا بولۇش، مىڭە قاناش ۋە يۈرەك مۇسكۇل تىقىلمىسىغا گىرىپتار بولۇش خەتىرىنى كۆپەيتىۋېتىدۇ.
| بىز ھەققىدە | ئېلان بىرىڭ | مۇلازىمەتلىرىمىز | خېرىدارلىرىمىز | پىكىر بىرىڭ | بىكەت خەرىتىسى |