ESERLAR
ئەڭ يېڭى ئەسەرلەر
ئاۋات ئەسەرلەر
elan
سېمىزلىك ۋە ئۇنىڭ زىيىنى


سېمىزلىك ۋە ئۇنىڭ زىيىنى


 

سېمىزلىك - بەدەندە ماي بەك كۆپ يىغىلىپ كېتىشتىن پەيدا بولىدىغان " پاراغەت كېسىلى". ئۇنىڭ ئاساسلىق سەۋەپلىرى روھى جەھەتتىكى خاتىرجەملىك، بىپەرۋالىق، باياشاتلىق، كۆپ يەپ ئاز كۈچ سەرپ قىلىش، كۆپ ئۇخلاش، بەدەندە ھۆللىكنىڭ زىيادە ئېشىپ كېتىشى قاتارلىقلارىن بولىدۇ.
    يېمەكلىك تەركىبىدىكى سېمىزلىكنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان ھەر خىل مايلىق تەركىبلەر جۇملىدىن مايلىق گۆشلەر مايلارنىڭ مۇھىم مەنبەئى بولغاندىن تاشقىرى، ئاقسىللار ۋە قەنتلەر بەدەنگە كىرگەندىن كېيىن، بەدەننىڭ ئېھتىياجىدىن ئارتۇق قىسمى مايغا ئايلىنىپ بەدەندە زاپاس ساقلىنىدۇ.  ئادەم بەدىنىدىكى ماي ماددىسى ئاساسلىقى تېرە ئاستى، بويۇن، ساغرا ۋە قۇرساقلاردا توپلىشىپ قالىدۇ. ئەرلەرنىڭ قۇرسىقى، ئاياللارنىڭ كۆكسى، ساغرىسى، يوتىسى قاتارلىق قىسمىغا يىغىلىپ قالىدۇ. مۇۋاپىق مىقتاردىكى ماي تەن ساقلىق ۋە بەدەننىڭ گۈزەللىكى ئۈچۈن مۇھىم. ئەمما ماي نورمىدىن ئارتىپ  بەدەن سەمىرىپ كەتسە، گۈزەللىككە تەسىر يېتىپلا قالماستىن بەلكى سالامەتلىكىمۇ زور تەھدىت سالىدۇ.
     ئادەتتە سىمىزلىكنىڭ كىلىپ چىقىشى كۆپ تەرەپلىمىلىك ئامىللار بىلەن مۇناسىۋەتلىك.


 

   .  ئورگانىزىمغا قۇبۇل قىلىنغان ئوزۇقلۇقلارنىڭ ئېھتىياجدىن ئېشىپ كېتىشىدىن بولىدۇ. بەزى كىشىلەر ئەسلى تەبىئىتى ھۆل ھەم تۇرمۇش شارائىتى ياخشى بولۇش بىلەن بىرگە ئاشقازان، ئۈچەي، جىگەر، يۈرەك، ئۆپكە قاتارلىق ئىچكى ئەزالىرى ۋە ماددا ئالمىشىشى نورمال بولۇپ، داۋاملىق گۆشلۈك ۋە ھۆللىك خۇسۇسىيىتى ئارتۇق تاماقلارنى كۆپ ئىستېمال قىلىش ۋە سۇيۇقلۇقلارنى كۆپ ئىچىش نەتىجىسىدە بەدەننىڭ ھۆللىكى ئېشىپ، شۇنداقلا ئارتۇق قۇبۇل قىلىنغان ئوزۇقلۇقلار مايغا ئايلىنىپ، زاپاس ساقلانغانلىقتىن سەمىرىپ كېتىدۇ.


 

    .  ئوزۇقلۇق تەركىبىنىڭ مۇۋاپىق بولماسلىقىدىن بولىدۇ. داۋاملىق گۆشلۈك، مايلىق، ئوزۇقلۇق قىممىتى يۇقىرى، تاتلىق ۋە كۈچلۈك يېمەكلىكلەرنى ئىستېمال قىلىش ۋە ئۇسسۇزلۇقنى كۆپ ئىچىش نەتىجىسىدە غەيرىي تەبىئىي ھۆللىك ئۈستۈنلۈكنى ئىگىلەش ۋە مايلار زاپاس ساقلىنىش تۈپەيلىدىن كېلىپ چىقىدۇ.


