ESERLAR
ئەڭ يېڭى ئەسەرلەر
ئاۋات ئەسەرلەر
elan
ئاياللار ئۆزگەرتمىسە بولمايدىغان ناچار ئادەتلەر


ئاياللار ئۆزگەرتمىسە بولمايدىغان ناچار ئادەتلەر


 

. دائىم قاپىقىنى تۈرۈپ يۈرۈش:
ئاسانلا تېرىگە ئوزۇقلۇق يېتىشمەسلىكنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، تېرىنى قۇرغاقلاشتۇرۇپ، ئۇنىڭ ئىلاستىكىلىغىنى تۆۋەنلىتىۋېتىدۇ ھەم ئاسانلا قورۇق پەيدا قىلىدۇ.


 

. كەچلىك ئۇيقۇغا ئەھمىيەت بەرمەسلىك:
كەچتە ئۇخلىماسلىق تېرىنىڭ ئەڭ ئەشەددىي دۈشمىنى، ئۇيقۇ يېتەرلىك بولمىسا تېرىدىكى ھۈجەيرىلەرنىڭ تەڭشەش ئىقتىدارى قالايمىقانلىشىپ، ئىپتىلىيە ھۈجەيلىرىگە زىيان يەتكۈزىدۇ. شۇڭا خانىم قىزلار چوقۇم كۈندە يەتتە- سەككىز سائەت ئۇخلاشقا كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك. ئۇيقۇ يېتەرلىك بولغاندا، تېرىدىكى ھۈجەيرىلەرنىڭ ھاياتى كۈچىنى ئاشۇرۇپ، قېرىشنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ.


 

. دائىم ئاپتاپتا يۈرۈش:
قۇياش نۇرى تېرىنىڭ ئېلاستىكىلىقى ۋە ھاياتى كۈچىنى ئاشۇرۇشتا مۇھىم رول ئوينايدىغان ئېلاستىك توقۇلمىلار ۋە ئاقسىل تەركىبلىرىنى بىۋاستە زىيانغا ئۇچۇرتۇپ، يۈز تېرىسىنى يىرىك قىلىپ قويىدۇ ۋە تېرىدە قورۇق پەيدا قىلىدۇ.


 

. ھاراق ئىچىش:
ھاراق ئىچىش خانىم- قىزلارغا نىسبەتەن ناچار ئادەت. خانىم -قىزلار ھاراق ئىچىشنى ئادەت قىلىۋالسا، ۋاقىتنىڭ ئۇزىرىشىغا ئەگىشىپ ھاراق تېرىدىكى ياغ تەركىبىنى ئازايتىپ، تېرىنىڭ سۇسىزلىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، تېرىنىڭ ئىقتىدارىغا زىيان يەتكۈزىدۇ.


 

. سۇ ئىچمەسلىك:
سۇ ئىچىپ بېرىشكە ئادەتلەنمىگەندە، تېرىنىڭ سۇسىزلىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ ۋە قورۇق پەيدا قىلىپ، تېرىنىڭ ئىلاستىكىلىقىنى ئاجىزلاشتۇرۋىتىدۇ. شۇڭا ھەر كۈنى بەش- ئالتە ئىستاكان سۇ ئىچىپ بېرىش تېرىگە پايدىلىق. بىراق قەھۋە تۈرىدىكى ئىچىملىكلەرنى ئىچمەسلىك، سۇغۇق ئىچىملىكلەرنى ئاز ئىچىش كېرەك.


 

. ھەركەت قىلىشنى ياقتۇرماسلىق:
مۇۋاپىق ھەركەت قىلىپ، يېنىك پائالىيەتلەر بىلەن شۇغۇللىنىپ چېنىقىپ بەرگەندە، قان ئايلىنىشنى تېزلىتىپ، بەدەننىڭ ھەركەت ئىقتىدارىنى، تېرىنىڭ نەملىكىنى ئاشۇرغىلى بولىدۇ. بۇ ئارقىلىق تېرىنىڭ ئاجىزلىشىشى، قېرىشنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ.


