ئەرلەر بۆرىكى ئاجىزلاشنىڭ ھەر خىل ئالامەتلىرى
قەدىمكى تېبابەتتە "بۆرەك ئاجىزلاپ كېتىش" تىكى "بۆرەك" پەقەت بەدەندىكى بۆرەك ئەزاسىنىلا كۆرسىتىپ قالماستىن ، بەلكى ئادەمنىڭ جىنسىي كۈچى ، جىنسىي ئالاقىسى ، جىنسىي تۇرمۇشى ، كۆپىيىش سېستىمىسنىڭ ئەھۋالى ، ئۆسۈپ يېتىلىشى ، ھەزىم قىلىش ، ئىچكى ئاجراتمىلارنىڭ نورمال بولۇش بولماسلىقىغا قارىتىلغان ئىدى .
"بۆرەك ئاجىزلاش ئالامىتى" مۇ ناھايىتى كەڭ بولغان بىر ئۇقۇم بولۇپ ، ئۇ سۈيدۈك سېستىمىسى ، روھى ساغلاملىق ھەم ھەزىم قىلىش ، قان ، نەپەس ئېلىش قاتارلىق سېستىمىلارغا مۇناسىۋەتلىك كېسەللك . شۇڭلاشقا ، بۆرەك ئاجىزلىشىنىڭ ئالامەتلىرىمۇ ناھايىتى كۆپ بولىدۇ ، ئومۇمەن تۆۋەندىكىچە :
بۆرەك ئاجىزلىشىنىڭ مېڭە جەھەتتىكى ئالامەتلىرى:
ئەستە تۇتۇش قابىلىيىتى تۆۋەنلەش .
مېڭە ئاجىزلىشىش ،دېققىتىنى مەركەزلۈشتۈرەلمەسىلىك ، خىزمەت ئۈنۈمى تۆۋەنلەش
بۆرەك ئاجىزلىشىشنىڭ كەيپىيات جەھەتتىكى ئىپادىسى:
كەيپىيات تۇراقسىز بولۇش.
كەيپىياتنىڭ باشقۇرۇش تەسكە چۈشۈش ، باش قېيىش ، ئاسان ئاچچىقلىنىش ، جاھىل بولۇپ قېلىش ، خامۇش بولۇپ قېلىش.
بۆرەك ئاجىزلىشىنىڭ ئىشەنچ - ئىرادە جەھەتتىكى ئالامەتلىرى:
ئىشەنچسىز بولۇش كېرەك .
ئۆزىگە ئىشەنمەسلىك بولۇپ قېلىش ، خىزمەت قىزغىنلىقى بولماسلىق ، تۇرمۇشتا قىزغىنلىق بولماسىلىق ، ياشاش نىشانى بولماسىلىق.
بۆرەك ئاجىزلىشىنىڭ جىنسىي مۇناسىۋەت جەھەتتىكى ئالامەتلىرى:
جىنسىي ئىقتىدارى تۆۋەنلەش.
ئەرلەرنىڭ جىنسىي تۇرمۇشقا بولغان قىزىقىشى تۆۋەنلەش ، جىنسىي ئىستىكى تۆۋەنلەش ، جنسىي ئەزايى تۇرماسلىق ، ياكى تۇرسىمۇ قاتتىق بولالماسلىق ، مەنى(ئىسپىرما) تۇتالماسلىق ، بالدۇر چىقىپ كېتىش ، مىكروسكوپتا ئىسپىرمىنى كۆزەتكەندە ، ئىسپىرمىنىڭ ئاكتىپلىقى تۆۋەنلەش ، ئىسپىرما ھۆجەيرلىرى ئازلاش ، بالىلىق بولالماسلىق .
ئاياللارنىڭ بالىياتقۇسى نورمال يېتىلمەسلىك ، ھەيز قالايمقانلىشىش ، جىنسىي ئىستىكى تۆۋەنلەش ، بالىلىق بولالماسىلىق .
بۆرەك ئاجىزلىشىنىڭ سۈيدۈك سېستىمىسىدىكى ئالامەتلىرى:
كىچىك تەرەت سانى كۆپىيىش ، كىچىك تەرەت قىستاش ، كىچىك تەرەت رەڭگى سۇسلىشىش .
بۆرەك ئاجىزلىشىنىڭ يەنە باشقا ئالامەتلىرى:
بالدۇر ئاجىزلىشىش.
ئۇنتۇغاق ، ئۇيقۇسىزلىنىش ، ئىشتىھاسى تۇتۇلۇش ، سۆڭەك ، بوغۇملار ئاغرىش ، بەل ، تىزلار سىرقىراپ ئاغرىش ، كۈچسىزلىنىش ، كۆرۈش قۇۋۋىتى ئاجىزلىشىش ، ئاڭلاش سېزىمى ئاجىزلىشىش . چاچ چۈشۈش ، چاچ بالدۇر ئاقىرىش . چىش بوشاپ كېتىش .
چىرايى سۇلغۇنلىشىش ، قارا چەمبىرەك چوڭقۇرلاش ، تېرە رەڭگى نۇرسىزلىنىش ، تېرە يىرىكلىشىش ،قۇرغاقلىشىش ، بالدۇرلا قورۇق كۆرۈنۈش ، تېرىنىڭ ئىلاستىكىلىكى تۆۋەنلەش . ئاياللارنىڭ كۆكسى ساڭگىلاش ، بەل ، قورساقتا مايلار يىغىلىش قاتارلىق پۈتۈن بەدەن ئەھۋاللىرى كۆرۈلۈشكە باشلايدۇ .
| بىز ھەققىدە | ئېلان بىرىڭ | مۇلازىمەتلىرىمىز | خېرىدارلىرىمىز | پىكىر بىرىڭ | بىكەت خەرىتىسى |
تور بىكىتىمىزگە يوللانغان ھەر قانداق كىنو - فىلىم ، ناخشا - مۇزىكا ۋە رەسىملەر توردىن ئېلىنغان ، ئەگەر نەشىر ھۇقۇقىغا دەخلى يەتكۈزدى دەپ قارالغان مەزمۇنلار بولسا بىز بىلەن ئالاقىلىشڭ
(ICP11003167 )ئېلان - ئالاقە تېلېفۇن : 2561272-0991 QQ:527377610 TEL:13899847776