 

    . ئوزۇقلىنىش قالايمىقان بولۇشتىن بولىدۇ. بەزى كىشىلەردىكى سېمىزلىك ئۇلارنىڭ تۇرمۇش شارائىتى ياكى خىزمىتى بىلەن مۇناسىۋەتلىك. ئۇلار خالىغان مايلىق گۆشلىك تاماقلارنى كۆپ يەيدۇ. مۇسەللەس، ھاراق - شاراپلارنى كۆپ ئىستېمال قىلىدۇ. بولۇپمۇ ئاشپەزلەر كۆپىنچە قۇلايلىق شارائىتلاردىن پايدىلىنىپ دائىم ھەر خىل كۈچلۈك، قۇۋەتلىك تاماقلار بىلەن ئوزۇقلىنىدۇ ھەمدە سۇيۇقلۇقلارنى كۆپ ئىچىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بەدەندە تەبىئىي بولمىغان ھۆللىك ئېشىپ كېتىپ سەمىرىپ كېتىدۇ.


 

   . جىسمانىي ھەركەتلەرنىڭ يېتەرلىك بولماسلىقىدىن بولىدۇ. تاماقتىن كېيىن ھەرىكەت قىلماي ئارام ئېلىش، ئۇخلاش قاتارلىق ئەھۋاللاردا مايلىق، شېكەرلىك ماددىلار بەدەندە مايغا ئايلىنىدۇ ھەمدە بەدەندىكى ئېنېرگىيە سەرپىياتى تۆۋەنلەپ، ئېنىرگىيە ئىشلەتمەي زاپاس ساقلىنىپ مايلارنىڭ بىرىكىش جەريانى تېزلىشىدۇ، شۇنىڭ بىلەن سېمىزلىك كېلىپ چىقىدۇ.


 

    . ئېرسىيەت ئامىلى ۋە سېمىزلىك گېنىدىن بولىدۇ. ئالىملار يېقىندا يەنە سېمىزلىك گېنىنىڭ تېپىلغانلىقىنى ئېلان قىلدى. خېلى يىللاردىن بېرى، ماتېرياللاردا سېمىزلىكنىڭ ئۇدۇم بىلەن مۇناسىۋىتى بارلىقى خاتىرلەنگەن. تەتقىقات ماتېرياللىرىدا ئاتا - ئانا ھەر ئىككىلىسى سېمىز بولغانلارنىڭ بالىلىرىنىڭ سېمىز بولۇش نىسبىتى % نى، ئاتا - ئانىنىڭ بىرى سېمىز بولغانلارنىڭ  % نى ئىگىلەيدىغانلىقى كۆرسىتىلگەن. يەنە بىرى، بىر ئائىلىدە ئاتا - ئانىلارنىڭ ياكى پەرزەنتلەرنىڭ سېمىز بولىشى شۇ ئائىلىدىكى ئوخشاش تۇرمۇش شارائىت، ئوزۇقلىنىش ئادىتى قاتارلىقلار بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولىشى مۇمكىن.


 

   .  مۇھىت ئامىلى ۋە ياش پەرقىدىن بولىدۇ. بەزى كىشىلەرنىڭ تەبئىتى يېشىنىڭ چوڭىيىشىغا ئەگىشىپ ھۆللىككە ئايلىنىدۇ ياكى تۇرۇشلۇق جاينىڭ ھاۋا كىلىماتىدا ھۆل - يېغىن، نەملىك كۆپ بولسا، شۇ كىشىنىڭ تەبىئىتى بۇنىڭغا ماسلىشىپ ئاستا - ئاستا سەمىرىپ كىتىدۇ. بۇ خىل ئەھۋال ئاياللاردا كۆپ ئۇچىرايدۇ.


