ESERLAR
ئەڭ يېڭى ئەسەرلەر
ئاۋات ئەسەرلەر
elan
چاچ ئاقىرىشنى پەيدا قىلىدىغان ئامىللار

 


 

چاچ ئاقىرىشنى پەيدا قىلىدىغان ئامىللار


 

  نۇرغۇن كىشىلەر ئوتتۇرا ياشقا بارغاندا چېچىغا ئاق كىرىدۇ، بىراق بەزىلەر ئوتتۇرا ياشقا بارمايلا چېچىغا ئاق كىرىشكە باشلايدۇ ،  بۇ  گۈزەللىكنى سۆيىدىغان ئاياللارنىڭ كۆڭلىنى پەرىشان قىلىدۇ.  ئەمەلىيەتتە چاچنىڭ ئاقىرىشىنى ھەر خىل ئامىللار كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. چاچقا ئاق كىرىشنىڭ سەۋەبىنى ئېنىق بىلىپ، ئۇنىڭغا تەدبىر قوللانغاندا، چاچقا ئاق كىرىشنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ.
     ئادەتتە نۇرغۇن كېسەللىك ئادەم بەدىنىدە تەڭپۇڭسىزلىق پەيدا قىلىدۇ. شۇنداقلا ئىچكى ئاجرىتىش سىستېمىسىنى قالايمىقانلاشتۇرۇۋېتىدۇ. بۇنىڭ بىلەن چاچ بالدۇر ئاقىرىپ كېتىدۇ. مەسىلەن، قوقاق، كېزىك، بەزگەك قاتارلىق كېسەللەر، ھەتتا تارقىلىشچان زۇكاممۇ چاچنىڭ بالدۇر ئاقىرىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان ئامىلدۇر. ئادەمدە دىئابېت كېسىلى، يارىلىق بوغماق ئۈچەي ياللۇغى ۋە قان ئازلىق، ئوزۇقلىنىش ناچار بولۇش قاتارلىقلار بولسىمۇ، چاچ ئوڭاي ئاقىرىپ كېتىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا يەنە مەلۇم رادىئاتسىيىلىك نۇر ۋە ئېغىر سىرتقى زەخمىنىڭ تەسىرىدىمۇ چاچ قىسمەن ياكى پۈتۈنلەي ئاقىرىپ كېتىدۇ. ئادەتتە زىيادە جىددىيلىك، غەم- قايغۇمۇ چاچنىڭ بالدۇر ئاقىرىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. بۇنداق ناچار روھىي ھالەتلەر ئوڭايلا بەدەننىڭ ئىچكى ئاجرىتىش سىستېمىسىنىڭ خىزمىتىنى قالايمىقانلاشتۇرۇۋېتىدۇ. شۇڭا مۇتەخەسسىسلەر چاچنىڭ بالدۇر ئاقىرىپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشتا، روھىي ھالەتنى ئازادە تۇتۇشنى، يېمەكلىكلەرگە ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىشنى، بولۇپمۇ يۇقىرى ئاقسىللىق يېمەكلىكلەرنى، شۇنداقلا تەركىبىدە مىس، تۆمۈر، سىنىك، كالتسىي ۋە ۋىتامىن مول بولغان يېمەكلىكلەرنى ۋە مىۋە كۆكتاتلارنى كۆپرەك ئىستىمال قىلىشنى تەۋسىيە قىلىدۇ .

 

| بىز ھەققىدە | ئېلان بىرىڭ | مۇلازىمەتلىرىمىز | خېرىدارلىرىمىز | پىكىر بىرىڭ | بىكەت خەرىتىسى |

شىنجاڭ ئانادىيار ئېلېكتىرون پەن-تېخنىكا چەكلىك شىركىتى قارمىقىدىكى توربىكەت 
 新疆阿娜迪亚尔电子科技有限公司 Copyright (c)2008-2015 Www.AnAdiyar.Cn All rigths

新ICP备13003702号-1:تەشكىلى ئاپاراتلار ئىجازەتنامىسى  Email : 527377610@qq.com |  ئېلان ئالاقە نۇمىرى: 13899800203