 

. گىرىمنى پاكىز يۇماسلىق:
گىرىم بۇيۇملىرى تېرىدە ئۇزۇن تۇرۇپ قالسا، تېرىگە ئەكىس تەسىر كۆرسىتىپ، تېرىنىڭ نورمال ئىقتىدارىغا زىيان يەتكۈزىدۇ، ھەتتا ھەر خىل تېرە كېسەللىكلىرىنى پەيدا قىلىدۇ. شۇڭا كەچتە ياتىدىغان چاغدا چوقۇم گىرىمنى پاك- پاكىز يۇيۇۋېتىش كېرەك. ئەگەر گىرىم تولۇق چىقىرۋېتىلمىسە، تۈك تۆشۈكچىلىرى ئېتىلىپ قىلىپ، تېرىنىڭ نەپەسلىنىشىگە تەسىر يەتكۈزىدۇ.


 

. ئۆز تېرىسىگە مۇۋاپىق كەلمەيدىغان گىرىم بۇيۇملىرىنى ئىشلىتىش:
بەزىلەرنىڭ تېرىسى قۇرغاق، بەزىلەرنىڭ تېرىسى ياغلىق بولىدۇ. گىرىم بۇيۇملىرىمۇ، سوپۇنلارمۇ مۇشۇنىڭغا ماس ھالدا ئىشلەنگەن. ئەگەر ئىشلەتكەن گىرىم بۇيۇملىرى تېرىگە مۇۋاپىق كەلمىسە، ئەكسىچە تېرىنى ناچارلاشتۇرۋېتىدۇ. شۇڭا خانىم -قىزلار ئۆزىنىڭ تېرىسى زادى قانداق تىپقا كىرىدۇ، قانداق ئاسرىسا توغرا بولىدۇ، دېگەندەك نۇقتىلارنى ئوبدان چۈشۈنۈپ، تېرىگە ماس كىلىدىغان گىرىم بۇيۇملىرىنى ۋە سوپۇنلارنى ئىشلىتىشى كېرەك.


 

. غىدىقلىغۇچى يېمەكلىكلەرنى كۆپ يېيىش، ۋىتامىن تولۇقلاشقا سەل قاراش:
تېرىنىڭ ئادەم بەدىنىنىڭ ئىچكى ئاجرىتىش سىستېمىسى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى ئىتايىن زىچ. مۇچ، ياغدا پىشۇرۇلغان يېمەكلىكلەر ئادەم بەدىنىنىڭ ئىچكى ئاجراتما سىستېمىسىغا تەسىر كۆرسىتىپ، تېرىنىڭ پارقىراق، سىلىقلىقىغا ئېغىر تەسىر يەتكۈزىدۇ. كۆكتات، مېۋە-چىۋىلەر تەركىبىدە ھەر خىل ۋىتامىن كۆپ بولۇپ، تېرىنىڭ ئىلاستىكىلىقىنى ئاشۇرۇپ، نەملىكنى تەڭشەيدۇ. شۇڭا غىدىقلىغۇچى يېمەكلىكلەرنى ئاز يىيىش، كۆكتات ، مېۋە چىۋىلەرنى كۆپ يېيىشكە ئادەتلىنىش كېرەك. 
 

 

| بىز ھەققىدە | ئېلان بىرىڭ | مۇلازىمەتلىرىمىز | خېرىدارلىرىمىز | پىكىر بىرىڭ | بىكەت خەرىتىسى |

شىنجاڭ ئانادىيار ئېلېكتىرون پەن-تېخنىكا چەكلىك شىركىتى قارمىقىدىكى توربىكەت 
 新疆阿娜迪亚尔电子科技有限公司 Copyright (c)2008-2015 Www.AnAdiyar.Cn All rigths

新ICP备13003702号-1:تەشكىلى ئاپاراتلار ئىجازەتنامىسى  Email : 527377610@qq.com |  ئېلان ئالاقە نۇمىرى: 13899800203