كۆرۈش قۇۋۋىتىنى ياخشىلاشنىڭ ئاددىي ئۇسۇلى
.بىر ئىككى سائەت يېزىقچىلىق قىلغان ياكى كىتاب كۆرگەندىن كېيىن كۆرۈش سىزىقىنى يىراق نۇقتىغا يۆتكەپ ، كۆرۈش سېزىمىنى ئوخشاش بولمىغان ئارىلىققا ماسلاشتۇرۇش لازىم .
.كۆز قارچۇقىنى سولدىن ئوڭغا ،ئوڭدىن سولغا قېتىمدىن ئايلاندۇرۇپ ،ئاندىن كۆزنى بىردەم يۇمۇپ ئاندىن ئېچىپ ، باش بارماقنىڭ ئوتتۇرا بوغۇمى بىلەن كۆز ئۇۋىسى ۋە ئۈستۈنكى قاپاقنى بەش-ئالتە قېتىم ئۇۋىلاپ بەرسە ، كۆز چارچاشنى تۈگىتىپ ، يېقىننى كۆرەلمەسلىكنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ .
.كۆزنى يېرىم يۇمۇپ ، ئىككى قولنىڭ ئالقىنىنى بىر -بىرىگە سۈركەپ قىززىتىپ ، ئالقان بىلەن كۆزگە ئىسسىق ئۆتكۈزۈپ بەرسە كۆرۈش قۇۋۋىتىنى ياخشىلىغىلى بولىدۇ .
. دەل -دەرەخلەرنىڭ يېشىل يوپۇرماقلىرى كۆن نۇرى تارقاتقان كۆزگە زىيانلىق ئۇلترا بىنەپشە نۇرنى سۈمۈرۈۋالىدۇ . يوپۇرماقنىڭ نۇر قايتۇرۇش رولى ئادەمنىڭ نېرۋا سىستېمىسى ۋە كۆرۈش تور پەردىسىگە ماس كېلىدۇ . شۇڭا كۆز چارچىغاندا گۈل-گىياھ ، دەل -دەرەخلەرنىڭ يېشىل يوپۇرماقلىرىغا قارىغاندا ، كۆزنىڭ چارچىشىنى تۈگەتكىلى ،كۆرۈش سەزگۈرلۈكىنى ئاشۇرغىلى بولىدۇ .
.، دەملەپ بولۇنغان چاي خالتىسىنى ئىسسىق پېتى كۆزگە قويۇپ ، ئۈچ مىنۇت ئەتراپىدا ئىسسىق ئۆتكۈزسە ھەم بۇنى داۋاملاشتۇرسا ، كۆزنىڭ نەملىكىنى ساقلىغىلى بولىدۇ .
. ھەر كۈنى ئەتىگىنى يۈز يۇيغاندا باشنى سەل ئېگىز كۆتۈرۈپ ، كۆزنى يۇمۇپ تۇرۇپ ، ئىسسىق سۇغا چىلانغان لۆڭگىنى كۆز ۋە پىشانىگە قويۇپ ، لۆڭگە سوۋۇغاندا يەنە ئىسسىق سۇغا چىلاپ بىر -ئىككى قېتىم بىر مىنوت ئەتراپىدا قايتىلاپ بەرسە ھەم بۇنى داۋاملاشتۇرسا ياشانغانلاردىكى كۆز تورلىشىشنى داۋالىغىلى بولىدۇ .
| بىز ھەققىدە | ئېلان بىرىڭ | مۇلازىمەتلىرىمىز | خېرىدارلىرىمىز | پىكىر بىرىڭ | بىكەت خەرىتىسى |