شاكىلات سالامەتلىككە زىيانلىق
شاكىلات ھازىر تەرەققىي تاپقان دۆلەتلەردىكى كىشىلەرنىڭ نەزىرىدە سالامەتلىككە زىيانلىق يېمەكلىك دەپ قارىلىپ ، ئاز يېيىش تەشەببۇس قىلىنماقتا .
ئۇنداقتا شاكىلاتنىڭ ئادەمنىڭ سالامەتلىكىگە راستىنلا زىيىنى بارمۇ ؟
شاكىلات كاكاۋۇ پۇرچىقى تالقىنى ، كالا سۈتى ، شىكەر ، پۇراقلىق ماتېرىياللار ۋە قوۋزاق دارچىن قاتارلىقلاردىن ياسىلىدۇ . كاكاۋۇ پۇرچىقىنىڭ تەركىبىدە % ماي ، % ئاقسىل ، % كراخمال بولىدۇ . ھاسىل قىلىدىغان ئىسسىقلىقنىڭ %. ى مايدىن ، %. ى ئاقسىلدىن ، %. ى كاربون سۇ بىرىكمىلىرىدىن ھاسىل بولىدۇ . لېكىن ئادەتتىكى يېمەك – ئىچمەك ھاسىل قىلىدىغان ئىسسىقلىقنىڭ % – % ى مايدىن ، % – % ى ئاقسىلدىن ، % – % ى كاربون سۇ بىرىكمىلىرىدىن ھاسىل بولىدۇ .
شاكىلات تەركىبىدىكى ماي – تويۇنغان ماي بولۇپ ، ئۇ ئورگانىزمدىكى خولېستېرىننى ئاشۇرۇپ ، قان تومۇر قېتىشىش ۋە يۈرەك كېسىلىگە گىرىپتار بولۇشنى تېزلىتىدۇ . تەتقىقاتلارغا ئاساسلانغاندا ، شاكىلات تەركىبىدە يەنە كوففېئىن بولۇپ ، ئۇ قان تومۇرلارنى قىسقارتىپ ئورگانىزمدىكى تۆۋەن زىچلىقتىكى ماي ، ئاقسىل مىقدارىنى ئۆرلىتىۋېتىدىكەن . تەركىبىدە كوففېئېن بولغان يېمەكلىكلەرنى دائىم كۆپ مىقداردا ئىستېمال قىلغاندا ، يۈرەك قان تومۇر كېسەللىكلىرىنىڭ يۈز بېرىش نىسبىتى ئاشىدىكەن .
شاكىلات قورساق ئاچتۇرمايدىغان بولۇپ ، دائىم قورساق توقتەك ھېس قىلدۇرىدۇ ، ئۆسمۈرلەر ، بالىلار شاكىلاتنى دائىم يېسە ئىشتىھاسىنى تۇتۇپ ، باشقا زۆرۈر بولغان ئوزۇقلۇق تەركىبلىرىنى يېتەرلىك قوبۇل قىلالماي ، ساغلام ئۆسۈپ يېتىلىشى زور توسقۇنلۇققا ئۇچرايدۇ .
يېقىندا يەنە چەت ئەللەردىكى بىئوخىمىيە ، ئوزۇقشۇناسلىق مۇتەخەسسىسلىرى شاكىلات تەركىبىدە بىر خىل برومىدلىق ماددا بارلىقىنى ، ئۇنىڭ شاكىلاتتىكى قەھۋە ئىشقارى بىلەن ئورتاق رول ئوينايدىغانلىقىنى ، بۇنىڭ بىلەن بالىلارنىڭ ئارتۇقچە ھاياجانلىنىپ ئۇخلىغىلى ئۇنىمايدىغان بولۇپ قالىدىغانلىقىنى ۋە ئۇنىڭ بالىلارنىڭ چوڭ مېڭىسىگە ناچار تەسىر كۆرسىتىدىغانلىقىنى بايقىغان . شاكىلات تەركىبىدە يەنە مۇئەييەن مىقداردا چۆپ كىسلاتاسى بولۇپ ، ئۇ ئورگانىزمنىڭ تۆمۈر ، كالتىسىي سۈمۈرۈشىگە توسقۇنلۇق قىلىپ ، بالىلار ئۇستىخىنىنىڭ ئۆسۈشىنى تەسىرگە ئۇچرىتىدۇ ھەمدە قان ئازلىق ۋە راخىت كېسەللىكىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ . بالىلار قەنت تەركىبى يۇقىرى شاكىلاتنى يېسە چىشىنى قۇرت يەيدۇ . شۇنى دېيىش زۆرۈركى ، بالىلار ، سېمىز كىشىلەر ۋە قان تومۇر كېسەللىكى ئاغرىقلىرى شاكىلاتنى ئاز يېيىشى كېرەك .
| بىز ھەققىدە | ئېلان بىرىڭ | مۇلازىمەتلىرىمىز | خېرىدارلىرىمىز | پىكىر بىرىڭ | بىكەت خەرىتىسى |
تور بىكىتىمىزگە يوللانغان ھەر قانداق كىنو - فىلىم ، ناخشا - مۇزىكا ۋە رەسىملەر توردىن ئېلىنغان ، ئەگەر نەشىر ھۇقۇقىغا دەخلى يەتكۈزدى دەپ قارالغان مەزمۇنلار بولسا بىز بىلەن ئالاقىلىشڭ
(ICP11003167 ) ئېلان - ئالاقە تېلېفۇن : 2561272-0991 QQ:527377610 TEL:13899800203 13899847776