سامساقنى خام يېگەندە ...
سامساقنىڭ باكتېرىيە ئۆلتۈرۈش رولى ناھايىتى كۈچلۈك بولۇپلا قالماستىن ، يەنە باكتېرىيە كەلتۈرۈپ چىقارغان زۇكام ، ئىچى سۈرۈش ، ئۈچەي - ئاشقازان ياللۇغى ھەمدە بادامسىمان بەز ياللۇغى قاتارلىقلارنى داۋالاش ئۈنۈمىگە ئىگە . يەنە مېتابولىزمنى كۈچەيتىپ ، ئىشتىھانى ئېچىپ ، ئارتېرىيە قېتىشىش ۋە يۇقىرى قان بېسىمنىڭ ئالدىنى ئېلىش رولى بار .
ئەڭ يېڭى تەتقىقاتلارغا ئاساسلانغاندا ، سامساقنىڭ يەنە مېڭىنى قۇۋۋەتلەش رولى بولۇپ ، بۇنىڭدىكى سەۋەب - سامساق ۋىتامىن B نىڭ رولىنى كۈچەيتەلەيدىكەن ، ۋىتامىن B گلۇكوزىنىڭ مېڭە ئېنېرگىيىسىگە ئايلىنىش جەريانىغا قاتنىشىدىغان مۇھىم قوشۇمچە ماددا . ئۇنىڭدىن باشقا ، سامساق يەنە رادىئاكتىپ ماددىلارنىڭ بەدەنگە بولغان خەتىرىنى توسۇپ ، ناچار تەسىرلەرنى يېنىكلىتىدۇ .
سامساقنىڭ بەدەنگە شۇنداق پايدىلىق تەرەپلىرى بولسىمۇ ، ئەمما خام سامساقنى زىيادە كۆپ يېسە سالامەتلىككە زىيانلىق . شۇڭلاشقا سامساقنى خام يېگەندە تۆۋەندىكى بىر قانچە نۇقتىغا دىققەت قىلىش كېرەك :
ئاچ قورساققا يېمەسلىك ياكى سامساق يەپ بولۇپلا قىززىق شورپا ، چاي ئىچمەسلىك ؛
كۈن ئاتلاپ ئاز ئىستېمال قىلىش ، ھەر قېتىمدا - چىش يېيىش بىلەن چەكلىنىش كېرەك ؛
يۈرەك كېسىلى بارلار ياكى ئادەت خاراكتېرلىك قەۋزىيەت كېسىلى بارلار ئازراق يېيىشى ، ھەسەل بىلەن بىللە يېمەسلىكى كېرەك .
| بىز ھەققىدە | ئېلان بىرىڭ | مۇلازىمەتلىرىمىز | خېرىدارلىرىمىز | پىكىر بىرىڭ | بىكەت خەرىتىسى |