ESERLAR
ئەڭ يېڭى ئەسەرلەر
ئاۋات ئەسەرلەر
elan
كەچلىك تاماقنى زىيادە كۆپ يىيىشنىڭ 20 خىل زىيىنى


كەچلىك تاماقنى زىيادە كۆپ يىيىشنىڭ 20 خىل زىيىنى


 

 كەچلىك تاماقنى زىيادە كۆپ يېيىش سالامەتلىكنىڭ ئەڭ چوڭ دۈشمىنى بولۇپ، ئۇنىڭ تۆۋەندىكىدەكخىل زىيىنى بار :
. قان شېكىرى ۋە قاندىكى ياغ كىسلاتالىرىنىڭ قويۇقلۇق دەرىجىسىنى ئۆرلىتىۋېتىدۇ.
. ئىنسۇلىننىڭ كۆپلەپ ئاجرىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، دىئابىت كېسىلىنىڭ پەيدا بولىشىغا سەۋەب بولىدۇ.
. بەدەندىكى ئارتۇق ئىسسىقلىق مىقدارىنى ياغقا ئايلاندۇرۇپ، ئادەمنى ئاسانلا سەمرىتىۋېتىدۇ.
. سۈيدۈك يولىدا تاش پەيدا قىلىدۇ.
. جىددى خاراكتېرلىك ئاشقازان ئاستى بېزى ياللۇغى پەيدا قىلىدۇ.
. ئاشقازان كېڭىيىش، ئاشقازان دىۋارىنىڭ نېپىزلىشىشى،ئاشقازان يارىسى ۋە ئاشقازان تېشىلىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
. ھەزىم قىلىش ناچارلىشىشىنى ئاشقازان پېتىپ ئاغرىشنى پەيدا قىلىدۇ.
.ئاشقازان-ئۈچەي راكىنىڭ پەيدا بولۇش نىسبىتىنى ئۆرلىتىۋېتىدۇ.
. يۇقىرى قان بېسىمى ۋە يۈرەك قان تومۇرى كېسەللىكىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
.جىگەرنى ياغ قاپلاپ كېتىدۇ.
. خولېستېرىننى ئۆرلىتىپ، قىزىل قان تومۇرنى قاتۇرىدۇ.
. ئەقلىي ئىقتىدارنى تۆۋەنلىتىپ، خامۇشلۇق كېسىلىنى پەيدا قىلىدۇ ۋە ئادەمنى دۆتلەشتۈرىۋېتىدۇ.
. ئۇيقۇنى قاچۇرىدۇ، نېرۋا ئاجىزلىقىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
. كۆپ چۈش كۆرۈشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
. چوڭ مېڭىنىڭ ئارام ئېلىشىغا تەسىر يەتكۈزۈپ، چوڭ مېڭە نېرۋا سىستېمىسىنىڭ پائالىيىتىنى جىددىلەشتۈرۈۋېتىدۇ.
. ئادەمنى بالدۇر قېرىتىۋېتىدۇ.
. چوڭ مېڭىنىڭ ماددا ئالمىشىشىنى قالايمىقانلاشتۇرۇۋېتىدۇ.
. يۈرەكنىڭ يۈكىنى ئېغىرلاشتۇرۇۋېتىدۇ، يۈرەك بىلەن ئۆپكىنىڭ نورمال خىزمەت پائالىيىتىنى قالايمىقانلاشتۇرۇۋېتىدۇ.
. كۆكرەك بىلەن قورساق بوشلۇقىنىڭ ھەرىكىتىنى چەكلەپ قويىدۇ.
. كەچلىك تاماقنى زىيادە كۆپ يېيىشنىڭ ئەڭ يامان ئاقىۋىتى شۇكى، ئۇ تۇيۇقسىز ئۆلۈمنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
 

 

| بىز ھەققىدە | ئېلان بىرىڭ | مۇلازىمەتلىرىمىز | خېرىدارلىرىمىز | پىكىر بىرىڭ | بىكەت خەرىتىسى |

شىنجاڭ ئانادىيار ئونۋىرسال توربېكىتى    新疆阿娜迪亚尔维吾尔门户网站 Copyright (c)2008-2015 Www.AnAdiyar.Cn All rigths
新ICP备13003702号-1:تەشكىلى ئاپاراتلار ئىجازەتنامىسى  Email : 527377610@qq.com |  ئېلان ئالاقە نۇمىرى: 13899800203