ESERLAR
ئەڭ يېڭى ئەسەرلەر
ئاۋات ئەسەرلەر
elan
تاماكىنىڭ زىيىنىنى تۆۋەنلىتىدىغان يېمەكلىكلەر

 
تاماكىنىڭ زىيىنىنى تۆۋەنلىتىدىغان يېمەكلىكلەر


 

  دائىم تاماكا چەككەندە، قاندىكى سېلېن ئېلېمېنتىنىڭ مىقدارى تۆۋەنلەپ كېتىدۇ. سېلېن ئېلېمېنتى راكنىڭ ئالدىنى ئېلىشتا كەم بولسا بولمايدىغان مىكرو ئېلېمېنت ھېسابلىنىدۇ. شۇڭا تاماكا چېكىدىغانلار دائىم سېلېن مىقدارى مول ھايۋانلارنىڭ جىگىرى، دېڭىز يۇسۇنى، راك قاتارلىق يېمەكلىكلەرنى ئىستېمال قىلىپ بېرىشى كېرەك.
 
  ۋىتامىن تولۇقلاش كېرەك.
تاماكا ئىسى تەركىبىدىكى بەزى بىرىكمە ماددىلار ۋىتامىن ، B، C، ، ، قاتارلىقلارنىڭ ئاكتىپلىقىنى تۆۋەنلىتىپ، بەدەندىكى بۇ ۋىتامىنلارنىڭ كۆپ مىقداردا خورىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. شۇڭا تاماكا چېكىدىغانلار دائىم تەركىبىدە بۇنداق ۋىتامىنلار مول سۈت، سەۋزە، يەر ياڭىقى، كۆممىقوناق ئۇنى، پۇرچاق ئۈندۈرمىسى، يېسىۋىلەك، ئۆسۈملۈك يېغى قاتارلىقلارنى كۆپرەك ئىستىمال قىلىپ بېرىشى كېرەك. شۇنداق قىلغاندىلا تاماكا چېكىشتىن ئازلاپ كەتكەن ۋىتامىنلارنى تولۇقلاپ، بەدەننىڭ ئىممۇنىتېت كۈچىنى ئاشۇرغىلى بولىدۇ. تەتقىقاتلاردىن ئىسپاتلىنىشىچە، دائىم سۈت ۋە سەۋزە ئىستېمال قىلىدىغان تاماكا چەككۈچىلەرنىڭ ئاشقازان راكى ياكى ئۆپكە راكىغا گىرىپتار بولۇش نىسبىتى، بۇنداق يېمەكلىكلەرنى دائىم ئىستېمال قىلمايدىغان تاماكا چەككۈچىلەرنىڭكىدىن كۆرۈنەرلىك تۆۋەن بولىدىكەن.


 

 دائىم چاي ئىچىپ بېرىش كېرەك.
 تاماكا ئىسى تەركىبىدىكى بەزى بىرىكمە ماددىلار ئارتېرىيە ئىچكى پەردىسىنى قېلىنلاشتۇرۇۋېتىپ، ئاشقازان كىسلاتاسىنىڭ ئاجرىلىپ چىقىش مىقدارىنىڭ تۆۋەنلىشىنى، قان قەنتىنىڭ يۇقىرىلاپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. چاي تەركىبىدىكى كاتېخىن خولېستېرىننىڭ قان تومۇرى دىۋارىغا توپلىنىۋېلىشىنى ئۈنۈملۈك توسۇۋالالايدۇ. شۇڭا تاماكا چەككۈچىلەر دائىم چاي ئىچىپ بەرسە، بۇنداق كېسەلنىڭ قوزغىلىشىنىڭ ئالدىنى ئالالايدۇ. چاي يەنە سۈيدۈكنى راۋانلاشتۇرىدۇ، زەھەرنى  ياندۇرىدۇ. تاماكا تەركىبىدىكى بىر قىسىم زەھەرلىك ماددىلار سۈيدۈك ئارقىلىق چىقىرىۋېتىلىپ، زەھەرلىك ماددىلارنىڭ بەدەن ئىچىدە تۇرۇپ قېلىش ۋاقتىنى ئازايتىدۇ.


 

 خولېستېرىننى تۆۋەنلىتىدىغان يېمەكلىكلەرنى كۆپ ئىستېمال قىلىپ بېرىش كېرەك.
تاماكا چېكىش قان تومۇرىدىكى خولېستېرىن بىلەن ياغنىڭ مىقدارىنى ئاشۇرۇپ، چوڭ مېڭىگە يەتكۈزۈلىدىغان قان مىقدارىنى ئازايتىۋېتىپ، ئاسانلا مېڭە يىگىلەش، چوڭ مېڭىنىڭ قېرىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. شۇڭا تاماكا چەككۈچىلەر ياغ كىسلاتاسى كۆپ بولغان سېمىز گۆش قاتارلىق يېمەكلىكلەرنى ئاز ئىستېمال قىلىشى، خولېستېرىننى تۆۋەنلىتىدىغان ياكى تىزگىنلەيدىغان سۈت، بېلىق تۈرىدىكى يېمەكلىكلەرنى، پۇرچاقتىن ياسالغان يېمەكلىكلەرنى، بەزى يۇقىرى تالالىق يېمەكلىكلەرنى، سوقۇلغان قىزىلمۇچ، دارچىن، مېۋە - چېۋە، كۆكتات قاتارلىقلاردىنمۇ ئىستېمال قىلىپ بېرىشى كېرەك.


 

مەنبە : شىنجاڭ گېزىتى

 

| بىز ھەققىدە | ئېلان بىرىڭ | مۇلازىمەتلىرىمىز | خېرىدارلىرىمىز | پىكىر بىرىڭ | بىكەت خەرىتىسى |

شىنجاڭ ئانادىيار ئېلېكتىرون پەن-تېخنىكا چەكلىك شىركىتى قارمىقىدىكى توربىكەت 
 新疆阿娜迪亚尔电子科技有限公司 Copyright (c)2008-2015 Www.AnAdiyar.Cn All rigths

新ICP备13003702号-1:تەشكىلى ئاپاراتلار ئىجازەتنامىسى  Email : 527377610@qq.com |  ئېلان ئالاقە نۇمىرى: 13899800203