چاچ چۈشۈشنىڭ ئالدىنى ئېلىشتىكى تەدىبرلەر
. چاچقا نىلون تارغاق ئىشلەتمەسلىك كېرەك . چۈنكى نىلون تارغاق باش تېرىسىگە يامان تەسىر پەيدا قىلىدۇ .
. قۇرغاق چاچ سوپۇنلىرىنى ئىشلەتمەسلىك كېرەك . چۈنكى بۇ خىل چاچ سوپۇنلىرى چاچنى بەكلا قۇرغاقلاشتۇرۇپلا قالماستىن ، باش تېرىسىنىمۇ نىكروزلاشتۇرۇۋېتىدۇ .
. چاچ قۇرۇتقۇنى كۆپ ئىشلەتمەسلىك كېرەك . چاچ قۇرۇتقۇنىڭ چاچ بىلەن بولغان ئارىلىقى سانتىمېتىر بولۇشى ، ئىشلىتىش ۋاقتى ئۈچ مىنۇتتىن ئېشىپ كەتمەسلىكى كېرەك ، بولمىسا چاچتىكى ئېلېمېنتلار زىيانغا ئۇچرايدۇ .
. چاچ يۇيۇش ئۇسۇلىغا ئەھمىيەت بېرىش كېرەك . ئىككى قېتىملىق چاچ يۇيۇش ئارىلىقى ئىككى كۈندىن بەش كۈنگىچە بولۇش ، چاچ يۇيغاندا باش تېرىسىنى ئۇۋۇلاشقا ، قان ئايلىنىشنىڭ ياخشىلىنىشىغا ئەھمىيەت بېرىش كېرەك .
. ۋاقتىدا ئۇخلاش ، كېچىدە تاماكا چەكمەسلىك كېرەك .
. روھىي چۈشكۈنلۈك ۋە ئارتۇقچە ئازابتىن خالىي بولۇش ، كۆپرەك سەيلە – ساياھەت قىلىش ، يېنىك گىمناستىكا ئويناپ تۇرۇش كېرەك .
.قەۋزىيەت بولۇپ قېلىشتىن ساقلىنىش كېرەك . چۈنكى قەۋزىيەت قان سۇيۇقلۇقىنى بۇلغاپ ، چاچ چۈشۈشنى پەيدا قىلىدۇ .
. باش كىيىملەرنىڭ ھاۋا ئۆتۈشۈپ تۇرىدىغان بولۇشىغا ئەھمىيەت بېرىش كېرەك . ئۇنداق بولمىغاندا چاچنىڭ كۆتەك مۇسكۇللىرى بۇزۇلۇپ ، چاچ ئاقىرىش ۋە چۈشۈشنى پەيدا قىلىدۇ .
| بىز ھەققىدە | ئېلان بىرىڭ | مۇلازىمەتلىرىمىز | خېرىدارلىرىمىز | پىكىر بىرىڭ | بىكەت خەرىتىسى |
تور بىكىتىمىزگە يوللانغان ھەر قانداق كىنو - فىلىم ، ناخشا - مۇزىكا ۋە رەسىملەر توردىن ئېلىنغان ، ئەگەر نەشىر ھۇقۇقىغا دەخلى يەتكۈزدى دەپ قارالغان مەزمۇنلار بولسا بىز بىلەن ئالاقىلىشڭ
(ICP11003167 )ئېلان - ئالاقە تېلېفۇن : 2561272-0991 QQ:527377610 TEL:13899847776