 

    زىيادە سېمىزلىك تۆۋەندىكىدەك ھەر خىل تەبىئىي بولمىغان ئامىللارغا، كېسەللىكلەرگە دۇچار قىلىشى مۇمكىن:
 نەپەس قىيىنلىشىش، بەدەندىكى سۇيۇقلۇقنىڭ توسۇلۇپ قېلىشى سەۋەبلىپ تۇمۇرلاردا توسالغۇ پەيدا قىلىپ ھۇشسىزلىنىش كېسىلىگە سەۋەپچى بولىدۇ. قان تۇمۇرلار ئاسان قانايدىغان، قان توختىمايدىغان ۋە تېرە ئاستىغا قان چۈشىدىغان ئەھۋاللارنى پەيدا قىلىدۇ. يۈرەك ئەتراپىغا ياغ توپلىشىپ، يۈرەك سېلىش، خاپىغانلىق كېسىلىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. پالەچلىككە، ئاشقازان بۇزۇلۇشتىن بولىدىغان ئىچ سۈرۈشكە سەۋەپ بولىدۇ. ئۇندىن باشقا زىيادە سېمىز ئادەمنىڭ كېسەللىك ئەھۋالىغا توغرا دېئاگىنوز قويماقمۇ بىر قەدەر تەس. سېمىز كىشىلەر رىيازەت، ئاچلىق، تەشنالىق ۋە قىزىتمىلىق كېسەللىكىگە دېگەندەك چىداشلىق بېرەلمەيدۇ.
    ئارتۇقچە سېمىزلىكتىن ساقلىنىشتا كۆپرەك ئەمگەك ۋە ھەركەت قىلىش، ئاز دەم ئېلىپ، ئاز ئۇخلاش لازىم. پات - پات ھور مۇنچىدا تەرلىنىش، قۇمغا كۆمۈلۈش، قۇرۇقلۇق خۇسۇسىيىتىگە ئىگە مايلار بىلەن بەدەننى مايلاپ بېرىش، شۇنىڭ بىلەن بىرگە تاماقنى مۇۋاپىق كونتىرول قىلىش، ئوزۇقلۇقلارنىڭ تەركىبىنى بىلىش، ناچار ئوزۇقلىنىش ئادىتىنى ئۆزگەرتىش، ئىلمىي، مۇۋاپىق ئوزۇقلىنىش، ھايۋانات مايلىرىنى ۋە يۇقىرى مايلىق، قەنتلىك، ئاقسىللىق يېمەكلىكلەرنى ئازراق ئىستېمال قىلىپ كۆكتات ۋە مىۋە - چىۋىلەرنى كۆپ ئىستېمال قىلىش، تاماقتىن كېيىن ئاستا مېڭىش، ئەتتىگەن كەچتە يىنىك يۈگىرەپ بېرىش ئادىتىنى يىتىلدۈرۈش، سۈ ئۈزۈش قاتارلىق ھەر خىل يىنىك تۈردىكى ساغلاملىق ھەركەتلىرى بىلەن شۇغۇللىنىش قاتارلىق ۋاستىلەر بىلەن بەدەندىكى ئارتۇق ماينىڭ سەرپىياتىنى كۈچەيتىش ئارقىلىق بەدەن سەمىرىپ كېتىشتىن ساقلىنىش، بەدەندىكى ھۆللىكنى قۇرۇتۇپ ئورۇقلىتىش ئۈچۈن سۈيدۈك ھەيدىگۈچى، قەۋزىيەتنىڭ ئالدىنى ئالغۇچى، چوڭ تەرەتنى راۋانلانلاشتۇرغۇچى يېمەك - ئىچمەكلەرنى ئىستېمال قىلىش ۋە دورىلارنى يېيىش كېرەك. شۇنىڭ بىلەن بىرگە بەزى قۇرۇق ئىسسىق، ھەزىمنى ياخشىلاپ، ماددا ئالمىشىشىنى تېزلىتىپ، ئارتۇقچە ھۆللىكنى قۇرۇتقۇچى تەسىرگە ئىگە دورىلارنى يەپ بېرىش ئارقىلىق ئورۇقلاش مەقسىتىگە يەتكىلىمۇ بولىدۇ.
 

 

| بىز ھەققىدە | ئېلان بىرىڭ | مۇلازىمەتلىرىمىز | خېرىدارلىرىمىز | پىكىر بىرىڭ | بىكەت خەرىتىسى |

شىنجاڭ ئانادىيار ئونۋىرسال توربېكىتى    新疆阿娜迪亚尔维吾尔门户网站 Copyright (c)2008-2015 Www.AnAdiyar.Cn All rigths
新ICP备13003702号-1:تەشكىلى ئاپاراتلار ئىجازەتنامىسى  Email : 527377610@qq.com |  ئېلان ئالاقە نۇمىرى: 13899800203