ESERLAR
ئەڭ يېڭى ئەسەرلەر
ئاۋات ئەسەرلەر
elan
روھى جەھەتتىن قېرىشنىڭ ئىپادىلىرى


روھى جەھەتتىن قېرىشنىڭ ئىپادىلىرى


 

 پىسخولوگلار  ئادەم قېرىماي تۇرۇپ ، روھىي جەھەتتىن قېرىپ قېلىشتەك ئەھۋاللارنى‹‹پىسخىك جەھەتتىن قېرىش›› دەپ ئاتىغان بولۇپ ، بۇنىڭ ئىپادىلىرى تۆۋەندىكىچە :


 

   . رىقابەت ئېڭى ئاجىزلىشىش . ئۆز كەسپىگە نىسبەتەن يېڭىلىق يارىتىش ئېڭى بولماسلىق ، تۇرمۇشىنى مەنىسىز ھىس قىلىش ، بولۇپمۇ ئەقىلىي ئەمگەك بىلەن شۇغۇللانغۇچىلاردا ‹‹ئارمانغا چۇشلۇق دەرمان يوق››بولۇش.


 

   . ئۆز–ئۆزىنى تۆۋەن كۆرۈش ، كەمسىتىش ھېسسىياتى كۈچلۈك بولۇش . ھەمىشە خۇرسىنىپ ، دەۋرگە نىسبەتەن ئۆزىنى سەپتىن چۈشۈپ قالغاندەك ھېس قىلىش .


 

    . ئىنكاسى نورمال بولماسلىق . بەزى ۋاقىتلاردا ھەددىدىن زىيادە سەزگۈر بولۇپ كېتىپ ، ھەممە نەرسىدىن گۇمانلىنىدىغان بولۇپ قېلىش ، يەنە بەزى ۋاقىتلاردا كۆپچىلىككە بەك ئارىلىشىپ نىمە قىلىمەن ، دەپ ئويلاپ، ئەتراپىدا يۈز بەرگەن ئىشلارغا يۈزەكى ئىنكاس قايتۇرۇش .


 

    . جاھىل ، شەخسىيەتچى بولۇپ كېتىش . قانداقلا ئىش قىلسۇن، ئۆزىنى مەركەز قىلىۋېلىپ ، ئۆزىنىڭ دېگىنىنى قىلىش.


 

    . يالغۇزلۇقنى خالاش. تۇرمۇشتا كىچىككىنە ئوڭۇشسىزلىققا ئۇچرىسا قاتتىق قايغۇرۇپ، ئۆزىنى يوقىتىپ، ئۆزى يالغۇز يۈرۈشنى ۋە جىمجىتلىقنى خالاش.


 

   . ئىدىيە جەھەتتىن دەماللىققا تەدبىرلىك بولالماسلىق. تۇيۇقسىز يۈز بەرگەن ئىشلارغا يولۇققاندا، ھەمىشە نىمە قىلىشىنى بىلمەي قېلىش.


 

   . كەيپىيات جەھەتتە ئالدىراڭغۇلۇق. تۇرمۇشتا بارغانسېرى ھېسسىياتقا بېرىلىپ ئىش قىلىدىغان بولۇپ كېتىش سۆز–ھەرىكەتتە بارغانسېرى كاللا ئىشلەتمەيدىغان بولۇپ كېتىش.


 

  . تەدرىجى ھورۇنلىشىش. روھى جەھەتتىن چۈشكۈنلىشىپ، زېھنىي قۇۋۋىتى يېتەرلىك بولمىغاندەك ھىس قىلىش، جىمجىتلىقنى خالاپ، ۋاراڭ–چۇرۇڭنى خالىمايدىغان بولۇپ قېلىش ، كۆپ ئۇخلاش، ھەمىشە ھاراق ۋە چاي ئىچىپ، ئىچ پۇشۇقىنى چىقىرىش .

 

| بىز ھەققىدە | ئېلان بىرىڭ | مۇلازىمەتلىرىمىز | خېرىدارلىرىمىز | پىكىر بىرىڭ | بىكەت خەرىتىسى |

شىنجاڭ ئانادىيار ئونۋىرسال توربېكىتى    新疆阿娜迪亚尔维吾尔门户网站 Copyright (c)2008-2015 Www.AnAdiyar.Cn All rigths
新ICP备13003702号-1:تەشكىلى ئاپاراتلار ئىجازەتنامىسى  Email : 527377610@qq.com |  ئېلان ئالاقە نۇمىرى: 13899800203