ئەرلەر ۋە ساغلاملىق
– ياشتىكى ئەرلەرنىڭ بەدىنىنىڭ ماددا ئالمىشىشى ئاستىلاشقا باشلايدۇ. تاتلىق يېمەكلىكلەرنىڭ ئىسسىقلىق مىقدارى يۇقىرى بولغاچقا، ئاسانلا ياغقا ئايلىنىپ قورساققا يىغىلىۋالىدۇ. شۇڭا ئەڭ ياخشىسى تاتلىق يېمەكلىكلەرنى ئاز يېيىش ياكى يېمەسلىك كېرەك. ھاراقنى ئاز ئىچىش كېرەك. چۈنكى ھاراقنى كۆپ ئىچسە، جىگەر قېتىشىش، ئېغىزبوشلۇقى راكى، كېكىردەك راكىغا گىرىپتار قىلىدۇ. قان بېسىمىنى ئۆرلىتىپ يۈرەك كېسىلى ياكى يۈرەك مۇسكۇل تىقىلمىسىنى پەيدا قىلىدۇ.
– ياشتىن ئەرلەرنىڭ تېرىسى بوششىقا، كۆزنىڭ ئەتراپىغا قۇرۇق چۈشۈشكە باشلايدۇ. شۇڭا ئاپتاپ چېقىشتىن ساقلىنىشى كېرەك ھەمدە تېرە سىلىقلاش مېيىنى سۈرۈش، تېرىنىڭ قۇرغاقلىشىپ كېتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش كېرەك. بۇ ياشتىكى ئەرلەر بۆرەك كېسىلى بولۇپ قېلىشتىن ئېھتىيات قىلىش كېرەك.
– ياشتىكى ئەرلەرنىڭ بېشىنى ئەڭ ئاغرىتىدىغان مەسىلە كۆرۈش قۇۋۋىتىنىڭ ئاجىزلاپ كېتىشى بولىدۇ. ئادەتتە كۆز ئالمىسىنى ئوڭ – سولغا،يۇقىرى – تۆۋەنگە مىدىرلىتىپ بېرىش ياكى ئىككى بىلەكنى سوزۇپ، باش بارماق بىلەن سەككىز رەقىمنى يېزىپ، كۆزنى باش بارماق ھەرىكىتى بىلەن تەڭ يۆتكەپ بېرىش كېرەك. بۇ ھەرىكەتنى ھەر كۈنى مىنۇت داۋالاشتۇرسا، كۆز تورلىشىشنىڭ ۋە كۆزگە ئاق چۈشۈشنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ.
– ياشتىكى ئەرلەرنىڭ بەدەن ئىممۇنىتېت سىستېمىسىنىڭ ئىقتىدارى ئاجىزلاپ، ئىلگىرىكىگە قارىغاندا ئاسان كېسەل بولۇپ قالىدۇ، چىشمۇ بوشايدۇ. بەدەندىكى كالتسىينىڭ ئازىيىپ كېتىشى بىلەن بويىمۇ ئىلگىرىكىدىن ئازراق پاكارلاپ كېتىدۇ. تەخمىنەن ھەر يىلدا بويى . سانتىمېتىر پاكارلاپ كېتىدۇ. شۇڭا، كىشىلەر يېمەكلىك تاللىغاندا ئوزۇقلۇقنىڭ تەڭپۇڭ بولۇشىغا دىققەت قىلىش كېرەك.
– ياشتىكى ئەرلەرنىڭ تاشقى قىياپىتىدە زور ئۆزگىرىش بولىدۇ. تېرىسى يىرىكلىشىدۇ، قېرىلىق دېغى پەيدا بولىدۇ، خاتىرىسى ئاجىزلايدۇ. بۇ ياشتىكىلەر تەركىبىدە ئاقسىل ماددىسى كۆپ يېمەكلىكلەرنى ئىستېمال قىلىپ بېرىشى كېرەك ھەمدە ھەر خىل ئوزۇقلۇق ماددىلارنىمۇ تولۇقلاشقا دىققەت قىلىشى كېرەك. بۇنداق قىلغاندا بەدىنىگە ئوزۇقلۇق يېتىشىپ، روھى ئۇرغۇپ تۇرىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىرگە ھەر كۈنى چېنىقشنى قەتئىي داۋاملاشتۇرۇش كېرەك .
| بىز ھەققىدە | ئېلان بىرىڭ | مۇلازىمەتلىرىمىز | خېرىدارلىرىمىز | پىكىر بىرىڭ | بىكەت خەرىتىسى |
تور بىكىتىمىزگە يوللانغان ھەر قانداق كىنو - فىلىم ، ناخشا - مۇزىكا ۋە رەسىملەر توردىن ئېلىنغان ، ئەگەر نەشىر ھۇقۇقىغا دەخلى يەتكۈزدى دەپ قارالغان مەزمۇنلار بولسا بىز بىلەن ئالاقىلىشڭ
(ICP11003167 ) ئېلان - ئالاقە تېلېفۇن : 2561272-0991 QQ:527377610 TEL:13899800203 13899847776